2-بۆلۈم: زەيتىنبۇرنۇدىكى قېرىنداشلىق
ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلارنىڭ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلانغان تۈركىيەگە كۆچۈش ۋە ماكانلىشىش تارىخى ئۆزىنىڭ ئەگرى-توقاي جەريانلىرىدا ئاجايىپ ھېكايىلەرنى قالدۇردى.
كوممۇنىست خىتاي ئىستېلاسى ھارپىسىدا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ كەشمىرگە توپلانغان نەچچە مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار يىللارچە غۇربەت ئازابى چەككەندىن كېيىن، 1952-1954-يىللاردا تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
شۇنداق قىلىپ، 1950-يىللاردىكى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستانلىق كۆچمەنلەرنىڭ بىرقانچىلىغان ئىجتىمائىي توپلۇقلىرى شەكىللەنگەن. ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونى كېيىنچە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلارنىڭ ئەڭ مەركەزلىك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىجتىمائىي توپلۇقلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم 2016-يىلى 2-ئاينىڭ باشلىرىدا زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۆيىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا زەيتىنبۇرنۇدا ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلارنىڭ ئاستا-ئاستا زورىيىپ بۇ يەردىكى مۇھىم بىر جامائەتكە ئايلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كۆپلىگەن ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىپ، تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، شىركەت-فېرمىلاردا ۋە باشقا تۈرلۈك-تۈمەن ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شۇ قېتىملىق زىيارىتىمىز داۋامىدا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلارنىڭ ئۆتمۈشى، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرى، ۋەتەن دەۋاسى يولىدىكى ھەمكارلىقلىرى ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە كۆرۈلگەن بىر قىسىم ئىختىلاپلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدى.
ئۇ شۇ قېتىم مۇنۇلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى: «1950-يىللاردىن تاكى 1990-يىللارغىچە بولغان ئۇزاق بىر جەرياندا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە باشقا رايونلىرىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرلار ئورتاق بىر ۋەتەندىن كەلگەنلىكى، ئورتاق بىر كەچۈرمىشكە ساھىب بولغانلىقى ۋە ئورتاق بىر تۇپراق ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى سەۋەبلىك بىرلىك-ئىتتىپاقلىقتا ئۆتكەنلىكى مەلۇم. مەرھۇم مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەرمۇ ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر ياكى قازاق دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدىن ھىجرەت قىلغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى تۈركىيەگە ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئىكەن. ئۇلار تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن خېلى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە كۆك بايراقنىڭ ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، ئورتاق بىر ۋەتەننىڭ دەۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىكەن. ئەپسۇسكى، كېيىنكى مەزگىللەردە، بولۇپمۇ سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىقىلىپ قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم قازاقلاردا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان ھەقدارلىق تۇيغۇسى ئاجىزلاپ، ئۆزلىرىنى قازاقىستانغا باغلايدىغان، ھەتتا تۈركىيەدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن. ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي قازاق مۇھاجىرلار بۇ خىل تۇيغۇنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكى مەلۇم…»
مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن ئىدى: «گەرچە يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە تۈركىيەدىكى قازاق قېرىنداشلاردا رېئاللىقنى تونۇپ يېتىش شۇنداقلا ئۆزلىرى بىلەن ئورتاق بىر تۇپراق ۋە ئورتاق بىر قىسمەتكە شېرىك بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن قايتا ھەمكارلىشىش خاھىشلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىز تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن بۇ ئەھۋاللارغا قاراپ چىقىپ، ئامال بار ئارىلىقتىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش، ئىككى خەلقنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنى چىڭ باغلاش ۋە ئورتاق ۋەتىنىمىزنىڭ دەۋاسىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. زەيتىبۇرنۇدىكى قازاق قېرىنداشلارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن مەرھۇم ئەخمەتبېكمۇ بۇ جەھەتتە كۆپ خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى. نەتىجىدە كېيىنكى مەزگىللەردە زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلار بىر-بىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان، ئۆز-ئارا يېقىن مۇناسىۋەتتە ياشايدىغان ئەھۋاللار ئومۇملاشتى. ئەلۋەتتە، تارىخىي ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارىدىكى ھەممە ئىختىلاپلار ۋە خاتا چۈشىنىشلەر تامامەن تۈگىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ زور دەرىجىدە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىزنى ساغلام بىر كەيپىياتتا داۋاملاشتۇرۇش يولىدا تىرىشماقتىمىز.»
(داۋامى بار)