ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (12)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020.01.08
Seypidin-Eziz-01.png سەيپىدىن ئەزىزى (قارا شىلەپىلىك ئۈچىنچى كىشى) 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ماۋ زېدوڭ بىلەن بېيجىڭدىكى تيەنئەنمىن راۋىقىدا.
Photo: RFA

ئون ئىككىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسا: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاچقۇچى كىمنىڭ قولىدا؟»

1955-يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم تۇپراقلىرى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ئاپتونوم ئوبلاستلارغا، ھەتتا ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدىغان ۋىلايەتلەرنىڭ بەزى ناھىيەلىرى باشقا كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم ناھىيەسى قىلىپ بۆلۈپ بېرىلگەندىن كېيىن نۆۋەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر ئاپتونومىيەنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىغا تىركىلىدۇ.

سەيپىدىن ئەزىزى «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ تېخى ئوقۇرمەنلەرگە يەتمىگەن 3-تومىدا ئۆزىنىڭ 1954-ۋە 1955-يىللىرى ئارىلىقىدا بېيجىڭغا كۆپ قېتىم قاتراپ يۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئاپتونومىيەسى» دېگەن نامنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى پەش قىلىدۇ. ئۇ ئەسلىمىسىدە ماۋ زېدوڭنىڭ شى جۇڭشۈن ئارقىلىق ئۆزلىرىگە شىنجاڭدا قۇرۇلىدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونومىيەنىڭ نامىنى «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دېسەك دېگەن پىكىرنى يەتكۈزگەندە، ئۆزىنىڭ قاتتىق خاپا بولۇپ: «ئاپتونومىيە تاغ-دەرياغا ياكى زېمىنغا قاراپ بېرىلمەيدۇ، بەلكى مىللەتكە قاراپ بېرىلىدۇ. ئەگەردە مىللەت بولمىغاندا ئاپتونومىيەمۇ بولمايدۇ،» دېگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. سەيپىدىن ئەزىزى ئەسلىمىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن يولداش شى جۇڭشۈنگە ‹ئۇيغۇر› دېگەن نام ئەگەر شىنجاڭنىڭ ئاپتونومىيەسىگە قوشۇلمىسا، بۇ ئاپتونومىيە نامىنى خەلقنىڭ رازىلىقىدىن ئۆتكۈزۈش قىيىن بولىدۇ، ھەتتا قارشىلىقلار چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ پىكرىمنى سىزنىڭ رەئىس ماۋ زېدوڭغا يەتكۈزىشىڭىزنى ھەم رەئىس ماۋ زېدوڭنىڭ قايتا ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۆتۈنىمەن.» 

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ يوقىرىقى بايانلىرىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جاي-جايلىرىنى پارچىلاپ، ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرگە ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاپتونوم ناھىيە تەسىس قىلغاندىن كېيىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلىدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونومىيەگە ھەتتا «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىنى قوشۇشنى خالىمايدۇ. سەيپىدىن ئەزىزى بۇ مەسىلىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى ماۋ زېدوڭ ۋە خىتايدا ئاپتونومىيە قۇرۇش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە ئارىلاشقان شى جۇڭشۈن، لى ۋېيخەن قاتارلىقلار بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلىشىپ، ئاخىرىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نامنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلىدۇ. ۋىۋىسكا ۋە لوزۇنكىلاردىكى خىتايچە خەتلەر ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ ئاستىغا چۈشىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيسى ۋە ناھىيەلەرنىڭ ھاكىملىرى ئۇيغۇرلاردىن قويۇلىدۇ. ھالبۇكى، كومپارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان كوممۇنىستىك سىياسىي سىستېمىدا ئۇيغۇرلاردىن بىرىنچى قول باشلىق قويۇلغان ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خىتايلاردىن بىرىنچى قول پارتكوم سېكرىتارى قويۇلغان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا شەرتسىز بويسۇنىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاپتونومىيە ھوقۇقى پەقەتلا قورچاق ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىپادىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتاي كوممۇنىستلىرى كونترول قىلىدۇ. 

مەرۇپ ئەيسا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان سەيپىدىن ئەزىزىنىڭمۇ «مەن قورچاق رەئىس بولۇپ قالدىم» دەپ ۋايسىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. 

بۇ ئەھۋال ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مىللىي ئىنقىلاب مېۋىسىنىڭ بىكارغا كەتكەنلىكىنى، مىڭلىغان قۇربانلارنىڭ قېنى بەدىلىگە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىنىڭ نابۇت بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا «ئاپتونوم رايون» دېگەن قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولۇپ قالغانلىقىنى ھەر يەردە سۆزلەيدۇ.

