ياۋروپا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوزغالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.12.23
germaniye-nurnberg-namayish1.jpg

گېرمانىيەنىڭ نۈرنبېرگ شەھىرىدىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 21-دېكابىر، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

germaniye-nurnberg-namayish2.jpg

گېرمانىيەنىڭ نۈرنبېرگ شەھىرىدىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 21-دېكابىر، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

germaniye-nurnberg-namayish3.jpg

گېرمانىيەنىڭ نۈرنبېرگ شەھىرىدىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 21-دېكابىر، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

germaniye-nurnberg-namayish4.jpg

گېرمانىيەنىڭ نۈرنبېرگ شەھىرىدىكى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 21-دېكابىر، گېرمانىيە. RFA/Ekrem

ياۋروپادا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى ھەرىكەتلەر كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالماقتا.

مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان يەرلىك خەلقلەر ۋە تۈركلەر ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

20-دېكابىر ئىستانبۇلدا، 22-دېكابىر خوڭكوڭدا قانچە 10 مىڭلىغان كىشىلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوزغىلىپ نامايىش ئېلىپ بارغانغا ئوخشاش ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاش، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى تۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر مەيدانغا كەلمەكتە.

19-دېكابىر گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىكى تۈركلەر ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان. ئۇندىن ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى تۈركلەرمۇ خىتايغا قارشى قوزغالغان ئىدى. 22-دېكابىر بېرلىندىكى تۈرك جامائىتىمۇ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىپ «شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق! خىتاي جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

21-دېكابىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گوللاندىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن ئۇچۇرلار تارقالدى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋىدېيو فىلىملىرى ئارقىلىق خىتايدىن «ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى، جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى» تەلەپ قىلغان. 21-دېكابىر كۈنى ئاۋسترىيەنىڭ سالزبۇرگ شەھىرىدىمۇ خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. 21-دېكابىر يەنە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ياشلار ئېلىپ بارغان نامايىشتىن باشقا يەنە گېرمانىيەنىڭ نۈرنبېرگ شەھىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ، شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ مەيداندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپادىكى بۇ قوزغىلىشلارغا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، گېرمانىيەلىك داڭلىق پۇتبول چولپىنى مەسۇت ئۆزىلنىڭ 13-دېكابىر ئېلان قىلغان چاقىرىقى، 18-دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلھام توختىغا «ساخاروف مۇكاپاتى» بېرىش مۇراسىمى قاتارلىقلارمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

نۈرنبېرگدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىغا ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ بېرىپ قاتناشقان. د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى نۈرنبېرگدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ھەققىدە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۈرنبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش نامايىشى ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشچىلار جاراڭلىق شوئارلىرى ھەم نۇتۇقلىرى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىرادىلىرىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

بۇ نامايىشقا ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بېرىپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ گېرمانىيەدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىقىپ، ئۆزلۈكىدىن خىتايغا قارشى بۇنداق نامايىشلارنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ياۋروپادا ياخشى بىر باشلىنىش بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 21-دېكابىر تەكلىپكە بىنائەن بېرلىندا، 22-دېكابىر ميۇنخېندا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئەرەب، تۈرك قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ياشلىرىغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىپ، ئۇلارنى خىتايغا قارشى پائال قوزغىلىشقا ۋە سۈكۈتلىرىنى تەرك ئېتىپ ئۆز دۆلەتلىرىنى قوزغاشقا دەۋەت قىلغان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەردىن بېرلىن، لوندون، پارىژ قاتارلىق بىر قانچە جايلاردا كۆلىمى زور بولغان نامايىشلار ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.