ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (17)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020.02.11
memtimin-bughra-abdurehim-eysa.jpg مۇھەممەتئىمىن بۇغرا(ئوڭدا) ۋە ئابدۇرەھىم ئەيسا ئەپەندىلەر.
RFA/Qutlan

ئون يەتتىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسا ھەج سەپىرىدىن قايتقاندا

ئابدۇرەھىم ئەيسا 1957-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەككە ۋە مەدىنەدىكى بىر يۈرۈش ھەج پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 8-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي دۆلەتلىك ھەج ئۆمىكىنى باشلاپ، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ھەج سەپىرى جەريانىدا ھەج تاۋابىتىگە دائىر پائالىيەتلەردىن تاشقىرى رەسمىي ياكى غەيرىي-رەسمىي يوسۇندا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار بىلەن ئۇچراشقانلىقى، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىدىن پولات قادىرى بىلەن ئايرىم ئۇچراشقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئەسلىمىسىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

ئۇنداقتا، ئابدۇرەھىم ئەيسا ھەج سەپىرىدە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يەنە بىر مۇھىم رەھبىرى بولغان مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئۇچراشقانمۇ؟

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا ئاكىسىنىڭ ھەرەمدە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ھالبۇكى، ھازىرغا قەدەر قولىمىزدا بار بولغان مەنبەلەردە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ مەككىدە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەستىقلايدىغان ھۆججەت يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەيلى مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ شەخسىي ئارخىپىدا بولسۇن ياكى ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىلىرىدە بولسۇن، 1957-يىلى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ھەجگە بارغانلىقى توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ئەمما مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئۈرۈمچىدە يېقىن دوست ۋە مەسلەكداش بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1957-يىلى ھەجگە ئەۋەتىلىشىدە ئۇلار ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى كونا دوستلۇقنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىڭ چەتئەللەردە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى قايتۇرۇپ كېلىشتە ئابدۇرەھىم ئەيسادىن پايدىلانماقچى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

مەرۇپ ئەيسانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا ھەجدىن قايتىپ كېلىپ بېيجىڭدىكى ئىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىلى ئوبلاستىدا خىتاي ھەج ئۆمىكىنىڭ شۇ يىللىق ھەج پائالىيىتى توغرىلىق دوكلات بېرىدۇ. غۇلجادىكى «ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كۇلۇبى» دا ئېچىلغان بۇ چوڭ يىغىنغا ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت قارمىقىدا خىزمەت قىلىدىغان كادىرلارنىڭ كۆپىنچىسى قاتنىشىدۇ. شۇ يىللىرى ئىلى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەرۇپ ئەيسامۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ. مەرۇپ ئەيسانىڭ ئەسلىشىچە، يىغىندا ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنىڭ ھەج پائالىيىتى داۋامىدا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان ئىكەن.

شۇنداق قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا ئەپەندىنى قايتۇرۇپ كېلىش، چەتئەللەردىكى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» نىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش پىلانى مەغلۇپ بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئابدۇرەھىم ئەيسا خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەندەك «چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى» غا خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنى قايىل قىلىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمايدۇ، بەلكى مەرۇپ ئەيسا تەكىتلىگەندەك مۇھەممەتئىمىن بۇغراغا «قايتىپ كەلمەسلىك، ناۋادا قايتىپ كەلسە ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقى» دىن سىگنال بېرىدۇ.

1957-يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرىدا ئابدۇرەھىم ئەيسا ھەج سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەندە خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەت قوزغاش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى كەڭ كۆلەمدە تازىلاشنىڭ ئالدىن تەييارلىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

شۇ يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرىدا چىڭداۋدا خىتاي مەملىكەتلىك مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىدۇ. بۇ يىغىندا خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي سەيپۇللايوف باشچىلىقىدىكى «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ «ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش ھەققىدىكى كەسكىن سوئاللىرىغا دۇچ كېلىدۇ. «شىنجاڭدىكى 13 مىللەتكە 13 ئىستان قۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇپ، سىلەرگە ئاپتونومىيە بەردۇق. ئاپتونومىيە قالپىقى بەرىبىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كىيىلدى ئەمەسمۇ! ؟» دېگەن زەھەرخەندە سۆزلەرنى تەكىتلىگەن جۇئەنلەي خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. خۇددى سەيپىدىن ئەزىزى تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، «چىڭداۋ يىغىنى ئەمەلىيەتتە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشكە ئىدىيەۋىي تەييارلىق قىلىش يىغىنى بولغان ئىدى.»

«چىڭداۋ يىغىنى» دىن كېيىن، يەنى 1957-يىلى 9-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭدا 8-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا قارار» قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەركەزدىن يوليورۇق تاپشۇرۇۋالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-سېكرېتارى ۋاڭ ئېنماۋ ئۈرۈمچىدە «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» قوزغاشنىڭ جىددىي تەييارلىقىنى قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا موسكۋا زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرى بولمايدۇ.

1957-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىنتايىن داغدۇغا بىلەن «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى» يىغىنى ئېچىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەيلى ئۇيغۇر كادىرلار ياكى قازاق كادىرلار بولسۇن، ھەتتا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىمۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ بۇنچىلىك دەھشەتلىك رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.

يىغىن باشلىنىشى بىلەن بىرىنچى پاي ئوق ئالدى بىلەن زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى ۋە ئابدۇرەھىم ئەيساغا ئېتىلىدۇ. ئۇلارغا «ئوڭچى»، «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى»، «تەتۈر ئىنقىلابچى»، «ئۇيغۇرىستانچى»، «خەنزۇلارغا قارشى» دېگەندەك بىر قاتار قالپاقلار كىيدۈرۈلىدۇ. بولۇپمۇ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ شۇ يىلى ھەجدىن «قۇرۇق قول» قايتىپ كەلگەنلىكى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تاپشۇرغان «سىياسىي ۋەزىپە» نى ئورۇندىيالمىغانلىقى ئۇنىڭ تېخىمۇ زور «گۇناھى» بولۇپ قالىدۇ.

ئامېرىكادىكى «ۋىلسون مەركىزى» ئېلان قىلغان سوغۇق ئۇرۇشقا دائىر ھۆججەتلەر ئىچىدە 1958-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى ۋاڭ ئېنماۋنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلى دوباشىنغا، ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇاڭجاڭنىڭ غۇلجادىكى سوۋېت كونسۇلىغا «يەرلىك مىللەتچى» لەر ھەققىدە بەرگەن دوكلاتلىرى ئۇچرايدۇ. ئۇلار سوۋېت كونسۇلىغا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ مەككىدە مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكى، دۆۋلەتبېك ئىسىملىك CIA جاسۇسى بىلەن خۇپىيانە ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن پۇل ۋە سوۋغات قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلىدۇ. مەرۇپ ئەيسامۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1957-يىلىنىڭ ئاخىرى باشلانغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» جەريانىدا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانى يۇقىرىقى بىر قاتار «تۆھمەت» لەر بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا يەنە شۇ قېتىملىق كۈرەش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانى «مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى ۋەتەنگە قايتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان»، «ئۇنىڭغا قايتىپ كەلمە دەپ تەتۈر تەشۋىقات قىلغان» دېگەندەك بىر قاتار «گۇناھ» لار بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.