ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (25)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020.07.07
Merhum-Muhemmedimin-Bughra.jpg مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرا 1954-يىلىدىكى ھەج تاۋابىتى جەريانىدا مەككىدە ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار بىلەن بىللە.
RFA/Qutlan

يىگىرمە بەشىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دېلوسىغا تىركەلگەن «دۆۋلەتبەگ ۋەقەسى»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1957-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىدە «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» قوزغاش توغرىلىق كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىدۇ. يىغىن باشلىنىشى بىلەن بىرىنچى پاي ئوق زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى ۋە ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتارلىق 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرغا قارىتىپ ئېتىلىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئابدۇرەھىم ئەيسا «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن تارتىپ چىقىرىلغاندا، ئۇنىڭغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىگە قارشى چىققان»، «ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش خام خىيالىدا بولغان» دېگەندەك بىر قاتار «جىنايەت» لەردىن باشقا يەنە بىر ئۇچى خەلقئاراغا تۇتاشقان ۋە چېگرا ھالقىغان «سىياسىي جىنايەت» لەرمۇ ئارتىلغان ئىدى. كۈرەش يىغىنىدا «ئابدۇرەھىم ئەيسا ھەج سەپىرىدە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن پانتۈركىستلەر بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن»، ھەجدىن قايتىشىدا «ئىستانبۇل مېھمانخانىسىدا دۆۋلەتبەگ ئىسىملىك ئامېرىكا جاسۇسى بىلەن يوشۇرۇن كۆرۈشۈپ، تىل بىرىكتۈرگەن» دېگەن بىر قاتار «جىنايەت» لەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

شاھىتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئايلارچە سوزۇلغان شۇ قېتىملىق كۈرەش يىغىنىدا ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنىڭ ھەج سەپىرى جەريانىدا ھېچقاچان دۆۋلەتبەگ ئىسىملىك بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 1958-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچقۇرۇن، يەنى ئابدۇرەھىم ئەيسا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ ئارىدىن بىر سوتكىمۇ ۋاقىت ئۆتمىگەن بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى ۋاڭ ئېنماۋ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى ھاپىلا-شاپىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ، باش كونسۇل دوباشىنغا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنى دوكلات قىلىدۇ. ۋاڭ ئېنماۋ دوكلاتىدا: «ئابدۇرەھىم ئەيسا ھەج سەپىرى جەريانىدا دۆۋلەتبەگ ئىسىملىك ئامېرىكا جاسۇسى بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن» دېگەن گەپنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ھالبۇكى، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ 1990-يىللاردا تاشكەنتتە يازغان «ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆلۈمىنىڭ سىرى» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاكام ھەج سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدە، ئاندىن غۇلجادىكى ‹ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كۇلۇبى› دا دوكلات بەردى. بۇ دوكلاتقا ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى كادىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قاتناشتى. بۇ ۋاقىتلاردا مەن ئىلى ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسىدە ئىشلەۋاتقان بولغاچقا مەنمۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتىم. ئاكام ھەرەمدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ۋە خىتاي ھەج ئۆمىكىنىڭ شۇ يىللىق ھەج تاۋابىتى جەريانىدىكى پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ليۇ شاۋچىنىڭ ئالاھىدە تاپشۇرۇقى بىلەن ئىسلام ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئەپەندىلەرنى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە ئۈندىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئەمما ئاكام شۇ قېتىملىق دوكلاتىدا بولسۇن ياكى ئائىلىمىزدىكى قېرىنداشلار ئارا بولۇنغان ئىچكى پاراڭلىرىمىزدا بولسۇن، ھەج سەپىرى جەريانىدا ئۆزىنىڭ دۆۋلەتبەگ ئىسىملىك بىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن سوۋغات قوبۇل قىلغانلىقى توغرىلىق ھېچ ۋاقىت ئېغىز ئېچىپ باقمىغان ئىدى. 1958-يىلى 1-ئايدا ئاكام ئۈرۈمچىدە ‹ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى› دېگەن قالپاق بىلەن كۈرەشكە تارتىلىپ، سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندە ئۇنىڭغا ‹ئابدۇرەھىم ئەيسا ھەج سەپىرى جەريانىدا دۆۋلەتبەگ ئىسىملىك ئامېرىكا جاسۇسى بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، تىل بىرىكتۈرگەن› دېگەن جىنايەتنىڭ ئارتىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەممىمىز ھەيران بولدۇق.»

