ئىككى نەپەر ئۇيغۇر تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمدارىنىڭ «گۇاڭجۇدا ئىشلەۋاتقانلار» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

0:00 / 0:00

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان گۇاڭجۇدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەندىن كېيىن ئۆزىنى «خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر» دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئاڭلىغۇچىمىز رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، مەزكۇر ئىككى يۇقۇمدارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن گۇاڭجۇغا يۆتكەپ كېلىنگەن مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشچىلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئىككى يۇقۇمدارنىڭ گۇاڭجۇدا «ئىشلەۋاتقانلار» ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى «كۇنمىڭ ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلغان ئىدى. ئاۋسترالىيەدىكى سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردا 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت كارخانىلارغا مەجبۇرى يۆتكىگەن.

گۇاڭدۇڭدىكى ئىككى ئۇيغۇر يۇقۇمدار ھەققىدە تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتىمۇ گۇاڭجۇدا بەلگىلىك ساندا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ بارلىقى ئىشارەت قىلىنغان. شۇڭا رادىيومىزغا يوللانغان ئىنكاستىكى ئۇچۇرنىڭ، يەنى مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر يۇقۇمدارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشچىلىرىدىن ئىكەنلىكىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتىگە تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىم سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن بۇ يۇقۇمدارلارنىڭ كىملىكلىرىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقى، بۇ ھەقتە ئاشكارىلىنىشقا بولىدىغان ئۇچۇرلارنى پەقەت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدىكى تور بېتىدىنلا كۆرەلەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان گۇاڭجۇ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىمۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى پەقەت ئالاقىدار تور بەتتىن كۆرۈشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى ۋە ھەرقانداق بىر خادىمنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گۇاڭجۇدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارغا ئالاقىدار خادىملار ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما كىملىكىنى بىلدۈرمىگەن. گۇاڭجۇدا يەنە مەلۇم بىر مۇلازىمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغان بىر خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار ئۇلارغا بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش قىلغاندا بۇ ئىككى يۇقۇمدارنىڭ گۇاڭجۇدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىنى دېمىگەن.

«جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 2‏-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى لاگېرلاردىن خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىدىكى زاۋۇت-فابرىكالارغا يۆتكەشنى پىلانلىغان، ئەمما تاجسىمان ۋىرۇس سەۋەبلىك بۇ پىلاننىڭ ئىجراسى كېچىكتۈرۈلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، گۇاڭدۇڭنىڭ شېنجېن شەھىرىگىلا 50 مىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىش ۋەزىپە قىلىنغان. گۇاڭجۇدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ئۇيغۇرمۇ ئۆز ئىش ئورنىدا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ يۇقۇملانغانغلىقى ھەققىدە يىغىن ئېچىلغانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى ئېيتتى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارغىمۇ مەزكۇر ئىككى يۇقۇمدارنىڭ «گۇاڭجودا ئىشلەيدىغانلار» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

«جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە «ئەنخۇي گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىنىشىچە، ئەنخۇيغا 3‏-ئاي ئىچىدە 1560 ئىشچى يۆتكەپ بولۇنغان. ئەمما خەۋەردە گۇاڭدوڭغا يۆتكىلىش پلانلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىشكە باشلىغان ياكى باشلىمىغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن.

يۇقۇرىقى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەزكۇر ئىككى يۇقۇمدارنىڭ گۇاڭجودا ئىشلەۋاتقانلار ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دائىرىلەر مەجبۇرىي يۆتكەپ ئەكەلگەن ئىشچىلار ياكى ئۆز ئالدىغان كەلگەن رېستوران قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇلازىمەتچى ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.