14-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە سىياسىي قانۇنى» ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىنغان بىر مەمۇرىي بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى. شۇ كۈنى دونالد ترامپ بۇ قانۇن ھەققىدە بايانات بەردى.
دونالد ترامپ سۆزىدە خوڭكوڭغا قارىتىلغان ئىلگىرىكى بارلىق ئىقتىسادىي ئىمتىيازلارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن مەن خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىگە ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىنغان بىر مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويدۇم. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان بارلىق ئىمتىيازلىرى بىكار قىلىندى. خوڭكۇڭغا بۇندىن كېيىن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ، ئالاھىدە ئىمتىيازلىرى بولمايدۇ، سەزگۈر تېخنىكىلار خوڭكوڭغا ئېكسپورت قىلىنمايدۇ.»
پرېزىدېنت دونالد ترامپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ھەممەيلەن نېمە ئىشلار بولۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ياخشى ۋەزىيەت ئەمەس. خوڭكۇڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكى تارتىۋېلىندى، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىندى. خوڭكۇڭ ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مەن خوڭكوڭنى ئەركىن سودا رىقابىتىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، كۆپلىگەن كىشىلەر خوڭكوڭدىن كېتىدۇ.»
پرېزىدېنت دانولد ترامپ ئامېرىكانىڭ «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى قانۇنى» ۋە قوشۇمچە بىر مەمۇرىي بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خەلقئارا تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 15-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى نارازىلىق باياناتى بېرىپ، ئەگەر ئامېرىكا بۇ قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرسە، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ خوڭكوڭدا ‹دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى› نىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش مۇددىئاسى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى زۆرۈر بولغان ئىنكاسلارنى قايتۇرىدۇ. ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە تارماقلىرىغا تەدبىر قوللىنىدۇ. بىز ئامېرىكانى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ، ئاتالمىش ‹خوڭكوڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى قانۇنى› نى ئىجرا قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمىز. بىز يەنە ئامېرىكانى ھەرقانداق بىر ۋاسىتە قوللىنىپ خوڭكوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا دەۋەت قىلىمىز. ئەگەر ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا يول تۇتىدىكەن، خىتاي تەرەپمۇ بۇنىڭغا كەسكىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ.»
خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن تور سۆزچىسى ما جۈ ئەپەندى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىمزالىغان «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى قانۇنى» ھەققىدىكى قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى.
ماجۈ ئەپەندى سۆزىدە ئامېرىكانىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشى، ئامېرىكانىڭ ئىلگىرى خوڭكوڭغا قاراتقان بارلىق ئالاھىدە ئىمتىيازلىرىنىڭ بىكارقىلىنغانلىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ قانۇن خوڭكوڭدا يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي شەھەرلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا، بولۇپمۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى مەنپەئىتىگە قاتتىق زەربە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن قانۇنغا ئايلانغان «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى قانۇنى» نىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيەسىنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوللانغان بىر تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى قانۇنى» نىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00