ئۇچتۇرپانلىق مۇھاجىر زەيتۇنە مەمەتنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ 16 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر زەيتۇنە مەمەت ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا گۇۋاھلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ ۋاستچىلىقىدا غايىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ھالبۇكى، ئاتا-ئانىسىمۇ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرىمۇ، ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە تا ھازىرغىچە مەلۇمات بەرمىگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇچتۇرپاندىكى ئالاقىدار خادىملار زەيتۇنەنىنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ 16 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان زەيتۇنە مەمەتنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 16 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن ئاكىسى مۇرتىزا مەمەت.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر زەيتۇنە مەمەت ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا گۇۋاھلىق باياناتلىرى بېرىش ۋە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق غايىپ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان ئىدى. ئۇ بۇ ئىزدنىشلىرى نەتىجىسىدە ئانىسىنىڭ بىر يىلچە لاگېردا يېتىپ چىققانلىقى ۋە ئىككى قېرىندىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ ئىككى قېرىندىشى ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئېلىش ۋە ئەھۋالىنى خەلقئارا جامائەتكە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئەلچىخانا خادىملىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر مەزگىل كۈتۈشىنى ۋە بۇ ئەھۋللارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان. دېيىلگەندەك، بىر مەزگىلدىن كېيىن زەيتۇنە ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان؛ ئەمما ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى دېيىشنىڭ ئورنىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغان. بۇ بايانالاردىن زەيتۇنە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن گەپ قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتكەن، شۇنداقتىمۇ ئىككى قېرىندىشى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر بېرىلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەن. شۇنداقتىمۇ تا ھازىرغىچە بۇ ھەقتە نە خىتاي كونسۇلخانىسىدىن، نە ئاتا-ئانىسىدىن جاۋاب كەلمىگەن

بىز زەيتۇنەنىڭ ئاكىسى مۇرتىزا مەمەت بىلەن ئىنىسى مەھمۇت مەمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپاندىكى ئالاقىدار خادىملارغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق.

زەيتۇنە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە بىرەر قېتىممۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاۋازى چىقمىغىنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ تېخىچە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ۋە كېسىلىپ كەتكەنلىك ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلغان.

ئۇچتۇرپانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بىر كەنت ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ خادىمى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىن ئىككى كىشىنىڭ چەت ئەلدە ئىكەنلىكى، بۇ ئىككىسىدىن بىرىنىڭ زەيتۇنە مەمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما بۇ خادىم زەيتۇنەنىنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېنىدىكى خادىم زەيتۇنەنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىم زەيتۇنەنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ 16 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نەدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەپ بېرەلمىدى. ئۇ يەنە مۇرتىزا بىلەن مەخمۇتنىڭ تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇشىغا تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭمۇ سەۋەپ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ كېسىلىش سەۋەپلىرىدىن يەنە بىرىنىڭ ناماز ئوقۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقان زەيتۇنە مەمەت ئىككى قېرىندىشىنىڭ 16 يىللىق كېسىلىشىدە، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە خاس ئاڭ ۋە ئېتىقادقا، شۇنداقلا ھايات شەكلىگە ئىگە بولۇشنىڭ جىنايى پاكىت سانالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى ئارىلىقتا زەيتۇنە بىلەن سۆزلەشكەندە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ پائالىيىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىدىن بۇ دەرىجىدە ئىنچىكە خەۋىرى بولغان كونسۇلخانا خادىملىرى ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ 16 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

ئىككى قېرىندىشى تۈرمىدە ئازاپ چېكىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ راھەت ياشىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بايان قىلغان زەيتۇنە مەمەت، ئىككى قېرىندىشىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقى تەكىتلىدى.