ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى (13)

0:00 / 0:00

مىلىتارىست ياڭ زېڭشىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەھمەد كامالنىڭ ئاتۇشتا ئاچقان «دارىلمۇئەللىمىن ئىتتىھاد» مەكتىپى ھەمدە قەشقەردە قۇرۇلغان «كاشغەر نەشىر-مائارىپ جەمئىيىتى» تاقىۋېتىلىدۇ. ئەھمەد كامال ھەپسىگە ئېلىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرى ئارقىلىق ۋەتىنىگە قايتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇسابايلارنىڭ ھامىيلىقى، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق سەرخىللارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قەشقەردە مەيدانغا كەلگەن بىر مەھەللىك يېڭى مائارىپ ۋە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى تۇنجۇقتۇرۇلىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر بۇرۇختۇم ۋەزىيەتتە ئابدۇقادىر داموللام ئاخىرىقى قېتىم ۋەتەندىن ئايرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.

ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاخىرىقى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى 1918-يىلىدىن 1921-يىلىچە داۋاملاشقانلىقى مەلۇم.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاخىرىقى قېتىملىق چەتئەل سەپىرى توغرىلىق ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مەنبەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەنبەلەرنىڭ بىرىدە ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردىكى بۇرۇختۇم ۋەزىيەتتىن بىر مەھەل بولسىمۇ قۇتۇلۇش ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تاشكەنت ۋە سەمەرقەنتلەرگە بارغان، ئۇ يەردىن قازان ئارقىلىق ئىستانبۇل ۋە مىسىرنى زىيارەت قىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا مەككە ۋە مەدىنەنى زىيارەت قىلىپ، يەنە بىر قېتىم ھەج تاۋابىتى قىلغان. يەنە بىر مەنبەدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوشقا بېرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغانلىقى، بۇ يەردە بىر ئۆزبەك ئايال بىلەن نىكاھلىنىپ، ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئوغلىنىڭ تۇغۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاخىرىقى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىگە بىرى قەشقەردىكى زۇلمەتلىك ۋەزىيەتنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى، يەنە بىرى دۇنيا ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ رۇسىيە تۈركىستانىدا يۈز بېرىۋاتقان جىددىي سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىش تەقەززاسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاخىرىقى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنىڭ مەقسىتى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ شۇ مەزگىللەردە دۇنيا ۋەزىيىتىدە يۈز بېىرىۋاتقان جىددىي ئۆزگىرىشلەرگە، بولۇپمۇ غەربىي تۈركىستاندىكى ئىنقىلاب ۋە مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلماسلىقىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئابدۇقادىر داموللام ئاخىرىقى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە بولغان يىللاردا رۇسىيەدە چار پادىشاھ غۇلاپ، بولشېۋىكلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ئۈچۈن جىددىي تىركىشىۋاتقان، تۈركىستان تۇپراقلىرىدا مۇختارىيات، مۇستەقىللىق ۋە مىللىي دۆلەتچىلىك سادالىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان، جەدىدچىلىك پىكىر ئېقىمى مائارىپ ۋە ئاقارتىش باسقۇچىدىن ھالقىپ جىددىي سىياسىي تەلەپلەرگە يۈزلەنگەن بىر مەزگىل ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ ئۆز بايانلىرىدا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاخىرىقى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە داۋالغۇپ تۇرغان سىياسىي ۋەزىيەت مەۋجۇت بولۇپ، غەربىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا بولشېۋىكلار ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى باسمىچىلار ھەرىكىتى، ئالاش ئوردا ھەرىكىتى ۋە تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان مىللىي كۈرەشلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش تارىخىغا دائىر تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئابدۇقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ يىللىق زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1921-يىلى يۇرتىغا قايتقىنىدا، ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پىكىرلىرىدە كەسكىن ئۆزگىرىشلەر بولغان ئىكەن. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ بۇ مەزگىللەردە بىر ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىدىن كەسكىن بىر ئىنقىلابچىغا ئايلانغانلىقىنى، مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر مىللەتنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا ئېلىشتا مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا مىللىي ئىنقىلاب يولىغا ئاتلىنىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى تەكىتەيدۇ.

(داۋامى بار)