خۇاۋېي ساقچىغا «ئۇيغۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» ئەۋەتەلەيدىغان سۈنئىي ئىدراكلىق نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان

بۇ ھەپتە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە كۆرسىتىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى چىراي سكاننېرلاش كامېرا سىستېمىسى ئارقىلىق ساقچىغا «ئۇيغۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» ئەۋەتەلەيدىغان سۈنئىي ئىدراكلىق نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتناشقان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، خۇاۋېي بۇ تەقىبلەش تېخنىكىلىرىنى ئون نەچچە بىخەتەرلىك ھۆددىگەرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، شىركەت سېتىش ھۆججەتلىرىدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئادەمنىڭ مىللىتىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ياكى يوشۇرۇن نامايىشنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ، دەپ تەرىپلەنگەن.

خۇاۋېينىڭ «ئۇيغۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى تۇنجى بولۇپ، IPVM تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن بايقالغان ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» تەرىپىدىن تۇنجى بولۇپ خەۋەر قىلىنغان.

ھالبۇكى، خۇاۋېي ۋەكىللىرى BBC غا قىلغان سۆزىدە، بۇ ھۆججەتتە «ئۇيغۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» ئاتالغۇسىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى «پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ رەت قىلغان ۋە ئۆز تېخنىكىسىنىڭ مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن لايىھەلەنمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خۇاۋېي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بۇ بىر قىسىم كۆزىتىش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدە ساقچىلار ئىشلىتىدىغان چىراي تونۇش سىستېمىسى ۋە پۈتكۈل رايوندىكى تاشيولنى نازارەت قىلىش كامېرا سىستېمىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

ۋەھالەنكى، خۇاۋېينىڭ بۇ تېخنىكىسى خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى. جۈملىدىن فىرانسىيە پۇتبول چولپىنى گرىېزمان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەش ئۈچۈن تېخنىكا تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى سەۋەبلىك خۇاۋېي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئۈزدى.

ئۇ، پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ «ئىنستاگرام» بېتىگە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خۇاۋېينى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپلا قالماي، تېزدىن كونكرېتنى ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشنى ئەيىبلەشكە ۋە ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاياللار ھوقۇقىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىمەن.»

ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خۇاۋېي ۋە ئۇنىڭ «مەگۋى»، «سەنستايم» قاتارلىق شېرىكلىكنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىبلەش قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقانلىقى سەۋەبلىك «قارا تىزىملىك» كە ئالغان ئىدى.