ئەنگلىيە ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىق بىر قانچە سەۋەبلەر تۈپەيلى خۇاۋېيگە 5G تور قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە بەرمەسلىككە چاقىرىلدى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە ئەنگلىيەنىڭ 5G تور قۇرۇلۇشىنى ياساشقا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بەنېدكىت روگېرس «ئەل جەزىرە» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خۇاۋېينىڭ ئەنگلىيەنىڭ 5G سىستېمىسىدىن چەكلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، خۇاۋېي ئۆزىنى شەخسىي شىركەت دەپ قارايدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ «دۆلەتلىك ئىستىخبارات قانۇنى» بويىچە ھۆكۈمەت جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بىلەن ئۆز خېرىدارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئىشلىرىغا يانتاياق بولغان بىر شىركەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
روگېرس مۇنداق يازىدۇ: «‹ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى› نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خۇاۋېي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان.»
ئۇ يەنە، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ساقال قويۇش، ياغلىق ئارتىش قاتارلىق بىمەنە سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، سىرتتا قالغانلىرىنىڭمۇ قاتتىق تەقىب ۋە كۆزىتىش ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ ماقالىسىدە خۇاۋېينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خۇاۋېيگە 5G قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە بېرىش قارارىنى قايتا ئويلىنىشقا چاقىردى.
ترامپ ھۆكۈمىتى 5G قۇرۇلۇشى خۇاۋېيگە ھۆددىگە بېرىلگەن تەقدىردە، بۇنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى تەھدىتكە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەنگلىيەدىكى ھەربىي ۋە ئىستىخبارات مۈلۈكلىرىنى ياندۇرۇپ چىقىش ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.