ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ھاياتى پائالىيىتى
2011.08.13
بارغانسېرى سىياسىي كۈرەش سەھنىسىگە چىققان تۈركىستاندىكى ئوتتۇرا قاتلام مۇسۇلمان كىشىلىرىنىڭ ئىسلامى ئاقارتىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى بۇ ھەرىكەتنىڭ كۈچى ۋە جەزبىدارلىقىنى كۈچەيتتى. تۆت تەرىپى بېكىۋېتىلگەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامى ئاقارتىش؛ مەرىپەتچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى. ئاتاقلىق ئۇيغۇر مەرىپەتچىسى ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس ئەزىزىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى ۋە نامايەندىسى سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە كىرىپ كەلدى. ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس ئەزىزىي باشچىلىقىدىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەرىپەتچىلىك ئېقىمنىڭ ئاساسىي ئىپادىسىنى كۆرسەتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى يېڭىچە مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەسىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە يېڭىچە مائارىپ ئىسلاھات ئېقىمىنى شەكىللەندۈردى.
ئابدۇقادىر داموللام بىننى ئابدۇۋارىس ئەزىزىي مىلادى 1855–يىلى (1862–يىلى دېگۈچىلەرمۇ ھەم كۆپ) قەشقەر ۋىلايىتى ئاتۇش مەشھەدتە تۇغۇلدى. باشلانغۇچ ساۋاتىنى ئۆز يۇرتىدا چىقارغاندىن كېيىن، قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، بىلىم تولۇقلاش مەقسىتىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن بۇخاراغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى »ئابدۇلئەزىزخان» مەدرىسىسىگە ئوقۇشقا كىردى. بۇ جەرياندا قۇرئان، ھەدىس، ئىلمى تەجۋىد، ئاقائىد قاتارلىق ئىسلام تەلىماتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمى مەنتىق، ھېساب دەرسلىرىنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پەن–مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا، ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىدى. كلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئەدەبىيات ھەۋىسىنى يېتىلدۈردى؛ فارابى، ئەبۇ ئېلى ئىبىن سىنانىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق يۇنان پەلسەپىسى بىلەنمۇ تونۇشتى. ئۇ يەردىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن سەمەرقەند، ئۇفا قاتارلىق جايلاردا بىر مەزگىل مۇدەررىسلىك قىلدى.
ئابدۇقادىر داموللام ۋەتەنگە قايتىشتىن ئىلگىرى تاشكەنت، خوجەند، قازان، ئىستانبۇل قاتارلىق جايلاردا ساياھەتتە بولۇپ، 1907–يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى.
ئۇ قايتىپ كەلگەن چاغ دەل قەشقەردە ئەمدىلا بىخلىنىپ، كۈندىن–كۈنگە باراقسان بولۇۋاتقان يېڭىچە پەننىي مائارىپ بىلەن دىنىي ئەقىداتنى مەزمۇن قىلغان يەككە ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى فېئوداللىق كونا مائارىپ ئۆزئارا تىركىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى مائارىپنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ئابدۇقادىر داموللام يېڭىچە پەننىي مائارىپنىڭ تەشەببۇسلىرى بولغان ئاكا–ئۇكا مۇسابايوپلار (ھۈسەيىن باي، باھاۋىدىن باي) تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇلارنى قىزغىن قوللىدى ۋە ئۆز ئەقىل–پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى مائارىپنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇردى.
ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇنىڭ شان–شۆھرىتى يېقىن–يىراقلارغا تارىلىشقا باشلىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىناۋىتى، شان–شۆھرىتىگە ھەسەت كۆزى بىلەن قاراشقان بىر قىسىم جاھىل موللىلار، مۇتەئەسسىپ سوپى، ئىشان، خەلىپىلەر ئۇنى «جەدىت» لىكتە، «دەھرى» لىكتە ئەيىبلەپ، بىرمۇنچە ئېغىۋالار توقۇشتى. نەتىجىدە جاھىللىق، خۇراپاتلىق، نادانلىق ئەۋج ئېلىپ، قاراڭغۇ زۇلمەت باسقان ئۇ زاماندا، ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇنى ھىمايە قىلغان خېلى بىر قىسىم تەرەققىيپەرۋەر ئوقۇمۇشلۇق زاتلار زور بېسىمغا ئۇچرىدى. بۇ ۋەزىيەتتىن ئىچى پۇشقان ئابدۇقادىر داموللام ھەجگە بېرىشنى باھانە قىلىپ، يەنە بىر قېتىم ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ، 1918–يىلى تاشكەنتكە باردى. ئاندىن شەمەي، ئۇفا، قازان، ئورال، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا بىر مەزگىل ساياھەتتە بولغاندىن كېيىن، مەككىگە باردى. سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر مەزگىل تۇردى. ئاندىن مىسىرغا بېرىپ ئۇ يەردىكى ئالىم، ئۆلىمالار بىلەن ئۇچراشتى. ئابدۇقادىر داموللام بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاتاقلىق ئالىملار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، زور شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئىدى. مىسىر ئالىملىرى، ئۆلىمالىرى ئۇنىڭغا چوڭ ئىلتىپاتلار كۆرسىتىشتى.
ئابدۇلقادىر داموللام 1920-يىلى قەشقەرگە قايتىپ كەلدى. ئۇ مىسىر، قازان، تاشكەنتلەردە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىپ تونۇلغان، ھەرقايسى ئەللەردىكى مۇستەملىكە ۋە جاھانگىرلىككە قارشى ھەرىكەتلەر تەسىرىدە، يېڭىچە مائارىپ ۋە ئاقارتىش ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغان ھالدا» دىنىي بىدئەت ۋە خۇراپاتلىق ۋە جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش» سىياسىي كۆز قارىشىنى تىكلىگەنىدى.
ئابدۇقادىر داموللام خەلق ئاممىسىنى خۇراپاتلىق، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا يالغۇز تەشۋىقات، تەرغىباتقىلا تايىنىپ قالماستىن، بەلكى بىر قاتار ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، قەشقەر ئۆلىمالىرى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلىدى. ئۇ، قازى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەق تەلەپ دەۋا ئىشلىرىنى قۇرئان، ھەدىسكە ئاساسەن توغرا، ئادالەت بىلەن بىر ياقلىق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەندىن باشقا، يېڭىچە كۆزقاراشتىكى كىشىلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە بايلارغا خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى ۋە ھىممىتى بىلەن 52 نەپەر ياشنى گېرمانىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىقاردى. ئابدۇقادىر سامانىي، چىڭگىز داموللام، ئابدۇۋايىت ئاخۇن... غا ئوخشاشلار قەشقەر بايلىرىدىن ئوبۇلھەسەن ھاجى، ئۆمەر بايلارنىڭ ياردىمى بىلەن فىرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇپ كەلگەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى يېڭىچە كۆزقاراشقا ئىگە ئۇيغۇر ياشلىرى ئىدى.
ئابدۇقادىر داموللام ياشلارنى ئىلىم–ئىرپاندىن، دۇنيادىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن مائارىپ سېپىگە قايتىدىن ئاتلىنىپ، دىنىي ئىلىمنى ھەم پەننىي ئىلىمنى بىلىدىغان يېڭىچە قاراشتىكى بىر تۈركۈم زىيالىيلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى. ئۇنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن شەمسىدىن داموللام، سابىت داموللام، ھاشىم ئاخۇن خەلپىتىم، ئابدۇلئەزىز داموللام... قاتارلىقلار 30–يىللاردىن باشلاپ قەشقەر مائارىپىنىڭ داڭلىق پېشىۋالىرى، ئابدۇقادىر داموللام تەشەببۇس قىلغان يېڭىچە مائارىپنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە ۋارىسلىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
يازغان كىتاب–ماتېرىياللىرى
ئابدۇلقادىر داموللام بۇخارادىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن سەمەرقەند، ئۇفا قاتارلىق جايلاردا بىر مەزگىل مۇدەررىسلىك قىلدى. مۇدەررىسلىك قىلىش جەريانىدا: «ئاقائىد زۆرۈرىيە»، «ئىبادەت ئىسلامىيە» دېگەندەك دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈزدى، مەزكۇر ئەسەرلەر ئۆز ۋاقتىدا ئۇفادا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان ئىدى.
ئۇ قايتىپ كەلگەن چاغ دەل قەشقەردە ئەمدىلا بىخلىنىپ، كۈندىن–كۈنگە باراقسان بولۇۋاتقان يېڭىچە پەننىي مائارىپ بىلەن دىنىي ئەقىداتنى مەزمۇن قىلغان يەككە ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى فېئوداللىق كونا مائارىپ ئۆزئارا تىركىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى يېڭى مائارىپنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ئابدۇقادىر داموللام يېڭىچە پەننىي مائارىپنىڭ تەشەببۇسلىرى بولغان ئاكا–ئۇكا مۇسابايوپلار (ھۈسەيىن باي، باھاۋىدىن باي) تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇلارنى قىزغىن قوللىدى ۋە ئۆز ئەقىل–پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى مائارىپنىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇردى. ئۇ يازغان «سەرپ–نەھۋى» (مورفولوگىيە ۋە سىنتاكىسىس)، «تەسھىلىل ھېساب» (ھېساب ئىلمى)، «جۇغراپىيە ئىلمى»، «ئاقائىد جەۋھەرىيە» (نېگىزلىك ئەقىدىلەر)، «مۇتالىئە ھىدايەت» (باشلامچى ئوقۇشلۇق)،»بىدايەتۇس سەرپ» (لېكسىكىدىن دەسلەپكى ئاساس)، «ھىدايەتى نەھۋى»، «تەلىمى سەبىيان» (گۆدەكلەرگە تەربىيە)، «فاسايىھۇل ئەتفال» (ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت) قاتارلىق ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، بالىلار تەربىيىسىگە ئائىت كىتابلار پەننىي مەكتەپلەرمۇ، دىنىي مەكتەپلەرمۇ ئوخشاشلا قوللانسا بولىدىغان ئاممىباب دەرسلىكلەر ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام دەرسلىك تۈزۈش بىلەنلا توختاپ قالماستىن، تاش مەتبەئەدە نەشر قىلدۇرۇپ، مەكتەپلەرنى بىر يۈرۈش دەرسلىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. ئۆزى قەشقەر شەھەر بەشئېرىق مەھەللىسىدىكى لايپەشتاق مەدرىسىگە بېرىپ مۇدەرىسلىك قىلىش جەريانىدا بۇ بىر يۈرۈش دەرسلىكلەرنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا سىناق قىلىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ دىن بىلەن پەن بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى تىپتىكى ئاممىباب ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تالىپلار قىزغىن قوللىدى، ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇنىڭ شان–شۆھرىتى يېقىن–يىراقلارغا تارالدى.
شېئىرى
ئابدۇلقادىر داموللام ئەينى ۋاقىتتا تىلى ئۆتكۈر شائىر بولۇپ، ۋەتەن–خەلقنى ئىلىم–ئىرپان ئېلىشقا ئۈندەيدىغان نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرى بار. تۆۋەندە بۇ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، ئالىمنىڭ ھېس–تۇيغۇلىرىنى يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن بىر پارچە شېئىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمىز.
تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى،
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى.
ئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى،
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى.
پەزىلەت كۆپ ئىرۇر بۇ ئالەم ئارا،
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەلىييۇل ئەلا.
ئىلىمدۇر بىباھا، قازسا پۈتمەس كان،
ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان؟
ئىلىم–دىن نىجاتلىق بېرەر مەڭگۈلۈك،
بىلىملىك ھاياتتۇر، نادانلار ئۆلۈك.
ئى ياش بىل، جاھىللىق نومۇستۇر بىشەك،
نادانلىق زۇلۇمىغا رازىدۇر ئېشەك.
داموللامنىڭ ئەخلاق–پەزىلىتىگە بېرىلگەن باھالار؛
ئابدۇقادىر داموللام ئېسىل تەبىئىتى، كامىل ئىمانى، چوڭقۇر مەلۇماتى، ئۆتكۈر پىكرى، پاساھەتلىك نۇتقى ۋە مۇنازىرىگە ماھىرلىقى بىلەن تونۇلغان ئالىم بولغاچقا، ئۇزاق ئۆتمەي قەشقەردىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا نامى مەشھۇر زاتقا ئايلانغان ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا جەدىتىزىملىق مائارىپنىڭ بايراقدارى، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان.
1) مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە كۆپ باش قاتۇرغان ئۇيغۇر بالىسى-نەزەر غوجا ئابدۇسەمەتوف ئۆزىنىڭ «يورۇق ساھىللار» ناملىق ئەسىرىدە 1914-يىلى غۇلجىدىن چىقىپ، مۇز ئارت داۋىنى ئارقىلىق ئالتە شەھەرگە قىلغان سەپەر جەريانىدا قالدۇرغان خاتىرىسىدە ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، مەنىۋى پاجىئەلىرىنى كۆرۈپ: «بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى بەك قاراڭغۇ، تۇمانلىق ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى سەزدىم. ئاقسۇدا ئەھۋال مۇنداق بولسىمۇ، باشقا ياقلاردا ئۇنداق ئەمەستۇ، قەشقەر خەلقى خېلى تەرەققىي قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ يەردە تەرەققىيپەرۋەر مۇسابايوفلار، ئابدۇقادىر داموللاملار بارغۇ دەپ ئۆزلىرىمىزگە تەسەللى بەرگەنىدۇق» دەپ يازغان.
تۈركىيەدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئاقارتىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن بارغان ۋە ئابدۇلقادىر داموللام بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلغان ئەھمەد كامال ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى شۇ چاغدىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا: «بەيساقلىق مەھمۇد ئاخۇن داموللام بىلەن ئابدۇقادىر داموللام ئەپەندىلەر قاراڭغۇ كېچىدە چاققان چاقماقتەك چىرايلىق ۋە مەنالىق سۆزلىرى بىلەن باشقىلار ئۆچۈرمەكچى بولۇۋاتقان مائارىپ مەشئىلىنى چاقنىتىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى» دەپ يازغان.
2) ئابدۇقادىر داموللام بىلەن مىسىردا ئىلمىي سۆھبەتتە بولغان تاتار خەلقىنىڭ بۈيۈك تارىخ ئالىمى زاكىر قادىرى 1951–يىلى ئەينى چاغدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي سۆھبەتتىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلىپ: «ئابدۇقادىر داموللام ئىسلام دۇنياسىدا تەڭدىشى ئاز تېپىلىدىغان، يېتىشكەن زور مۇتەپەككۇر ۋە مۇسلىھ (ئىسلاھاتچى)، مۇجاھىد (كۈرەشچان) بۈيۈك ئالىم ئىدى...» دەپ باھا بەرگەن.
داموللامنىڭ قەتلى قىلىنىشى ۋە پەردە ئارقىسىدىكىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېڭىچە مائارىپ ئىسلاھاتى، كونىلىق، مۇتەئەسسىپلىككە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، بۇ جەرياندا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى ۋە ئۆلۈمدىن قورقماس جاسارىتى زور كۆپچىلىك دىنىي زاتلارنىڭ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى، مەدەتكارلىقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ، بىر قىسىم موللا، قازى–قۇززات، ئىشان، بايلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار ئابدۇقادىر داموللامغا نىسبەتەن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، ئۇنى يېۋەتكۈدەك ئەلپازدا ھاقارەتلەشتى. ئابدۇلقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى كىشىلەرنىڭ قەشقەردىكى ئىنگلىز ۋە شۋېتلارنىڭ دەككىسىنى بېرىشى سەۋەبى بىلەن، قەشقەر دوتىيى جۇرۇيچى ئابدۇقادىر داموللام، مامۇت ھاجىم، ياقۇپ ھاجىم باشلىق 30 غا يېقىن كىشىنى 40 كۈن ھەپسىگە سولاپ قويدى. ئابدۇقادىر داموللام ھەپسىدىن چىققۇچە، ئۇلار چەت ئەللىكلەرگە مەسلىھەت بېرىپ ۋە تىل بىرىكتۈرۈپ، سۇيىقەست پىلانلاپ، 1924–يىل 8–ئاينىڭ 14–كۈنى كېچىدە ئۆز ئۆيىدە ياللانغان قاتىل ئارقىلىق مەخپىي ئۆلتۈرگۈزۈۋەتتى.
يولباشچى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى ھەقىقەتەنمۇ زىيىنى ناھايىتى زور بولغان، ئۇيغۇر خەلقىنى مەڭگۈ ھەسرەتلەندۈرىدىغان تارىخىي تېررورلۇق ئىدى.
داموللام شېھىد بولدى،
ياتار جايى بېھىش بولدى.
داموللامغا قەشقەرلىك،
كۆپ يىغلاپ بىھوش بولدى.
ئابدۇقادىر داموللامنى كىم ئۆلتۈردى؟
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كىم تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى بىردەك ئەمەس. بېزىلەر: «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەتلىئام قىلىنىشىدا موللا ئىسلام داموللامنىڭ قولى بار، ئۇ سوۋېت كونسۇلخانىسىغا ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىدىغان كىشى بولغاچقا، خەلقلەر ئۇنى (قازى ئورۇس) دەيتتى» دېسە، يەنە بېزىلەر: «ئابدۇقادىر داموللامنى قەشقەرنىڭ شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ موللىسى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام بىلەن قەشقەرنىڭ ئەڭ چوڭ بېيى ئۆمەرباي ئەنگلىيە، شۋېتسىيە كونسۇلخانىسىدىكىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەھمەت دېگەن ([ھېلىم مەزىن دېگۈچىلەرمۇ بار) تەلۋە ئارقىلىق ئۆلتۈرگۈزۈۋەتتى» دەيدۇ. ھازىر مەلۇم بولغان پاكىتلار باشقىچە. بۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى باشتىنراق دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ئابدۇقادىر داموللام 1918–يىلى ھەجگە بېرىش يولىدا تاشكەنتتە بىر مەزگىل توختىغان. بۇ ۋاقىت تېخى 1–دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قالايمىقانچىلىقى تەلتۆكۈس ئاخىرلاشمىغان، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا تېخى تىكلىنىپ بولالمىغان، مىنشېۋىكلارنىڭ بولشېۋىكلارغا قارشى كۈرەشلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بىر چاغ بولغاچقا، ئابدۇقادىر داموللام مىنشېۋىكلارنىڭ بولشېۋىكلارغا قارشى بىر قېتىملىق نامايىشىغا بىلمەي قاتنىشىپ قالغان. نامايىشچىلار ئارىسىدىكى يۈسۈپ ئىسىملىك بىرى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ياقا–يۇرتلۇق ئىكەنلىكىنى دەرھال سېزىۋېلىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ھەمدە ئۇنىڭ ياقا–يۇرتلۇق تۇرۇپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى قوللىغانلىقىغا كۆپتىن–كۆپ رەھمەت ئېيتىپ، خەيرخاھلىق بىلدۈرگەن. بىرنەچچە زامان ئۆيىدە قوندۇرۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغان. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھەجگە بارىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، بىللە بېرىش تىلىكىنى بىلدۈرگەن. ئابدۇقادىر داموللام بىلەن شەمەي، ئۇفا، قازان، ئورال، تۈركىيە، لوندون، مىسىر، ھىجاز، مەككە قاتارلىق جايلارغا بىللە بارغان. ھەج سەپىرىنى تۈگىتىپ، تاشكەنتكە كەلگەندە يۈسۈپ تاشكەنتتە قالغان، ئابدۇقادىر داموللام قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. 1923–يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەردىكى چوڭ موللا، ئۆلىما، بايلارنى كۈتۈۋالغان. بۇ كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە مۇيەسسەر بولغان ئابدۇقادىر داموللام كونسۇلخانىنىڭ زىياپەت زالىغا كىرگەندە ھېلىقى يۈسۈپ دېگەن كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. بۇ كىشىنىڭ مۇشۇ كونسۇلخانىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، زىياپەتكە قاتناشماي دەرھال قايتىپ كىرگەن. ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن جاڭقورغانلىق زۇنۇن ھاجىمنىڭ ئۆيىدە چاي بولغان. ئىنايەتخان مەخسۇم، ئابلىراخۇن مەخسۇم، مەمتىلاجى شاڭخەي، چۇمبۇسلۇق مەمتىلاجىم قاتارلىق كاتتىلار قاتناشقان بۇ سورۇندا ئابدۇقادىر داموللام مۇئاۋىن كونسۇل يۈسۈپنىڭ ئىشىنى ئۆز ئېغزى بىلەن سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە:»شۇنىڭدىن بۇيان ئۆزۈمدىن ۋەھىمە قىلىپ قالدىم» دېگەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى مەمتىلاجى شاڭخەي دوتەي يامۇلغا بېرىپ، دوتەينى كونسۇلخانىغا چاقىرتقانلىقى ھەققىدىكى خەتنى كۆرگەن. دوتەي كونسۇلخانىغا چىققاندىن كېيىن، سوۋېت كونسۇلى دوتەيگە: «قەشقەردە ھازىر بىر ئادەم بار، بۇ ئادەم تالىپلارغا تارىخ، جۇغراپىيە، ھېساب ئۆگىتىمەن دەپ يۈرىمىش. بۇ ئادەم تارىخ، جۇغراپىيە، ھېساب ئۆگىتەلەمدۇ؟ ئەگەر ئۆگەتسە ئىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ شۇڭا بۇ ئادەمنىڭ ئىشلىرىنى دەرھال تەپتىش قىلىپ، نەتىجىسىنى ماڭا مەلۇم قىلىڭ!» دېگەن.
دوتەي كونسۇلخانىدىن قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۆمەرباي ئارقىلىق ئابدۇقادىر داموللامنى سۈرۈشتۈرگەن. ئۆمەرباي ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلغان، ئەمما دوتەي بۇنىڭغا كۆنمەستىن، مەدرىسەدىكى پائالىيەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بۇيرۇغان. ئۆمەر باي ئابدۇقادىر داموللامنىڭ دەرس ئارىلىقىدا تارىخقا ئائىت بىلىملەرنى قىستۇرۇپ بايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى تالىپلار ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىن، دوتەيگە مەلۇم قىلغان. دوتەي بۇ ئاخباراتنى كونسۇلغا مەلۇم قىلغان. كونسۇل ئابدۇقادىر داموللامنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىشقا بۇيرۇغان. ئەگەر بۇ ئىشتا دوتەي سۇسلۇق قىلسا، ياڭ زېڭشىنغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پوپوزا قىلغان. سوۋېت كونسۇلىنىڭ پوپۇزىسىدىن قورقۇپ كەتكەن جۇ دوتەي خىزمىتى بەدىلىگە 300 سەر كۈمۈش تەڭگە بېرىش، ئۆزىنىڭ ۋە بالا–چاقىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئەبەدىي كاپالەتلىك قىلىش شەرتى بىلەن قاتىل ئەھمەتنى ياللىۋېلىپ، ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن. كېيىن قاتىل ئەھمەت تۇتۇلغان بولسىمۇ، بۇ ئىشتا سوۋېت كونسۇلى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ قولى بولغانلىقتىن، ئىشنى ئارقىسىغا سۆرەش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئەھمەتنى جىنايى جاۋابكارلىقتىن قاچۇرۇپ، ھېچقانداق چارە كۆرمىگەن. قاتىل ئەھمەت كېيىنكى چاغلاردا خەلقنىڭ نەپرىتى تۈپەيلىدىن نېرۋىسىدىن ئادىشىپ، ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يەپ ئۆلگەن.
ئابدۇقادىر داموللام قەتلىئام قىلىنغان كۈننىڭ ئەتىسى يۈسۈپ توقام دېگەن كىشى: «بۇ ئۆمەرباينىڭ قىلغان ئىشى» دېگەن. بۇ سۆزگە ئاساسەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شاگىرتلىرى ئۆمەرباينى ئىزدەپ، ھېسابلاشماقچى بولغاندا، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ: «بۇ ئۆمەرباينىڭ قىلغان ئىشى ئەمەس، ئابدۇقادىر داموللام شۋېد دوختۇرخانىسىغا ئوت قويغانلىقى ئۈچۈن شۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن» دېگەن. ئۆمەرباي ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش جەريانىدىن پۈتۈنلەي خەۋەردار بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ پۈتكۈل سودا ئىشى سوۋېت بىلەن بولىدىغان بولغاچقا، بۇ سىرنى تىنىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. بۇ سىرنى بىلىدىغان ئىنايەتخان مەخسۇم، ئابلىراخۇن مەخسۇم، مۇساخان تېۋىپنىڭ ئوغلى ئابدۇۋايىت ئاخۇن، ئوردائالدىلىق مامۇت ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت ھاجىم، مەمتىلاجى شاڭخەي، جاڭقورغانلىق زۇنۇن ھاجىم، خانئېرىقلىق ئىمىن ئاخۇن خەلپىتىم قاتارلىقلار:«ئابدۇقادىر داموللامنى شۋېدلار ئەمەس، ئورۇسلار قول تىقىپ ئۆلتۈرگۈزدى» دېگەنلىكى ئۈچۈن، جۇ دوتەي بۇلارنى تۇتۇپ، ھەپسىگە سولاپ قويغان. ئىنايەتخان مەخسۇم، ئابلىراخۇن مەخسۇملار بۇ ئىشنى ئىككىنچى تىنماسلىققا ۋەدە قىلىپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. جامال ئاخۇن خەلپىتىم كالتايلاققا، زۇنۇن ھاجىم غۇلجىغا، مەمتىلاجى شاڭخەيگە كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى يېشىلمەي، شۇ پېتى بېسىلىپ قالغان.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەتلى قىلىنىشى خەلق ئارىسىدا قانداق تەسىر قوزغىدى؟
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرى چاقماق تېزلىكىدە پۈتكۈل شەھەرگە ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى قوغان، سەمەن، ئاۋات، بەشكېرەم، توققۇزاق، ئاتۇش، پەيزىۋات قاتارلىق يېزىلارغا ئاڭلاندى. 10 مىڭلىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ، قول ھۈنەرۋەن، كاسىپ، سودىگەرلەرنىڭ، دېھقانلارنىڭ بۇ مۇسىبەتتىن يۈرىكى مۇجۇلدى. ھەممە يەرنى ھەيرانلىق ئىلىكىدىكى غۇلغۇلا قاپلىدى، ھەممە كۆزلەردىن قاتىللارغا بولغان غەزەپ–نەپرەت ئۇچقۇنى چاقنىدى، ھەممە چىرايدىن قاتىللارغا بولغان ئۆچمەنلىك نامايان بولدى. پەيشەنبە كۈنى ھېيتگاھ جامەنىڭ ئىچى–تېشى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ نامىزىغا داخىل بولۇش ئۈچۈن كۈن بويى ئىشتىن توختىغان ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. پېشىندىن كېيىن 10 مىڭلىغان ئادەم سەپ–سەپ بولۇپ، داموللامنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. نامازدىن كېيىن قوللىرىغا ھاسا ئېلىپ، تۇماقلىرىنى تەتۈر كىيىشكەن مىڭلىغان تالىپنىڭ:
تاغۇتاشلار تەۋرىشىپ،
قاتتىق چاقماق چاققانمۇ؟
تۈمەن سۈيى قان بولۇپ،
بۈگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟
قەشقەرنىڭ ھاۋاسىنى،
چاڭ–تۇمانلار باسقانمۇ؟
قەشقەرنىڭ جاھانىنى،
قايغۇ–ماتەم باسقانمۇ؟
ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز،
كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز.
داموللامغا دۆيۈزلەر،
قەست قىلالماس دەپتىمىز.
دېگەندەك مەرسىيە شېئىرلىرىنى ئوقۇشۇپ، دەۋرىي ساما سېلىشىپ، يول ئېچىشى؛ بېشىغا سەللە، بەللىرىگە ئاق باغلىغان مەرھۇمنىڭ يۈزلىگەن دوست–يار، ئاغانە–بۇرادەرلىرى، بالا–چاقا، ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىڭ»ئاھ دادام، ئاھ قېرىندىشىم» دەپ داد–پەرياد كۆتۈرۈپ ھازا ئېچىشىپ، جىنازا ئالدىدا مېڭىشى، ھېيتگاھتىن تۆشۈك دەرۋازىغىچە ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان كىشىلەر توپىنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشى ئارقىسىدا، مېيىت سېلىنغان تاۋۇت ئۇزىتىپ چىقىلدى، داموللامنىڭ جەسىتى ھەزرەتتىكى تاختا كۆۋرۈك دېگەن يەرگە دەپنە قىلىندى
ئابدۇقادىر داموللام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادەر ۋە مەسلەكداشلىرىدىن شەمسىدىن داموللام، مەھمۇت ئاخۇن داموللام، تەجەللى ھەزرەت، مۇراد رەمزەبەگ ھەزرەتلىرى، مۇراد رەمزەبەگ ئابدۇقادىر داموللامغا بېغىشلاپ 160 مىسرالىق مەرسىيە يازغان بولۇپ، بۇ مەرسىيىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ پۈتكۈل ئىش ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىپ مەدھىيىلىگەن، ۋاپاتىغا ئېچىنغان. ئابدۇقادىر داموللامغا يۇقىرى باھا بەرگەن. چەت ئەلدىكى دوستلىرىدىن ئەنۋەر ساھىب داموللام (كەشمىرلىك)، ئالىم، مۇئەررىخ رىزا ئىبنى پەخرىدىن ھەزرەتلىرى (تاتار، ئۇفالىق) قاتارلىقلار ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتىغا ئېچىنىپ، مەرھۇمغا ئاتاپ مەرسىيىلەر يېزىشتى. ئۇنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى چۆچەكتە تۇرۇپ ئاڭلىغان مەمتىلى توختىھاجى (تەۋپىق) مۇ ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا:
مەرھۇم داموللا ئابدۇقادىرى ناھەق كەتتىلەر،
گۇناھ نېمە؟ پەقەت بىزگە ھەقنى ئۆگەتتىلەر.
دەپ يېزىپ، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلغان مۇتەئەسسىپ دۆيۈز، مۇناپىق قارا كۈچلەرگە غەزەپ–نەپرىتىنى بىلدۈردى.
ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتى ئەينى دەۋردە يالغۇز ئوتتۇرا ئاسىيانىلا ئەمەس، ھەتتا غەربىي ئاسىيا، جۈملىدىن مۇسۇلمان شەرق ئەللىرىنىمۇ قاتتىق زىلزىلىگە سالغان ئىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى بولغان ئىنايەتخان مەخسۇم: «ھىندىستان، مىسىر، قازان، كەشمىردىكى مەتبۇئاتلاردا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ يېزىلغان مەرسىيە شېئىرلىرى ۋە ماقالىلەرنى توپلاپ توپلام قىلسا، بىرنەچچە جىلدلىق چوڭ توپلام ھاسىل بولۇر ئىدى» دەپ ئېيتقان.
