سىچۇەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 900 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان

خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ پەنجىخۇا رايونىدا 30 - ئاۋغۇست شەنبە كۈنى 6.1 بال يەر تەۋرەپ، ھازىرغا قەدەر 40 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 900 مىڭ كىشىنىڭ ئاپەتتە قالغانلىقى مەلۇم بولدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.02
 سىچۇەندە بۇنىڭ ئالدىدا يەنى12 - مايدا يۈز بەرگەن چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى 70 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چېڭكۈن تۆمۈر يولىنىڭ پەنجىخۇا بۆلۈكى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان بولۇپ، كۈنمىڭدىن بۇ رايونغا قاتنايدىغان بارلىق تۆمۈر يول لىنىيىلىرى توختىتىلغان. بۇ رايونغا جايلاشقان بىر پولات تاۋلاش زاۋۇتىدىن زەھەرلىك خېمىيىلىك سۇيۇقلۇق تارقىغان. خەلقئارالىق قىزىل كىرىست جەمئىيىتى نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ بۇ ئاپەت رايونىغا ياردەم ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ بۈگۈن تارقاتقان ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە 40 ئادەم ئۆلگەن، يارىلانغانلار 675 كە يەتكەن. يەر تەۋرىگەن رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 940 مىڭ بولۇپ، 390 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەندىن سىرت، بۇ جايدىكى مەكتەپ زاۋۇت، كارخانىلار ھەممىسىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆرۈلۈش، دەز كېتىش كۆرۈلگەچكە ئىشتىن توختىغان.

بۇ تەۋرەش يۈننەن بىلەن سىچۈەننىڭ چېگرىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، قاتتىق يامغۇر ھەمدە قاتناش قولايسىزلىقى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى توسالغۇغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.