2019-يىلى 3-ماي كۈنى 86 ياشقا كىرگەن مەرۇپ ئەيسا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنىڭدىن 61 يىل ئىلگىرى، يەنى «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» باشلانغاندا ئاكىسى ئابدۇرھىم ئەيساغا «تۈركىيەدە دۆۋلەتبەگ ئىسىملىك بىر قازاق جاسۇس، يەنى ئامېرىكا جاسۇسى بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن» دېگەن ئىپتىرانىڭ ئارتىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەرۇپ ئەيسا يەنە شۇ قېتىملىق كۈرەش يىغىنىدا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيساغا ئارتىلغان ئاتالمىش «جىنايەت» لەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيساغا يەنە ھەج سەپىرىدە چەتئەلدىكى بۆلگۈنچىلەردىن مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن. ئۇلارنى ۋەتەنگە قايتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. چەتئەللەرنىڭ ئاتالمىش دېموكراتىيەسىگە مەپتۇن بولغان. ‹جۇڭگونىڭ بىر ئاپتونوم رايونى بولغاندىن ئامېرىكا ياكى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان ئەۋزەلرەك› دېگەندەك زەھەرلىك گەپ-سۆزلەرنى تارقاتقان، دېگەندەك بىر قاتار گۇناھلار ئارتىلغان ئىدى.»

مەرۇپ ئەيسا يەنە ئاكىسى ھەج سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ غۇلجادا دوكلات بەرگەندە ئۆزىنىڭمۇ بۇ دوكلات يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دوكلات يىغىنىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ليۇ شاۋچىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ھەرەمدا مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇلارنى ۋەتەنگە قايتىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپنى رەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

شۇ يىللاردا شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدىن «يەرلىك مىللەتچى» دەپ تارتىپ چىقىرىلغان يارمۇھەممەت ئابدۇساتتاروف ئارىدىن 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندە مۇنۇلارنى ئەسلىمە قىلىدۇ: «مەن 1957-يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردىم. شۇ يىلى ئىستىل تۈزىتىش باشلىنىشى بىلەن ‹يەرلىك مىللەتچى› دېگەن قالپاق بىلەن تارتىپ چىقىرىلدىم ۋە رېجىمغا ئېلىندىم. ئارقىدىن ئەمگەك لاگېرىغا ئەۋەتىلىپ، بىر يېرىم يىل مەپكۇرە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاندىم. ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت› باشلانغاندا بىز شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىغا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ‹ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇر› ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھەج سەپىرى جەريانىدا ‹تۈركىيەدە پالانچى بىلەن كۆرۈشكەن، پۇستانچى بىلەن كۆرۈشكەن، ۋەتەنگە ساتقۇنلۇق قىلغان› دېگەندەك ئاتالمىش جىنايەتلىرى ئۇقتۇرۇلدى. كېيىن تۇيۇقسىزلا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ‹ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى› ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. . .»

ئۇنداقتا، ئابدۇرەھىم ئەيساغا ئارتىلغان «دۆۋلەتبەگ ۋەقەسى» قانداق ئوتتۇرىغا چىققان؟ ئاتالمىش «ئامېرىكا جاسۇسى دۆۋلەتبەگ» زادى كىم، ئۇ رېئال شەخسمۇ ياكى خىتاي-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىستىغباراتى تەرىپىدىن ياساپ چىقىرىلغان كىشىمۇ؟

ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ھازىرغىچە ئاشكارا بولغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ياكى مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنغان خىتاي ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆججەتلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە «دۆۋلەتبەگ» ئىسىملىك ئامېرىكا جاسۇسى ھەققىدە مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ 1960-يىللاردىن تاكى 1990-يىللارغىچە بولغان جەرياندا ئالمۇتا، تاشكەنت، بېشكەك ئارىلىقىدا تالاي قېتىم قاتناپ يۈرۈپ، ئاكىسىنىڭ دېلوسى توغرىلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ جەرياندا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنى زىيارەت قىلىش، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئېلىش، تارىخىي ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاكىسىنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئىستىغباراتىنىڭ بىرلەشمە قولى بارلىقىنى، ئاتالمىش «دۆۋلەتبەگ» ئىسىملىك «ئامېرىكا جاسۇسى» نىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ھېكايە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.