ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (27)
2020.08.04
يىگىرمە يەتتىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسانى قارىلىغان سابىق «سەپداش» لارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى (بېشى)
1957-يىلى 12-ئاينىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئابدۇرەھىم ئەيسا «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن تارتىپ چىقىرىلىپ، 1958-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سىرلىق سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگۈچە بولغان جەرياندا پەقەتلا بىر ئاي ۋاقىت ئۆتكەن ئىدى. بۇ قىسقىغىنە بىر ئاي جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىدىن تارتىپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زاھىر سەۋدانوفىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر جاكۇلىندىن تارتىپ، سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفقىچە بولغان بىر قاتار داڭدار شەخسلەر ئىلگىرىكى «دوستلۇق ۋە سەپداشلىق» خاتىرىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانى رەھىمسىزلىك بىلەن قارىلايدۇ.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى 1940-يىللاردىكى ئىلى ئىنقىلابى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان «ئىنقىلابىي سەپداشلار» ئىدى. 1930-يىللاردا تاشكەنتتە ئوقۇغان ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوف ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، 1945-يىلى ئۈرۈمچىدە ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن بىرلىكتە «باھار» تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، يەر ئاستى پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان يېقىن سەپداشلاردىن ئىدى. شۇڭىمۇ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا ئاكىسىنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە ئېغىز ئاچقاندا: «خىتاي كومپارتىيەسى ئاكامنى ‹ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى› دەپ ئەيىبلىگەندە ئۇ مەيدىسىنى كېرىپ قويۇپ تىك تۇرغان ئىدى، ئەمما خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىغان بىر قىسىم يېقىن دوستلىرى بىلەن سەپداشلىرى ئۇنى ‹يەرلىك مىللەتچى› دەپ ئەيىبلىگەندە ئاكامنىڭ قەلبى لەختە-لەختە بولدى،» دەيدۇ.
دېگەندەك، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» باشلىنىشى بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيسا، زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى قاتارلىق «قارا تىزىملىك» تىكى كىشىلەرگە قارشى بىرىنچى پاي ئوقنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى ئېتىپ بېرىدۇ. بۇ ھەقتە مەرۇپ ئەيسا ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ ھەرىكەتكە ماۋ زېدوڭ بېيجىڭدا تۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ شىئەندە تۇرۇپ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلدى. ھەرىكەتنىڭ شىنجاڭدىكى قوماندانى ۋاڭ ئېنماۋ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، سەيپىدىن ئەزىزىنى سەھنىگە چىقىرىپ قويدى. سەيپىدىن ئەزىزى ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى› دا خىتايلار تەييارلاپ بەرگەن ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى› دېگەن دوكلاتىنى ئوقۇدى شۇنداقلا ئۇيغۇرىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلەرگە قارشى بىرىنچى ئوقنى ئېتىپ بەردى.»
ئارىدىن 30 يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ، 1990-يىللارغا كەلگەندە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ غۇلجا ئالتۇنلۇقتىكى قەبرىسى غايىب بولىدۇ. سەيپىدىن ئەزىزىمۇ 1970-يىللارنىڭ ئاخىرى ھوقۇقتىن دومىلاپ، بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. ئۇ بېيجىڭدىكى مىرزاقاماقتا يازغان «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇلاشمىغان 3-تومىدا ئىلگىرىكى مەيدانىنى يەنە تەكرارلاپ: «ئابدۇرەھىم ئەيسا، ئىبراھىم تۇردى قاتارلىق مىللىي كادىرلاردا ‹يەرلىك مىللەتچىلىك› ئىدىيەسى ئېغىر ئىدى. كېيىن ئابدۇرەھىم ئەيسا كۈرەشكە تارتىلىپ چىدىمىغاندا ئۆلىۋالدى،» دەپ يازىدۇ.
مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئاشۇ كۈنلەردىكى قىيىن ئەھۋالىنى ئەسلەپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1958-يىلىنىڭ يانۋار ئېيى كىرىش بىلەن كۈرەش يىغىنى قىزىپ كەتتى. بىر ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۈستىدىكى كۈرەش يىغىنى 16 كۈن داۋام قىلدى. ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتناشقان گۇرۇپپىدا شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئەسەبىيلەرچە چالۋاقاپ، ھە دېسىلا ‹ئابدۇرەھىم ئەيسادا مىللەتچىلىك ئىدىيەسى ئېغىر› دەپ جار سالدى. ئۇ راست-يالغان پىكىرلەرگە مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ ۋە ئۇنى پرىنسىپقا كۆتۈرۈپ، ئابدۇرەھىم ئەيساغا زادىلا ئارام بەرمىدى. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ يىغىندا ئۆزىنى تەكشۈرۈشى خىتاي رەھبەرلىرىگە زادىلا ياقمىدى. ئۇ خىتاينىڭ قاتمۇ-قات بېسىملىرىغا پىسەنت قىلماي، بېشىنى تىك تۇتۇپ مەغرۇر تۇردى. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ مەغرۇرلۇقىدىن ئوغىسى قاينىغان ۋاڭ ئېنماۋ ‹كۈرەش قىلىش› نىڭ 16-كۈنى كۈرەشنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل مات قىلماقچى بولدى. ئابدۇرەھىم ئەيسانى پاش قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تەربىيەلەپ تەييار قىلغان پارتىيە ئاكتىپى ئىسمائىل ھەۋىزۇللايوفنى مۇنبەرگە چىقاردى.»
ئۇنداقتا، كۈرەش يىغىنىدا ئابدۇرەھىم ئەيساغا تۇنجى بولۇپ ھۇجۇم قىلغان ئىسمائىل ھېۋزۇللايوف زادى كىم ئىدى؟
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرۇپ ئەيسا ئىسمائىل ھېۋىزۇۇلايوفنىڭ 1930-يىللاردا تاشكەنتتە ئوقۇغان زىيالىيلاردىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ 1940-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا باشلانغانلىقىنى، شۇنىڭدىن بۇيان تاكى 1957-يىلىغىچە ئۇلار ئىككى ئائىلىنىڭ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ھالبۇكى، 1957-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ۋاڭ ئېنماۋ شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۇنى يېقىن دوستى ئابدۇرەھىم ئەيساغا قارشى مەيدانغا سالىدۇ. بۇ ھەقتە مەرۇپ ئەيسا ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1957-يىلى يازنىڭ ئاخىرى ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا دەم ئېلىش ئۈچۈن بورتالا ئارىشاڭغا بارماقچى بولدى. بۇنى ئۇققان ھېۋىزۇللايوف ئۇنىڭغا ئارىشاڭغا بىللە بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى ئائىلە ئارىشاڭغا بىللە بارىدۇ. ھېۋىزۇللايوف ئارشاڭدا بىللە دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئابدۇرەھىم ئەيسادىن گەپ ئېلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇ ئارشاڭدا شىپالىق سۇغا چۈشكەندىمۇ، سىرتتا سەيلە قىلىپ يۈرگەندىمۇ تۈرلۈك سوئاللارنى سوراپ ئاكامدىن سىر ئېلىشقا باشلايدۇ. بىر كۈنى ئارشاڭدا چۆمۈلۈۋېتىپ ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا مۇنداق دەپتۇ: ‹مەن بۇ قېتىمقى ھەج سەپىرى جەريانىدا ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن مىسىر ئەللىرىنى كۆرۈپ كەلدىم. ئۇلار ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغىنى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بىرمۇ ئىنگلىز يوق ئىكەن. ھەممە ئىشنى ئەرەبلەر ئۆزلىرى قىلىدىكەن. پەقەت باش ۋالىي ئىنگلىزلاردىن قويۇلىدىكەن. بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن ئاتاقنى ئالغۇچە، ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولساق ياخشىراق بولاتتىكەن! › يەنە بىر كۈنى ئۇلار ئىككىسى سەيلە قىلىپ، يىقىلىپ ياتقان بىر قېرى دەرەخنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇرەھىم ئەيسا يەنە ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفنىڭ كوچىلاپ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھەجدىن قايتىش سەپىرىدە ئىستانبۇل مېھمانخانىسىدا بىر كېچە قونۇپ ئۆتكەنلىكىنى، ئۆزلىرى چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ خوجايىنى ئۇنى چاقىرىپ مېھمان قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ مېھمانخانىنىڭ خوجايىنى ئەسلىدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمان ئارمىيەسىگە ئەسىرگە چۈشكەن سوۋېت ئەسكىرى بولۇپ، تېگى-تەكتى قازاقىستانلىق قازاقلاردىن ئىكەن. ئابدۇرەھىم ئەيسا شۇ قېتىملىق پاراڭ ئارىلىقىدا دۆۋلەتبەگ ئىسىملىك بۇ قازاق كىشىنىڭ ئۆزىگە بىر دانە ناخشا قاچىلانغان پاتېفون پىلاستىنكىسىنى سوۋغا قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قىزى گۈزەل ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا كېپىنەك قوغلاپ ئويناپ يۈرگەن ئىكەن.»
