19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇخارا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىسلام مەركەزلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئەنئەنىۋىي ئىسلام مەدرىسە مائارىپى بويىچە پۈتكۈل شەرق مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئۆز ئالدىغا ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن مەشھۇر شەھەر ئىدى. بۇخارا ئۇسلۇبىدىكى مەدرىسە مائارىپى كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن بۇيان قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدرىسە مائارىپىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دۇنياسىدا قەشقەرنىڭ «سانى بۇخارا» ياكى «ئىككىنچى بۇخارا» دېگەن نامى بار ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيەدە چىقىدىغان تاتار مەتبۇئاتلىرىغا شەرقىي تۈركىستان توغرىلىق خەۋەر-ماقالىلەر ئەۋەتىپ تۇرغان ياش تاتار مۇخبىرى نوشىرۋان يائۇشېف ئىنتايىن ئوبرازلىق قىلىپ: «بۇخارا بىلەن قەشقەر ئوخشاش بىر مىمارنىڭ قولىدىن چىققان بىر جۈپ ئەسەردۇر. يەنى بۇخارايى شېرىپنى لايىھەلىگەن كىشى شەكسىزكى، قەشقەرنىمۇ لايىھەلىگەندۇر،» دەپ يازىدۇ.

ئابدۇقادىر داموللام دەسلەپكى تەھسىلىنى قەشقەر مەدرىسەلىرىدە تۈگەتكەندىن كېيىن، تەخمىنەن 1889-يىلى قوقەندگە بېرىپ ئىككى يىل ئوقۇيدۇ. 1891-يىلىغا كەلگەندە قوقەندىن بۇخاراغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مەشھۇر مۇدەررىس ۋە ئۆلىمالارنىڭ قولىدا 8 يىل ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇخارادىكى ئوقۇشى ھەققىدە مەنبەلەرگە تايىنىپ پىكىر بايان قىلغان تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۆز زامانىسىنىڭ كاتتا ئالىمى سۈپىتىدە تونۇلغان ئابدۇقادىر داموللام بۇخارادىكى 8 يىللىق ئوقۇش ھاياتى داۋامىدا ئەنئەنىۋىي ئىسلام مائارىپىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرى بويىچە بىلىم ئالىدۇ ۋە تەربىيەلىنىدۇ. ئەمما ئۇ بۇخارادىكى ئوقۇش ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە بۇخارا مەدرىسە مائارىپىدىكى ئۇسۇلى-قەدىم مېتۇدىدا ساقلانغان دوگمىچىلىق ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويماسلىقتەك قاتماللىقلارغا تەنقىدىي قاراشتا بولىدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئۇنداقتا، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆزى بۇخارادىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئوقۇش ھاياتى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ تەرجىمەھالى ياكى بۇخارا مەدرىسە مائارىپى توغرىلىق يېزىلغان يازمىلار ساقلانغانمۇ؟
ئابدۇقادىر داموللام قالدۇرغان قىممەتلىك ئەسەرلەر ئىچىدە ئۇنىڭ شەخسىي ھاياتى ۋە ئوقۇش تارىخىغا دائىر يىگانە بىر يازما مەۋجۇت. رۇسىيەدە چىقىدىغان ئورتاق تۈركىي تىلىدىكى «شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1916-يىل 10-ئىيۇن كۈنىدىكى 12-سانىغا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» ناملىق ماقالىسى بېسىلغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ: «مېنىڭ ئوقۇشۇم بۇخارادا بولغىنى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك بۇخارا تەرتىپ ۋە تەدرىسلىرىدىن تولۇق ۋاقىپ بولغىنىم ئۈچۈن، بىر ئاز سۆز بايان قىلىش ھاجەتلىكتۇر. دەسلەپكى ئوقۇشۇم قەشقەردە بولدى، ئۆز يۇرتۇم ئارتۇش، يەنى ئارتۇش قەسەبەسىندە بولدى. كېيىن قوقەندە ئىككى يىل ئوقۇپ، ھىجىرىيە بىر مىڭ ئۈچ يۈز توققۇزىنچى يىللاردا بۇخاراغا باردىم. ئۇ يەردە سەككىز يىل ئوقۇپ، بۇخارا ئادىتىچە ئىمتىھام بەردىم ۋە خەتمەكەردە بولۇپ، ئۆز ۋەتىنىمگە قايتىپ كەلدىم.»
دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆزى توغرىلىق يازغان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» ناملىق ماقالىسىدىكى بايانلارغا ئاساسەن بۇخارادىكى ئوقۇشىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۇسۇلى-قەدىم مېتۇدىدىن تازا رازى بولمىغانلىقى، بەلكى ئۇنىڭغا تەنقىدىي كۆز بىلەن قارىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە شۇ زامانلاردا ئابدۇقادىر داموللامغا ئوخشاش تەرەققىيپەرۋەر ئۆلىمالارنىڭ بۇخارا مەدرىسە مائارىپى تارقاتقان قاتمال ئىدىيەلەردىن ئازاد بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلىق يولىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغان بۇ ماقالىسىدىكى بايانلارغا ئاساسەن، ئۇنىڭ بۇخارادىكى ئوقۇشى جەريانىدا ھەرگىزمۇ ئۇ يەردىكى كاتتا مەدرىسەلەر بىلەن داڭلىق ئۆلىمالارغا قارا-قويۇق مەھلىيا بولمىغانلىقىنى، بەلكى پىكىر يېڭىلىقى بىلەن تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقىنى ئىزدىگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىسلاھات ۋە يېڭىلاشنى ھەممىدىن مۇھىم بىلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆزىمۇ «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» ناملىق ئەسىرىدە ئۆز سەككىز يىللاپ ئوقۇغان بۇخارا مەدرىسە مائارىپىنىڭ قاتمال مېتۇدلىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، تەپەككۇرنى زەئىپلەشتۈرىدىغان كونا رامكىلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. ئۇ بۇ ئەسىرىدە كەسكىنلىك بىلەن: «جانابى ھەق پۈتۈن ئىسلام ئالىمىنىڭ ئۆلىمالىرىغا، بولۇپمۇ بۇخارا داموللالىرىغا ئىنساپ بەرسۇن!» دەپ خىتاپ قىلىدۇ.
مەلۇمكى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئۆتكۈنچى دەۋردە تۈركىستان تۇپراقلىرىدا ئۇسۇلى-قەدىم مېتۇدىنى ئاساس قىلغان بۇخارا ئۇسلۇبىدىكى مەدرىسە مائارىپى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئىدى. زامانىۋىيلىق، لايىقلىق، دەۋرگە ماسلىشىش ۋە تەرەققىيات ئىسمائىل غاسپىرالى باشچىلىدا قىرىم يېرىم ئارىلىدىن باشلانغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تۈپ نىشانىغا ئايلانغان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن بۇخارادا 8 يىللاپ ئوقۇغان ئابدۇقادىر داموللامدەك بۈيۈك ئەللامىلەرمۇ مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا جىددىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، زامانغا لايىقلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ ھەقتە توختالغان دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامدەك بۇخارادا ئۇزۇن يىل تەھسىل كۆرگەن بىر ئالىمنىڭ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن مىللىي مائارىپتا ئۇسۇلى-قەدىم مېتۇدىنى ئەمەس، بەلكى ئۇسۇلى-جەدىد مېتۇدىنى تاللىۋالغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
(داۋامى بار)