قوشۇمچە:
داموللامنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي–پەزىلىتى ھەققىدە ھېكايەت
قوشنىدارچىلىق ھەققىدە
ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردە مۇدەررىسلىك قىلىپ يۈرگەن چاغلرىرىدا بىر مەھەللىدە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. تام قوشنىسى ئاتىسىدىن مىراس قالغان مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چېچىپ يوقىتىشقا تۇرغان ئاۋارىكەش بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بىكار تەلەپ ئاغىنە-چۆپقەتلىرى كۆپ ئىكەن. ئىچىدىغان، چېكىدىغان ۋە قىمار ئوينايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە يىغىلىپ ھەر ئاخشىمى ئۇنىڭ ئۆيىنى بىر بازارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىدا داموللام پەقەت ئارام ئالالماپتۇ. دەرس تەييارلاشقىمۇ زور تەسىر يېتىپتۇ، لېكىن بۇ داموللامنىڭ دائىرىسىدىكى ئىش بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېيەلمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قوشنىنىڭ ئۆيىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ تۇيۇقسىزلا يوقاپ كېتىپتۇ. داموللام باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق قوشنىسىنى ھۆكۈمەتنىڭ تۇتۇپ يامۇلغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپتۇ. بۇنى ئۇققان داموللام دەرھال سەللە، تونلىرىنى كىيىپ بەگنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. بەگنىڭ داموللامغا ناھايىتى ئىخلاسى بار كىشى بولغاچقا، داموللام ئۆيگە كېلىش بىلەنلا ھەيران قېلىپ ئولتۇرغۇزغىلى يەر تاپالماي قاپتۇ. داستىخان ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، قوشنىسىنىڭ يامۇلدا بولۇپ قالغانلىقى، ئۆزىنىڭ بىخەۋەر بولۇپ قېلىپ ۋاقتىدا كېلەلمەي قالغانلىقىنى ئېيتىپ:
-مەن قوشنامنىڭ قانچىلىك يامان ئىشلار بىلەن قولغان ئېلىنغانلىقىنى دېمەيمەن، پەقەت قوشنىدارچىلىق قەرزىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قوشنامنى تۈرمىدىن چىقىرۋىتىشكە ياردەمدە بولۇشلىرىنى سوراپ كەلدىم-دەپتۇ. بەگ:
-ئۇنىڭ ئۆيىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن ئۆزلىرىنى قاتتىق سىقىلدى، دەپ ئاڭلىدىم. ئۇنى تۈرمىگە ئالدۇرغىنىمىزغا ئۆزلىرىنى خۇش بولدىمىكىن، دەپتىمەن. ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرى ئۇنداق بولسا، ھازىر بېرىپ ئۇنى تۈرمىدىن چىقىرىۋېتىش قولۇمدىن كېلىدۇ-دەپ چىقىپ كېتىپتۇ. شۇ كۈنى ئاخشىمى جازالانغان قوشنا ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز ئۆيىگە كىرمەستىن ئۇدۇل داموللامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۆزىنى باسالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. چۈنكى تۈرمىدە خېلى قاتتىق-يىرىك مۇئامىلىلەرگە ھەتتا قىيناش، كۆتەككە بېسىش قاتارلىق ئېغىر ئازابلارغا ئۇچرىغان قوشنا داموللامنىڭ بۇ ھىممىتىدىن بەكمۇ تەسىرلەنگەنىكەن. داموللام ئۇنىڭغا:
-قوشنام، مەن بۇ ئىشنى بالدۇرراق ئۇقماپتىمەن، ئۇققان بولسام شۇ كۈنىلا سىزنى قۇتقۇزغان بولاتتىم، قوشنىغا پېشكەلچىلىك كەلسە ياردەم بەرمەي قاراپ تۇرۇش توغرا ئەمەس ئىدى، بىراق مەن قوشنىدارچىلىقىمنى ۋاقتىدا ئادا قىلالماپتىمەن، ئەپۇ قىلىڭ،-دەپتۇ.
قوشنىسى يىغلاپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىپ:
-ئادەم بىلمەسلىكتىن ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلىشتىن نومۇس قىلمايدىكەن، قوشنىدارچىلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن، دەپ توۋا قىپتۇ. داموللامنىڭ بۇ قوشنىسى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ بارلىق ئەسكى ئادەتلىرىنى تاشلاپ، توغرا كەسىپكە كىرىشىپ كېتىپتۇ.