مەرۇپ ئەيسا ئەسلىمىسىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بورتالا ئارىشاڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دوستلۇقتىن كۆرە مەنسەپنى ئەلا بىلگەن ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوف ئابدۇرەھىم ئەيسادىن ئاڭلىغان مەلۇماتلارنى ئېقىتماي-تېمىتماي سەيپىدىن ئەزىزىگە يەتكۈزىدۇ. سەيپىدىن ئەزىزى دەرھال بۇنى خوجىسى ۋاڭ ئېنماۋغا يەتكۈزىدۇ. ۋاڭ ئېنماۋ بۇ مەلۇماتلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خۇددى چوغ دەسسىۋالغاندەك تېپىرلاپ، ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالىدۇ. ئۇ باشلىنىشى ئالدىدا تۇرغان ‹يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت› تە ئابدۇرەھىم ئەيسانى تارتىپ چىقىرىپ، ئۇجۇقتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ قويىدۇ.»
ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتمەيلا ئابدۇرەھىم ئەيسا «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى بىلەن تارتىپ چىقىرىلغىنىدا ئۇنىڭ يېقىن دوستى ئىسمائىل ھېۋزۇللايوف يۈزىدىكى نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئابدۇرەھىم ئەيساغا شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئۇ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھەج مەزگىلىدە چەتئەللەردىكى «بۆلگۈنچى» لەر بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكىنى، قايتىشىدا دەۋلەتبەگ دېگەن ئامېرىكا جاسۇسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ سوۋغات قىلغان پاتېفون پىلاستىنكىسىنى ئوغرىلىقچە ۋەتەنگە ئېلىپ كەلگەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار «جىنايەت» لەرنى پاش قىلىدۇ.
مەرۇپ ئەيسا ئاخىرىدا گەرچە ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوف ۋاڭ ئېنماۋنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن شۇ يىللاردا يېقىن دوستى ئابدۇرەھىم ئەيساغا خىيانەت قىلغان ۋە ئۇنى ساتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كېيىنچە ياخشى كۈن كۆرمىگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى مۇكاپاتلاپ ئۆستۈرۈشنىڭ ئورنىغا جازالاپ غۇلجاغا سۈرگۈن قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفنىڭ «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» جەريانىدا دوستى ئابدۇرەھىم ئەيسانى «يەرلىك مىللەتچىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن «قارا ماتېرىيال» توپلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا يوللىغانلىقى ھەققىدىكى دېتاللارنى ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇلى دوباشىننىڭ موسكۋاغا يوللىغان مەخپىي دوكلاتىمۇ تەستىقلايدۇ.
تەقدىرنىڭ چاقچىقى بەزىدە كىشىلەرنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. 1958-يىلى 1-ئايدا ئابدۇرەھىم ئەيسا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ۋاڭ ئېنماۋ گۇرۇھىدىكىلەر سەيپىدىن ئەزىزىنىمۇ «شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كاتىبېشى» دەپ ئەيىبلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خىتاي ئىچى ۋە قوشنا ئەللەردىكى تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ قوغداپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇرەھىم ئەيسانى ئەيىبلەشتە پېچكا ئورنىدا قوللىنىلغان ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوف قۇربانلىق قىلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىلەن نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سۇلتان ماخمۇت قەشقەرلى ئۆز ئەسلىمىلىرىدە 1958-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل ھېۋىزۇللايوفنىڭ باشقا نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىر قاتاردا «يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كىيىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا يوللانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
(داۋامى بار)