كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، 2019-يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۈزلۈكسىز قارشىلىقلىرى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا بېسىملىرى، خەلقئارادا ئەۋج ئالغان ئۇيغۇرلارنى قوللاش چۇقانلىرى ھەم ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قوبۇل قىلىنغان قانۇن لايىھەسى ۋە قارارلار خىتاينى بىئارام قىلىپلا قالماي، خوڭكوڭدا داۋاملاشقان نامايىشلار ۋە تەيۋەن مەسىلىسىمۇ خىتاينىڭ چوڭ باش ئاغرىقىغا ئايلانغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالمايۋاتقان ئەڭ كەسكىن مەسىلە خوڭكوڭدىكى قارشىلىقنى تىنجىتىش مەسىلىسى بولماقتا.
خوڭكوڭدا 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان، قانچە مىڭ كىشى ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا يارىلانغان بولۇشىغا قارىماي 2019-يىلى 6-ئايدا خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ «تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش نىزامى» غا قارشى قوزغالغان نامايىش 2020-يىلىنىڭ تۇنجى كۈنىگە قەدەر داۋاملاشتى.
ھەر يىلى يېڭى يىلنى تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرى، ساليوت ئېتىش بىلەن قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە كۈتىۋالىدىغان خوڭكوڭلۇقلار بۇ يىل كۆڭۈل ئېچىشقا ئالاقىدار بارلىق پائالىيەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۈچۈن ۋ ئىكتورىيە مەيدانىغا جەم بولغان ئىدى.
1-يانۋار نەق مەيداندىن تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا، ئون مىڭلىغان خوڭكوڭلۇقلار بۈگۈن شەھەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىغا تارقىلىپ نامايىش ئېلىپ بارغان. نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەرگەن. نامايىشچىلار ساقچىلارغا قارىتا خىش-كېسەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، رەزىنكە ئوقلار بىلەن تاقابىل تۇرغان. نامايىشچىلار خىتاي دۆلىتىگە تەۋە بولغان بىر بانكىغا ۋە نامايىشچىلارنى تىنجىتىش ئۈچۈن چىققان ساقچىلارنىڭ سۇ چېچىش ماشىنىسىغا ئوت قويىۋەتكەن.
BBC نىڭ 1-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا بۈگۈنكى نامايىشقا قانچە ئون مىڭ كىشى قاتناشقان. نامايىش خوڭكوڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن ساەت 15:00 دا باشلانغان بولۇپ، كەچ سائەت 22:00 گە قەدەر داۋام قىلىدىكەن.
2020-يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خىتايغا قارشى كۈرەش مۇساپىلىرىدە يېڭى سەھىپىلەرنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قارشىلىق ئىرادىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى خوڭكوڭدىكى بۇ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقلار ھەققىدە توختالغاندا مىليونلىغان قېرىنداشلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاپ چېكىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خوڭكوڭلۇقلاردىن ئۈلگە ئېلىشى ۋە خىتايغا قارشى ئۇلاردىنمۇ كەسكىن، جاسارەتلىك بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
12-يانۋار كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىشنىڭ ھازىرلىقىنى قىلىۋاتقان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياشارمۇ خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا زور ئۈمىد بەخش ئەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىدە 2020-يىلى تېخىمۇ يوقىرى دولقۇن ھاسىل قىلىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تىز پۈكمەس روھىدىن ئىلھام ئېلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولغىنىدەك، 22-دېكابىر كۈنى ئون مىڭلىغان خوڭكوڭلۇقلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرۈپ ۋە كۆك بايراق رەڭگىدىكى ماسكىلارنى تاقاپ «بىز ئىككىنچى شىنجاڭ بولۇپ قېلىشنى خالىمايمىز!» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاشقان ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان بۇ تىز پۈكمەس قارشىلىقلىرىغا مەنىۋىي جەھەتتىن ھېسسىداشلىق قىلىپ كەلمەكتە.