«ياش سىياسەتچىلەر نېمە دەيدۇ» تېمىسىدىكى يىغىن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىر دەرسخانا بولدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.06.13
yash-siyasetchiler-yighin-1

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ياش سىياسەتچىلەر نېمە دەيدۇ» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

yash-siyasetchiler-yighin-2

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ياش سىياسەتچىلەر نېمە دەيدۇ» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

yash-siyasetchiler-yighin-3

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ياش سىياسەتچىلەر نېمە دەيدۇ» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

yash-siyasetchiler-yighin-4

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ياش سىياسەتچىلەر نېمە دەيدۇ» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

yash-siyasetchiler-yighin-5

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ياش سىياسەتچىلەر نېمە دەيدۇ» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

yash-siyasetchiler-yighin-6

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ياش سىياسەتچىلەر نېمە دەيدۇ» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

yash-siyasetchiler-yighin-7

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ياش سىياسەتچىلەر نېمە دەيدۇ» دېگەن تېمىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەخسۇس يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

yash-siyasetchiler-yighin-8

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ياش سىياسەتچىلەر نېمە دەيدۇ» دېگەن تېمىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 9-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شەرقىي تۈركىستان دەۋا سېپىگە قوشۇلۇۋاتقان ياشلارنىڭ سانى خېلى سالماقنى ئېگەلەيدۇ. يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بىر تەرەپتىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى ھازىرلاش بىلەن مەشغۇل بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ۋە ياكى نامايىش دېگەندەك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش ۋە تۈركىيەدە كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.

9-ئىيۇن كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ياش سىياسەتچىلەر نېمە دەيدۇ؟» تېمىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. «تۈركىيە ياشلار ۋەخپى» نىڭ ئىستانبۇل مەركىزىدە ئېچىلغان يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى قاتناشتى. يىغىن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى ۋە «ئىستىقلال مارشى» بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ مويدۇنئوغلى ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن قىيىن ۋە مۇرەككەپ بىر ۋەزىيەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ۋە دۈشمەنگە قارشى ھەمكارلىشىشنىڭ بىر تاللاش ئەمەس، بەلكى بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىز ياشلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پىكىرلىرىمىز ئوخشىماسلىقى، كۆز-قاراشلىرىمىز پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ بىرلا نىشانىمىز بار: ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى، ۋەتىنىمىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى ۋە ئەركىنلىكىدۇر. بىزنىڭ بىرلا دۈشمىنىمىز بار: ئۇ بولسىمۇ خىتاي دۆلىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزئارا پىكىر ئىختىلاپلارنى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ، بىر يەرگە كېلەلەيدىغان مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىن ئىبارەت بۇ ئانا تېمىدا ‹خىتاي بىزنىڭ دۈشمىنىمىز› دېگەن چۈشەنچە ئاساسىدا ھەمكارلىشىشىمىز زۆرۈر. بۇ بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى بىر تاللاش بولماستىن بەلكى بىر مەجبۇرىيەتتۇر.»

ئارقىدىن تۈركىيە ياشلار ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد مالىك تايلان، ئىلىميار ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئارمان، پالۋان ياشلار كۇلۇبى رەئىسى سەمەرجان سەيىد ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللاھ قاتارلىق ياشلار سۆز قىلدى. يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە ياشلار ۋەخپى مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد مالىك تايلان ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۇيغۇر بىلەن تۈركلەرنىڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر ياشلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز ھەممىمىز بىر مىللەت، بۇ خىل يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش بىزنى خۇشال قىلىدۇ. ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەم ۋەخپىمىزنىڭ خىزمەتلىرىدە ھەم باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىدە ھەممىمىز بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. تۈركىيە ياشلار ۋەخپى تۈركىيەنىڭ 81 شەھەر ۋە 605 ناھىيەسىدە شۆبىلىرى بولغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ياشلار ۋەخپى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىلەرنى قوللاش ھەم سىلەر بىلەن بىرگە يول يۈرۈش بىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئارزۇيىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ئىستانبۇلدىكىگە ئوخشاش پۈتۈن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى شۆبىلىرىمىزنىڭ ئىشىكلىرى سىلەر ئۈچۈن ئوچۇق. تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە بىر ئىشخانا ۋە ئۆيىمىز بار دەپ چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيە ياشلار ۋەخپى مەركىزى سىلەرنىڭمۇ يېرىڭلار. بۇ جاينىڭ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتىن ئۆزۈمنى بەختىيار ھېس قىلىمەن.»

يىغىننىڭ داۋامىدا ئۇيغۇر ياشلىرى خەلقئارا سىياسەت، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى تارىخىي، ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھۋالى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارىتى توغرىسىدا پىكىر ئانالىز يۈرگۈزدى ۋە سوئال-جاۋاب شەكىلدە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارىتى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن يېتىلىۋاتقان ياش تەتقىقاتچى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى «مەيلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بولسۇن، مەيلى باشقا دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولسۇن ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك بولمىغان ھەر قانداق زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «شەرقىي تۈركىستاندا 2017-يىلىدىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بولۇۋاتقانلىقى دەلىل ۋە پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغان، شۇڭا بۇنداق بىر مۇھىم مەسىلە دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردە كۈنتەرتىپكە كېلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.