ياپونىيەدە ASICS نىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلىتىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021.09.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ياپونىيەدە ASICS نىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلىتىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيەلىك پائالىيەتچى ئۇريۇ ھىرانو خانىم ئېلان قىلغان ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلىتىشىگە قارشى تۋىتتېر ئۇچۇرى.
Social Media

ياپونىيەلىك پائالىيەتچى ئۇريۇ ھىرانو خانىم ئېلان قىلغان تۋىتتېر ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 29-ئاۋغۇست بىر تۈركۈم ياپونىيەلىك پائالىيەتچىلەر ياپونىيەدىكى داڭلىق ماركا «ئاز‍اسىكىس» (ASICS) ۋە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلىتىشىگە قارشى نامايىش قىلغان.

ئۇريۇ ھىرانو تۋىتتېر ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ‹ئاز‍اسىكىس› نىڭ شىنجاڭ پاختىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشىگە ۋە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە پىدائىيلىرىنى رەسمىي كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ‹ئاز‍اسىكىس› نى ئولىمپىك ئالتۇن ھەمراھى قىلىپ تاللىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرىمىز»

تۋىتتېر ئۇچۇرىغا قوشۇپ چاپلانغان رەسىمگە قارىغاندا، نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن. ئۇلار يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ رەڭگىدە لايىھەلەنگەن بىر پلاكاتنىمۇ نامايىشقا ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، پلاكاتقا «شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلىتىش توختىتىلسۇن!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان.

ئۇريۇ ھىرانو تۋىتتېر ئۇچۇردا يەنە دائىرىلەرنى بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان ۋە مۇنداق دېگەن: «پات يېقىندا كونكرېت جاۋابقا ئېرىشەلمىسەك، بىز تېخىمۇ كۆپ پائالىيەت قىلىمىز.»

ئۇريۇ ھىرانو خانىمنىڭ فېيسبۇك بېتىگە قارىغاندا، ئۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، مودا كىيىم مودېلى ئىكەن. ئۇ ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشلىرىغا كۆپ قاتناشقان ۋە بۇ ھەقتىكى رەسىملەرنى فېيسبۇكتا كۆپ قېتىم ھەمبەھىرلىگەن.

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىشقا باشلىغانىدى.

ھالبۇكى، ياپونىيەنىڭ داڭلىق تەنھەرىكەت كىيىملىرى شىركىتى- «ئاز‍اسىكىس» نىڭ خىتاي تارمىقى بۇ يىل مارت بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن ۋە كۈچلۈك نارازىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.