ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش يولى (10)
2018.06.26
10-بۆلۈم: «كىچىك ئوغلۇم ھەسەن ۋە ئۇنىڭ پاجىئەسى»
مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە خاس ئاچچىق كەچمىشى ۋە ئېيتىلمىغان ھېكايىسى مەۋجۇت. مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى، ئائىلە تۇرمۇشى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كەچمىشلىرى مۇھاجىرەتتە ھىجران ئازابى تارتىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا تېخىچە ئېيتىلمىغان ۋە ئاڭلانمىغان ھېكايىلەرنىڭ بىرىدۇر.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ قايتا تۇتقۇن قىلىنىشتىن قېچىپ 1997-يىلى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى ئۇنى كېيىنكى ھاياتى بويى ياشلىقى، ۋەتەندە قالغان ئائىلىسى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇ ھەقەتەنمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ! كېيىنكى ئون نەچچە يىل جەريانىدا ئۇنىڭ ئايالى ۋە 3 پەرزەنتى تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەتلەر ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان خەۋپ-خەتەرلەر نەتىجىسىدە خىتاي چېگراسىدىن چىقالىغان بولسىمۇ، ئەمما كىچىك ئوغلى ھەسەن شۇ پېتى قاغىلىقتا قەپ قالىدۇ.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋاپاتىدىن 9 ئاي ئىلگىرى قالدۇرغان ئاۋازلىق بايانىدا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۈرمىدىن چىقىپ كىچىك ئوغلى ھەسەن بىلەن ئۆمرىدە پەقەت 3 ئاي بىللە ياشىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ يۈز كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم كېيىنچە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، كىچىك ئوغلى ھەسەنگە تۈركىيە پۇقرالىقى سالاھىيىتىنى ھەل قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن تۈرك پاسپورتى ئالغان ھەسەننى خىتاي يەنە چېگرادىن چىقارمايدۇ. مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئايالى مەريەمگۈل خانىم بۇ ھەقتە تولۇقلىما بېرىپ، ئوغلى ھەسەننىڭ 3 ياش ۋاقتىدا دادىسىدىن، 6 ياش ۋاقتىدا ئۆزىدىن ئايرىلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى بىلەن قايتا جەم بولالمىغانلىقىنى، قاغىلىقتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان ھەسەننىڭ 2009-يىلى خىتاي كىملىكىگە ئىلتىماس قىلغىنىدا ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ئاشكارىلىنىپ، تېخىمۇ قاتتىق رېجىم ئاستىدا قالغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوغلى ھەسەننى قانۇنىي يول ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى ئۈزۈلگەچكە، 2012-يىلىغا كەلگەندە ھەسەن قاچاق يول ئارقىلىق خىتاي چېگراسىدىن چىقىپ كېتىش يولىنى ئىزدەيدۇ. شۇ يىلى ھەسەن ئايالى ۋە ئەمدىلا 6 ئايلىق بولغان قىزى پاتىمەنى ئېلىپ خىتاينىڭ جەنۇبىي چېگرا ئۆلكىلىرى ئارقىلىق ۋىيېتنامغا ئۆتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەن بىرلىكتە ۋىيېتنامدىن كامبودژاغا، كامبودژادىن تايلاندقا ئۆتىدۇ. ئەپسۇسكى، تايلاند چېگراسىدا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ھەسەن قولىدىكى تۈركىيە پاسپورتى بىلەن تۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما تايلاند دائىرىلىرى «چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن ئۇنىڭغا ئېغىر ئىقتىسادىي جازا قويىدۇ. ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق تايلاند ھۆكۈمىتىدىن ئوغلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىقتىسادىي جازانى تۆلەيدۇ. ئەمما تايلاند تەرەپ باشقا يۈزلىگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئوخشاشلا ھەسەننى تايلاندتا يىللارچە تۇتۇپ قالىدۇ.
مەريەمگۈل خانىم ئوغلى ھەسەننىڭ تايلاند تۈرمىسىدە بىر يېرىم قامىلىپ ياتقانلىقىنى، قېچىش سەپىرىدە ئىككىنچى بالىسىغا ئېغىر-ئاياق بولغان كېلىنى رۇقىيەنىڭ تايلاندتىكى تۈرمە دوختۇرخانىسىدا تۇغقانلىقىنى، تۇغۇت جەريانىدا «قېچىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ گۇمان قىلغان تايلاند ساقچىلىرىنىڭ تۇغۇت ئازابى چېكىۋاتقان كېلىنى رۇقىيەنىڭ قولىنى كارىۋاتقا زەنجىرلەپ قويغانلىقىنى قاتتىق ھەسرەت ئىچىدە ئەسلىمە قىلىدۇ.
بۇ پاجىئەلەردىن يۈرىكى لەختە-لەختە بولغان مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئوغلى ھەسەن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تايلاندتىكى ئازابلىق كەچمىشلىرىنىڭ بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوغلى ھەسەننىڭ تايلاند تۈرمىسىدە تۇغۇلغان ئوغلى مۇھەممەد بىلەن تۈرمىدە ئۆسۈپ 2 ياشقا كىرگەن قىزى پاتىمە بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا ئانىسىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىنىپ، تۈركىيەگە يولغا سېلىنغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار قاتارىدا ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىلىدۇ. ئىككى بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەسەن بىلەن رۇقىيە بولسا ئىككىنچى كۈنى باڭكوكقا يېتىپ كەلگەن خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
مەريەمگۈل خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوغلى ھەسەن بىلەن كېلىنى رۇقىيە ئۇزۇن ئۆتمەي تايلاندتىن مەجبۇرىي ئېلىپ مېڭىلغان يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىر تۇتقۇن بىلەن بىللە خىتايغا قايتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئوغلى ھەسەن ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ خىتايدىكى قايسى تۈرمىگە قامالغانلىقى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ھەتتا ھايات-ماماتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايدۇ.
(داۋامى بار)