گېرمانىيەدە «ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» گە قارشى تۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرمىگەن ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداۋاتقان دېموكراتىك ئەللەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانىدى.

29-مارت كۈنى گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى بىلەن تىبەت خەلقئارا ھەرىكىتى گېرمانىيە شۆبىسى بىرلىكتە «ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» گە قارشى تۇرۇش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر كېلىشىم ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللانغان بولۇپ، ياۋروپادىكى ئىقتىسادىي چوڭ بۆلەت بولغان گېرمانىيە بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

بۇ يىغىن ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ يەنە بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ «بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق ياۋروپا پارلامېنتى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ‹ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى› نىڭ خاتالىق ۋە كەمچىلىكلىرىگە قارىتىشقا تىرىشىمىز. نەتىجىدە خەلق ئاممىسىنىڭ، مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پىكىر-مۇلاھىزىلىرى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشى ياكى رەت قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ».

بۇ سۆھبەت يىغىنىدا ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى، دالاي لامانىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق سابىق ۋەكىلى كېلساڭ گياتسېن گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى ۋە سىياسەتچىلىرىگە ئۆز رايونىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ھەمدە گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد-تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنۋەرجان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىمىز بەك ساددىلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. دۆلىتىمىز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە باھا بېرىشتە ئۇنىڭ ئاجىز خەلقلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك ئىدى. گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي دۆلەت، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ياخشى، شۇڭا ئۇنىڭ ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار، گېرمانىيە چوقۇم ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا ئاكتىپ قەدەم ئېلىشى كېرەك». ئۇ يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكاغا قېتىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن پاختا كىرگۈزمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ياۋروپا شىركەتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا مەنپەئەتدار بولماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشتا شى جىنپىڭنىڭ قولى بار. شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى شى جىنپىڭ قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشى كېرەك، شى جىنپىڭ سىياسەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، خىتاينىڭ قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن ھېساب بېرىشى كېرەك».

تىبەت خەلقئارا ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان گېرمانىيەلىك سىياسىي تەتقىقاتچى كەي مۈللېر بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى؛ خىتاي ئىشلىرى ئانالىزچىسى، دوكتور مەرىك ئولبېرگ خانىم، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان سىياسەتچى فرانك شىۋاب، گېرمانىيە يېشىل پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق باياناتچىسى مارگارىت بائۇس خانىم قاتارلىقلار پىكىر بايان قىلىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» گە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

مارگارت بائۇس خانىم سۆزىدە، گېرمانىيەنىڭلا ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ خىتايغا بىرلىككە كەلگەن ئىستراتېگىيەسى يوق ئىكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش جەھەتتە گېرمانىيە باش مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىقىنىڭمۇ ئورتاق تەدبىر-سىياسىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى پىلان تۈزگەندە يىراقنى كۆزلىسە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندىكى مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغانلىقىنى، بۇ ھالدا خىتاينىڭ غالىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەجەللىك بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن تۈزۈشكەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن يەنە پۇرسەت بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ مۇھاكىمە يىغىندىن كېيىن ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا گېرمانىيە پارلامېنت ۋەكىللىرى ۋە ئاقىللار مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەنقىد قىلدى ۋە بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. مەن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئېيتتىم، شۇنداقلا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەردىم». ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق مۇھاكىمە يىغىنلىرى يەنە داۋاملىق ئېچىلىپ تۇرىدىكەن.