«ئاچقۇچ كىمنىڭ قولىدا؟» دېگەن بۇ سۆز ئابدۇرەھىم ئەيسا تەرىپىدىن 1956-يىلىدىكى «ئېچىلىپ-سايراش» دولقۇنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغا مەشھۇر كەلىمىدۇر. ئابدۇرەھىم ئەيسا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا رۇس كوممۇنىستلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەرگە بەرگەن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدەك جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى تۇرماق، ھەتتا ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونومىيەنىڭ ئاچقۇچىنىمۇ بەرمىگەنلىكىدىن شىكايەت قىلىدۇ. 

بۇنىڭ بىلەن 1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە بولغان جەرياندا سەيپۇللايوف، ئەسئەت ئىسھاقوف، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف، زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرەھىم ئەيسا، ئابدۇرەھىم سەئىدى، ئابلىز قارى قاتارلىق بىر تۈركۈم سىياسىي سەرخىللار تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ئۆزلىرىنىڭ نارازلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇلار ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ، ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا شۇ يىللاردا 18 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ستۇدېنتنىڭ ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بىلەن خەرىتىسىنى سىزىپ چىققانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ: «سىياسەتنىڭ بېشىدا تۇرغان بىزلەر 18 ياشلىق بىر شۇ ئوقۇغۇچىدەك بولالمىدۇق،» دەيدۇ. 

1957-يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي مەملىكەتلىك مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى چىڭداۋدا ئېچىلىدۇ. خىتاي باش مىنسىتېرى جۇ ئېنلەي 8-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە ئاپتونومىيە ھەققىدە ئۇزۇن بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئۇ يىغىنىدا سەيدۇللا سەيپۇللايوف ۋە ئەسئەت ئىسھاقوف قاتارلىقلارنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى كەسكىن رەت قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان ۋاقىتتا، بىز ‹ئۇيغۇرىستان› دېگەن نامنى قوللىنىشنى قوللىمىدۇق. چۈنكى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە 12 مىللەت ياشايدۇ. 13 مىللەتكە 13 ‹ئىستان› قۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېيىلگەندىكىن، ‹قالپاق› بەرىبىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلدى ئەمەسمۇ! ؟» 

سەيپۇللايوف بىلەن ئەسئەت ئىسھاقوف جۇ ئېنلەينىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ: «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىدە يۈزگە يېقىن مىللەت ياشايدۇ. ئەمما سوۋېت ھۆكۈمىتى قازاقلارنىڭ مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتىكى ئاساسلىق يەرلىك ئاھالە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى زۆرۈر دەپ ھېسابلىغان. شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس،» دەيدۇ. 

چىڭداۋ يىغىنىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» قوزغاشنى، شۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە نارازلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت سەرخىللىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشنى قارار قىلىدۇ. 

1958-يىلىغا كەلگەندە خىتاي كومپارتىيەسى چىڭداۋ يىغىنىدا جۇ ئېنلەي بىلەن تارتىشقان سەيپۇللايوف ۋە ئەسئەت ئىسھاقوف قاتارلىق يوقىرى دەرىجىلىك كادىرلارغا زەربە بېرىدۇ. مەرۇپ ئەيسا سەيپۇللايوفنىڭ 1958-يىلى قومۇلغا پالىنىپ ئوننەچچە يىللار بېسىمدا ياشىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ. 

ئەمەلىيەتتە چىڭداۋ يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇنلا ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم يوقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر سەرخىللىرى 1956-يىلىدىكى «ئېچىلىپ سايراش» تا ۋە 1957-يىلى باشلانغان «ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى» مەزگىللىرىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئۇ ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون»، «ئاپتونوم ئوبلاست» ۋە «ئاپتونوم ناھىيە» دېگەنلەر قەغەز يۈزىدىكى ساختا ھوقۇقلاردىن باشقا نەرسەر ئەمەس، ئاپتونومىيەنىڭ ئاچقۇچىنى قولغا ئالماي تۇرۇپ ھەقىقىي ئاپتونومىيەنىڭ ئەمەلىيلەشمەيدۇ، دەيدۇ. 

مەرۇپ ئەيسانىڭ تەكىتلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوپ ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانى ئاگاھلاندۇرغاندا، ئۇ «پىچاق گۆشتىن ئۆتۈپ سۆڭەككە يەتتى، ئەمدى يەنە قاراپ تۇرساق بولمايدۇ،» دەيدۇ. 

ئابدۇرەھىم ئەيسا ئوتتۇرىغا قويغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساختا ئاپتونومىيەسى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى تەنقىدىي پىكىرلىرى ۋاڭ ئېنماۋ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ نېرۋىسىغا تېگىدۇ. ئېنىقراقىنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ ئېنماۋ بۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە ئابدۇرەھىم ئەيساغا قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇنى كۆزدىن يوقىتىشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ قويىدۇ. 

دېگەندەك، 1957-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى» دا بىرىنچى ئوق ئابدۇرەھىم ئەيساغا ئېتىلىدۇ. ئۇنىڭ 1951-يىلىدىن بۇيانقى سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ «جىنايىتى» بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا 1958-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى» دېگەن نام بىلەن سۈيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 1958-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئۇنى «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ باش ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ. 

ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئابدۇرەھىم ئەيسا مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان رېسپۇبلىكىسى ياكى شەرقىي تۈركىستان رېسپۇبلىكىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. كومپارتىيەگە قارشى ھاقارەت سۆزلىرىنى ئىشلەتتى. ئۇ ‹پارتىيە چوڭ مىللەتچىلەرنىڭ خەنسۇ بولمىغان مىللەتلەرنى بوزەك قىلىشىغا يول قويىدىغان ئاپپارات. ئۇنىڭ سىياسىتى خەنسۇ ئەمەس مىللەتلەر ئۈچۈن بالايى-ئاپەت، › دېدى. ئابدۇرەھىم ئەيسا زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پارتىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. ئۇ پارتىيەدىن ھوقۇق تالىشىپ: ‹ئاچقۇچ كىمنىڭ قولىدا؟› دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ: ‹خەنسۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىدىكى ھەممە پارتىيەۋىي ئورۇنلار ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنى بوشاتسۇن، ئۇلار ئىگىلەپ تۇرغان ئورۇنلار ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللىي كادىرلارغا ئوكۈزۈپ بېرىلسۇن. خەنسۇ كادىرلار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك، پەقەت ياردەمچى رول ئوينىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ بولۇشى مىللىي كادىرلارغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ، بىز خەنسۇلارنىڭ ياردىمىسىزمۇ سوتسىياسلىزم قۇرالايمىز، › دېدى. ئۇ يەنە ‹يەرلىك مىللەتلەر خەنسۇلار بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە باراۋەر ئەمەس؛ ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىدىن ئېلىنغان دارامەتنىڭ ئالتىدەن بەش قىسمى خەنسۇلارغا، ئالتىدەن بىر قىسمى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا سەرپ قىلىنماقتا. ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى دېگەن نېمە ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى يەرلىرىنى تارتىۋالدى. مۇنداق شارائىتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغىنى بىلەن قۇرۇلمىغىنىنىڭ ھېچ پەرقى قالمىدى. بىز خەنسۇلاردىن ھوقۇقنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز، ئەگەر يەنە بەرمىسە، تارتىۋېلىشىمىز كېرەك! › دەپ زەھەر تارقاتتى.» 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان مەتبۇئاتى بولغان «ئالغا» ژۇرنىلى 1958-يىللىق 5-سانىدا ئابدۇرەھىم ئەيسانى ئەيىبلەپ باش ماقالە ئېلان قىلىدۇ. بۇ ماقالىدا ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرى دەھشەتلىك تۈردە ھۇجۇم نىشانى قىلىنىدۇ. ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئابدۇرەھىم ئەيسا مەركەزنىڭ مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ‹خاتا› دەپ ھۇجۇم قىلىپ، ‹شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقى بىلەن قۇرۇلمىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق›-دېدى. ئۇ يەنە ‹ئاچقۇچ كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك›-دېدى.» ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئابدۇرەھىم ئەيسا ‹خەنسۇلار ئىلىنى بېسىۋالدى، خەنسۇلارنىڭ ياردىمىسىزمۇ بىز سوتسىيالىزم قۇرالايمىز›-دېدى. ئۇلار ئۆتكەن يىلى مايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا بىر مۇقامدا ناخشا ئېيتىپ ئوت قۇيرۇقلۇق بىلەن: ‹مىللىي كادىرلاردا خىزمەت بار، ھوقۇق يوق›، ‹خەنسۇلار تەختتىن چۈشسۇن›، ‹بارلىق ئاپتونوم ئورۇنلار، ھەتتا ھەربىي قوشۇنلار ۋە پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلىرى مىللىيلەشتۈرۈلسۇن›-دەپ جار سالدى.» 

دەرۋەقە، ئابۇرەھىم ئەيسا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلەپ 6 يىلدىن كېيىن ئاران تەسلىكتە تەسىس قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بۇ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئەمەلىيەتتە «ئېتى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق» بىر ساختا ئاپتونومىيە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاچقۇچىنىڭ ‹ئاپتونومىيە› قالپىقى كىيدۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى خىتاي پارتكوم سېكرىتارلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئۆز دەۋرىدىلا چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.