قازان بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدا: ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرى (6)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2021-02-23
Share
قازان بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدا: ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرى (6) ئابدۇقادىر داموللامنىڭ 1912-يىلى قازان مەتبەئەسىدە بېسىلغان «تەھسىلى ھېساب» ناملىق كىتابى.
RFA/Qutlan

1880-يىللارنىڭ باشلىرىدا بۈيۈك ئىسلاھاتچى ۋە مۇتەپپەككۇر ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى باغچەسارايدا ياندۇرغان جەدىدچىلىك مەشئىلى ئۇزۇن ئۆتمەيلا قىرىمدىن قەشقەرگىچە بولغان پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنى يورۇتۇشقا باشلىغان ئىدى. ياشلىقىدا قەشقەر، قوقەن ۋە بۇخارا مەدرىسەلىرىدە شۇنچە ئۇزۇن يىللار باش چۆكۈرۈپ تەھسىل كۆرگەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەلبىنى ئەنئەنىۋىي مەدرىسە مائارىپىنىڭ قېتىپ قالغان ئۇسۇلى قەدىم مېتۇدى ئەمەس، بەلكى قىرىم ۋە قازاندىن ياڭرىغان ئىسلاھات ۋە پىكىر ئىنقىلابى ئويغاتقان ئىدى. ئورتاق تۈركىي ئەدەبىي تىلى بىلەن نەشىر قىلىنىپ، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنى بىر-بىرىگە باغلىغان تاتار مەتبۇئاتلىرى بىلەن قازان باسمىسى شۇ دەۋرلەردە ئابدۇقادىر داموللامدەك بالدۇر ئويغانغان مۇنەۋۋەرلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدىغان پارلاق سەھنە بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندى «قازان باسمىسى دېگەن بۇ سۆز شۇ زامانلاردا ئىلغار پىكىرلىك ئەسەرلەرنىڭ ۋە سۈپەتلىك نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ ماركىسى بولۇپ قالغان ئىدى،» دەيدۇ.

ئابدۇلقادىر داموللام ئىككىنچى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن يىللاردا، يەنى 1910-يىلىدىن 1912-يىلىغىچە بولغان جەرياندا، ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئەسەلىرى قازان ۋە ئورېنبۇرگدىكى تاتار مەتبەلىرىدە بېسىلىپ، كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى ئابۇقادىر داموللامنىڭ بۇ يىللاردا قازان مەتبەسىدە بېسىلىپ چىققان كىتابلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمىدا پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ئويغىنىشقا، مەرىپەت ئارقىلىق قۇدرەت تېپىشقا ۋە ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى، يەنە بىر قىسمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىدە دەرسلىك سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

بۇ يىللاردا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «ئاقائىد زەرۈرىيە» (ئورېنبۇرگ: ۋاقىت مەتبەسى، 1911-يىل)، «مۇختەسەرى ئىبادەتى ئىسلامىيە» (قازان: مەتبەئى كەرىمىيە، 1911-يىل)، «ئاقائىدى زەرۈرىيە» (قازان: مەتبەئى كەرىمىييە، 1911-يىل)، «تەجۋىدى تۈركى» (قازان: مىللەت مەتبەسى، 1912-يىل)، «تەسھىل ئەل-ھېساب» (قازان: مىللەت مەتبەسى، 1912-يىل) قاتارلىق كىتابلىرى قازان ۋە ئورېنبۇرگدىكى تاتار مەتبەلىرىدە بېسىلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «شۇرا» ژۇرنىلىدا ئېلان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» ناملىق ماقالىسىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ يەنە «جاۋاھىرۇل يىقان»، «مىفتائۇل ئەدەب» ناملىق كىتابلىرىنىڭ قوقەن باسمىسىدا بېسىلىپ چىققانلىقى مەلۇم.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقارتىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. ئۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلەر ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ چۆكۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاسسىپ كەيپىيات، ئىككىنچىدىن ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاشتىن مەھرۇم قالغان ئىچكىي زەبۇنلۇق ۋە جاھالەت، ئۈچىنچىدىن مانجۇ-خىتاي ئىستىلاسىنىڭ شەپقەتسىز ئاسارىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەھكۇملۇق تۇيغۇسى خۇددى نوشىرۋان يائۇشېف ئېيتقاندەك، «شەرقىي تۈركىستاننى دۇنيانىڭ ئەڭ قاراڭغۇ ۋە ئەڭ بىچارە بىر بۇلۇڭىغا ئايلاندۇرغان» ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى ئەنە ئاشۇ قاراڭغۇ يىللاردا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازىنى تۈرك-مۇسۇلمان دۇنياسىغا ئاڭلاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ئەسەرلەرنىڭ تۈرك-مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن يېپ-يېڭى پىكىر تەلقىنلىرىنى تەقدىم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆز دەۋرىدە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەھنىسى بولغان ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكى قىلىپ قوللىنىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

ئۆز دەۋرىدىكى مەدرىسە-مەكتەپلەردە ئەرەبچە-پارسچە ئوقۇتۇش ۋە قۇرئان ئۆگىتىش ئاساس قىلىنغان بولغاچقا، تۈركىي تىلىدىكى ئانا تىل مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئابدۇقادىر داموللام ۋەكىللىكىدىكى جەدىدچى سەرخىللار كونىچە ئوقۇتۇش، يەنى ئۇسۇلى قەدىمنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىچە ئوقۇتۇش، يەنى ئۇسۇلى جەدىد مېتۇدىنى يولغا قويۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلغان ئىدى. بولۇمۇ بۇ جەھەتتە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئانا تىل، ھېساب، جۇغراپىيە ۋە باشقا پەن بىلىملىرى ھەققىدە تۈزگەن كىتابلىرى شۇ دەۋرلەردە ئىنتايىن زور يېڭىلىق ھېسابلىناتتى.

1916-يىلى «شۇرا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «داموللا ئابدۇلقادىر كىمدۇر؟» ناملىق ماقالە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى مول نەتىجىلىرىنى ۋە شان-شۆھرىتىنى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىغا تونۇشتۇرغان ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى مەزكۇر ماقالىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كەسكىن بىر ئىسلاھاتچى، مۇسۇلمانلارنى ئويغىنىشقا دەۋەت قىلغان بۈيۈك مۇتەپپەككۇر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەرەب-پارس تىللىرىدا كامالەتكە يەتكەن بىر ئالىم ئىكەنلىكىگە لىللا باھا بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاخىرىدا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان قىممەتلىك ئەسەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ خۇلاسە خاراكتېرلىك پىكىرلىرىنى تەقدىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرى يېڭى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋىي ئاساس ياراتتى. ئىككىنچىدىن، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر زامانىۋىي ئەدەبىياتىنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۈچىنچىدىن، تۈرك دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ جاھالەتكە خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن يول كۆرسەتكەن. تۆتىنچىدىن، جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە ماسلىسىپ، دىنىي كىملىك بىلەن بىرگە مىللىي كىملىكنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋىي ئۇل سېلىپ بەرگەن.»

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت