ياۋروپانىڭ ھەربىي سانائىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان «شىنجاڭ پاختىسى»

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.08.23
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىغا بولغان نازارەت كۈچەيگەن بىر ۋاقىتتا ئىككى مۇھىم خەلقئارالىق ئەمگەك ئەھدىنامىسىنى رەسمىي تەستىقلىدى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پاختا ئامبارلىرىنىڭ بىرى، 1999-يىلى
REUTERS

رۇسىيە 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنانى قورال-ياراق، ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ قورال-ياراقلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىسكىلاتلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدىكى ھەربىي خام ئەشيالار بىلەن تولدۇرۇش مەجبۇرىيىتىدە قالغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەسلى پىلانى، 2024-يىلىدىن باشلاپ NATO (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نى ھەر يىلى ئاساسلىق كالبىر ئۆلچىمىدىكى 1 مىليون 500 مىڭ دانە ئوق بىلەن تەمىنلەش بولغان. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتە بۇ ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتىن كۆپ ئۇزاقتا قالغان. چۈنكى ئۇلار ئوق-دورا ياشاشتا زۆرۈر بولغان يېتەرلىك دەرىجىدىكى «شىنجاڭ پاختىسى» نى جۇغلىيالمىغان.

«شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ پۈتۈن خىتايدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ 90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغانلىقى ھەمدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تۈرلۈك چەكلىمە، جازا تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بۈگۈن خەلقئارادا ھەممىگە مەلۇم بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بىراق نۇرغۇن ئىنسانلار «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ توقۇمىچىلىك سانائىتىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭ يەنە ھەربىي سانائەتنىڭمۇ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدىغانلىقىدىن ئانچە خەۋىرى بولمىسا كېرەك.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 22-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «ياۋروپانىڭ ھەربىي سانائىتى خىتاي ياسىغان نىتروسېللۇلوسېغا بېقىنىپ قېلىشتەك مۈشكۈلاتقا يولۇقماقتا» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ھەر تۈرلۈك بومبا، زەمبىرەك ئوقى ۋە باشقا پارتلىغۇچى بۇيۇملار ئۈچۈن نىتروسېللۇلوسې دەيدىغان بىر ئېلېمېنت چوقۇم بولۇشى كېرەك ئىكەن. نىتروسېللۇلوسە ئوق-دورىنى ئوت ئالدۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ «شىنجاڭ پاختىسى» دىن چىقىدىكەن. نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىققا چۈشۈپ پارتلايدىغان بومبىلار ياكى نەچچە ئون كىلومېتىرغا چۈشۈپ پارتلايدىغان زەمبىرەك ئوقلىرى مانا مۇشۇ نىتروسېللۇلوسېنىڭ كۈچىگە تايىنىدىكەن. ھازىرغا قەدەر دۇنيا بازىرىدا سېتىلىپ كەلگەن پاختىنىڭ 70 پىرسەنتىنى خىتاي تەمىنلەپ كەلگەن بولۇپ، تەركىبىدە نىتروسېللۇلوسە بولغان بۇ پاختا دەل ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن يارالغان «شىنجاڭ پاختىسى» دىن ئىبارەت ئىكەن.

گەرچە فىرانسىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە ۋە شىۋېيتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەركىبىدە نىتروسېللۇلوسە بولغان پاختىلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆلىمى كىچىك، تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ، ياۋروپانىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي بولغان ھەربىي ئېھتىياجى قاندۇرالمايدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى سودا كومىسسارى تىرري برېتون بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ئوق-دورا پۇرۇخىنى ياساش بىر خىل ئالاھىدە بولغان پاختىغا ئېھتىياجلىق، لېكىن بۇ پاختا ئاساسلىقى خىتايدىن چىقىدۇ» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، بىرقانچە ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ بۇ خىل پاختىنى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى سودا كومىسسارى تىرري برېتون (Thierry Breton) تىلغا ئالغاندەك، ئەگەر خىتاينىڭ ياۋروپاغا پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشى راستتىنلا توختىغان بولسا، بۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر ئىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇنى «بىر يېڭىلىق ۋە ئىجابىي قەدەم، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىشكە پايدىلىق ھادىسە» دەپ ئاتىدى.

تۈركىيە ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقى كۆپ تەرەپلەردىن كەينىگە چېكىنمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي تاۋارلىرىغا نىسبەتەن بەزى جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان بەزى خام ئەشيالارنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىشنى توختاتماقتا ئىكەن.

«ياۋروپانىڭ ھەربىي سانائىتى خىتاي ياسىغان نىتروسېللۇلوسېغا بېقىنىپ قېلىشتەك مۈشكۈلاتقا يولۇقماقتا» ناملىق خەۋەرنىڭ «سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي سىناققا دۇچ كېلىش» ناملىق بۆلىكىدە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ: «خىتايدىن نىتروسېللۇلوسە ئىمپورت قىلىش مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەخلاقىي مۈشكۈلاتقا دۇچ كەلدى. ياۋروپا پارلامېنتى بۇ يىل 4-ئايدا بىر قارار ماقۇللاپ، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلىدى. ۋاشىنگتوندىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش فوندى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، قانچە تۈمەنلىگەن ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى پاختا سانائىتى ساھەسىدە ئىشلەشكە مەجبۇرلانماقتا ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايدىن ئىمپورت قىلىۋاتقان نىتروسېللۇلوسېنىڭ ئەسلىدە شىنجاڭدىن چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، چۈنكى خىتاينىڭ 90 پىرسەنت پاختا مەھسۇلاتى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.