ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلۈمى: قەشقەرنى قاپلىغان قارا ھىجران (1)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020.11.24
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى، بۈيۈك ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللام (1870-1924)
RFA/Qutlan

1924-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈن يېرىملاشقاندا ئابدۇقادىر داموللام ئەزىزانە قەشقەردىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا ياللانغان بىر قاتىل تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرىلىدۇ. قەشقەر ئاسمىنىدىن بىر يورۇق يۇلتۇز ساقىپ چۈشىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ ۋە جاھالەتلىك يىللىرىدا مەشئەل كۆتۈرۈپ ئەتراپنى يورۇتقان جاسارەتلىك بىر يولباشچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئارىدىن 60 يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى ھەققىدە تۇنجى قىسسەنى يازغان يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر قەشقەرنى قاپلىغان بۇ قارا ھىجران ھەققىدە مۇنۇ جۈملىلەرنى يازغان ئىدى: «ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆلۈمى قەشقەرنى زىل-زىلىگە سالدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ دەھشەتلىك بىر كۈن بولغان ئىدى. ئاسمان يېرىلدى، يۇلتۇز تۆكۈلدى، چاقماق چېقىلىپ، يامغۇر قۇيۇلدى. زېمىن تىترەپ، تاغلار يېرىلدى. ئالەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى، كۆزلەر باغلىنىپ، يۈرەك داغلاندى. ئابدۇقادىر داموللام بىر ئالىم ئىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالەم يىغلىدى. . .»

شۇ كۈنى قەشقەردە ئون مىڭلىغان جامائەت مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تاۋۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەرسىيە قوشاقلىرىنى ياڭرىتىپ، ھازا ئېچىشقان ھالدا ھەزرەتتتىكى تاختاكۆۋرۈك مازارلىقىغا قاراپ دېڭىز دولقۇنىدەك ئاقىدۇ:

تاغۇ-تاشلار تەۋرىنىپ،

قاتتىق چاقماق چاققانمۇ؟

تۈمەن سۈيى قان بولۇپ،

بۈگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟

قەشقەرنىڭ ھاۋاسىنى

چاڭ-تۇمانلار باسقانمۇ؟

قەشقەرنىڭ جاھانىنى،

قايغۇ-ماتەم باسقانمۇ؟

ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز،

كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز.

داموللامغا دۆيۈزلەر،

قەست قىلالماس دەپتىمىز.


خۇددى يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە» ناملىق رومانىنىڭ كىرىش قىسمىدا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك: «19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان غايەت ئۇزۇن يىللار دىيارىمىزنى قاراڭغۇلۇق ۋە جاھالەت قاپلىغان ۋاقىتلار ئىدى. سىياسىي تۈزۈمدە مۇستەبىتلىك، دىنىي ئېتىقادتا خۇراپاتلىق، بىدئەت ئەۋج ئالغانىدى. خەلق خارۇ-زەبۇنلۇققا، مىللەت ئاسارەتكە يۈزلەنگەنىدى. خەلق تۇرمۇشى كەمبەغەللىككە، مەنىۋىي ھايات قەھەتچىلىككە ئۇچراپ، مىللىي ھايات قورقۇنۇچلۇق تەقدىرگە دۇچ كەلگەن ئىدى. قاراڭغۇلۇقتا قالغانلار يورۇقلۇققا، ھالاكەتلىك تەقدىرگە دۇچ كەلگەنلەر نىجاتلىققا تەقەززا بولغىنىدەك، شۇ يىللاردا مىللەت ماددىي جەھەتتىكى قاششاقلىقتىن تەرەققىياتقا، مەنىۋىي قەھەتچىلىكتىن مەرىپەتكە تەقەززا بولدى.»

دەل مۇشۇنداق بىر دەۋردە ئابدۇقادىر داموللام مەشئەل كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھات غايىلىرى، مەنىۋىي ئويغىنىش چاقىرىقلىرى، مائارىپنى ئىسلاھات قىلىش ۋە ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىنى يولغا قويۇش تەشەببۇسلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى يورۇتقانىدى. دەل شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن ۋە ئۇنىڭ قەشقەردىكى ھاكىممۇتلەق قارا قوللىرى ئىچىكىي ۋە تاشقىي سۈيىقەستچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، داموللامنى شېھىت قىلغان ئىدى.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بارغان ئىجتىمائىي ئىسلاھات تەشەببۇسلىرى ۋە مىللەتنى ئويغىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنى قورقۇنۇچقا سالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى گەرچە ئابدۇقادىر داموللام مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن ۋاقىتسىز شېھىت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ياققان مەرىپەت مەشئىلىنىڭ مىللەتنى ھۆرلۈككە ۋە مىللىي قۇتۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بۇ مەشئەلنىڭ قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي، سابىت داموللام، مەقسۇت مۇھىتى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئارقىلىق ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى يورۇتۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىدە تۇتقان مۇھىم رولى ھەققىدە ئامېرىكادا ياشىغۇچى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇرمۇ پىكىر بايان قىلدى. ئۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر خەلقى خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تېڭىلغان خىتايچە «شۆتاڭ» مائارىپى بىلەن زامان تەقەززاسىغا ماسلىشالمىغان ئەنئەنىۋىي مەدرىسە مائارىپىنىڭ ئارىسىدىكى قىيىن ۋەزىيەتتە قالغاندا، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇسۇلى-جەدىد مېتۇدىدىكى زامانىۋىي مائارىپنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندى يەنە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تۈپ ئىجتىمائىي ئىسلاھات غايىسى ۋە يېڭىچە مائارىپ ئىدىيەسى ھەققىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى شەرھىلەپ ئۆتتى.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەرىپەتچىلىك ۋە ئاقارتىش تەشەببۇسلىرى ئۆز دەۋرىدە بىر نەزەرىيە شەكلىدىلا تۇرۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ دادىل ئەمەلىيەتچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە سىناق قىلىنغان ھەم رېئاللاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ھەقتە شىۋېتسىيەدە ياشىغۇچى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئەپەندىمۇ پىكىر بايان قىلدى.

ئاخىرىدا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «ئابدۇقادىر داموللامنى جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى ۋەكىلى ۋە باشلامچىسى» دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.