ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (6)
2019.10.29

ئالتىنچى قىسىم: «باھار» تەشكىلاتى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق تۈرمە ھاياتى
1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ئابدۇرەھىم ئەيسا ئىككىنچى يىلى، يەنى 1942-يىلىنىڭ ئاخىرى يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن بىر قاتاردا قولغا ئېلىنىپ، شېڭ شىسەي تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۈرۈمچىگە بارغان مەزگىللەردە قولىغا قەلەم ئېلىپ يېزىقچىلىق بىلەن شوغۇللانغانلىقىنى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ياش قەلەمكەشلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
1944-يىلى سېنتەبىردە نىلقا تاغلىرىدىن باشلانغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئوق ئاۋازى ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ دائىرىلىرىنى قانچىلىك ئالاقىزادە قىلىۋەتكەن بولسا، تۈرمىدىكى ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرنىڭ قەلبىنى شۇنچىلىك ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇلار ئىنقىلاب يالقۇنىنىڭ تېزلىك بىلەن پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانغا تۇتۇشۇشىنى، مىللىي ئازادلىق تېڭىنىڭ بالدۇرراق ئېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقىلى ئىككى يىل بولاي دېگەن بۇ پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە ئابدۇرەھىم ئەيسا قولىغا قەلەم ئېلىپ «تۈرمىدىن ئوغلۇمغا خەت» ناملىق ئەسىرىنى يازىدۇ.
گومىنداڭ دائىرىلىرى 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئۆلكىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى يۇمشىتىش، ئىلى ئىنقىلابىنى سۈلھى يولى بىلەن تىنجىتىش ئۈچۈن تۈرمىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىدۇ. شۇ قاتاردا ئابدۇرەھىم ئەيسامۇ تۈرمىدىن چىقىدۇ.
مەرۇپ ئەيسا كېيىنكى يىللاردا ئاكىسى ھەققىدە يازغان ئەسلىمىسىدە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ. «ئاكام 1944-يىلىنىڭ ئاخىرى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يۇرتىغا، يەنى ئىلىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. گومىنداڭ دائىرىلىرى ئۇنىڭ غۇلجاغا قايتىپ بېرىپلا ئىلىدا كۈنسايىن راۋاجلىنىۋاتقان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قوشۇلۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئىلگىرى ئۆزى ئىشلىگەن ئۆلكىلىك قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىگە قايتىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەمما گومىنداڭ دائىرىلىرى ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ كەينىگە پايلاقچى قويۇپ، ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ.»
مەرۇپ ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسى ئۇيغۇر، قازاق، تاتار ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر ئىچىدىكى سىياسىي سەزگۈرلۈكى يوقىرى بولغان زىيالىيلار بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى يوشۇرۇن تەشكىلات قۇرۇشقا، يەر ئاستى پائالىيەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، مىللىي ئارمىيە كەلگۈسىدە ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم باشلىغاندا ئىچكىي جەھەتتىن قوزغىلىپ، ماسلىشىشقا ئۈندەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيسا، قاسىمجان زۇلياروپ، كەنجى قاتارلىق ياشلارنىڭ باش مەخپىي باش قوشۇشى بىلەن 1945-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە «باھار» تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇ.
سەيپىدىن ئەزىزى «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 2-تومىدا 1945-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىدە «ئىنقىلابىي ياشلار ۋە زىيالىيلار تەشكىلاتى» ناملىق مەخپىي تەشكىلات قۇرۇلۇپ، يەر ئاستى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتقا ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭ ھەربىي مەكتىپىدىن 18، يەرلىكتىن 70 تىن ئارتۇق ياشنىڭ ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى يازىدۇ.
مەرۇپ ئەيسا ئەسلىمىسىدە سەيپىدىن ئەزىزى تىلغا ئالغان «ئىنقىلابىي ياشلار ۋە زىيالىيلار تەشكىلاتى» نىڭ ئۈرۈمچىدە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «باھار» تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاقسۇدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلقىدا ‹ئۇچقۇنلار تەشكىلاتى› قۇرۇلغان ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ باشچىلىقىدا ‹باھار› تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، يوشۇرۇن پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ تەشكىلات ئىلىدىن باشلانغان مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئىلھامى بىلەن 1945-يىلى فېۋرالدا قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ سېپىگە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە رۇس مىللىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى رۇسلانوف بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىسى بار ئىدى. ‹باھار› تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدا ئابدۇرەھىم ئەيسا، قاسىمجان زۇلياروپ، مەنسۇر نىيازى، پولكوۋنىك كەنجى، خەمىت مۇقىيت، ئىسمائىل ئەنۋەرى، مامۇت سەدرىدىن ۋە باشقىلار بار ئىدى. تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خەلق ئىچىدىكى ئىلغار ياشلارنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى تەشكىللەش ۋە تەربىيەلەش، خەلقنى ئويغىتىش، پارتىزانلىق ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلىش، ۋاقتى كەلگەندە ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا ماسلىشىپ ئىچكىي تەرەپتىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىنى گومىنداڭچىلارنىمڭ قولىدىن ئازاد قىلىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت ئىدى.»
«باھار» تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن كېڭىيىدۇ. مەرۇپ ئەيسانىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ نىشانى كەلگۈسىدە مىللىي ئارمىيە ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم باشلىغاندا ئىچكىي جەھەتتىن قوزغىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ بالدۇرراق ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۇلار يوشۇرۇنچە تەشۋىق ۋەرەقلىرى تارقىتىش، ئىلىدىن مەخپىي ئەۋەتىلگەن گېزىت-ژۇرناللار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان ‹شەرق ھەقىقىتى› قاتارلىق ژۇرناللىرىنى تارقىتىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار يەنە دۈشمەننىڭ قورال ئىسكىلاتلىرى بىلەن ئاتخانىلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق خىزمەتچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېرەك بولغاندا شۇ يەردىكى قوراللار بىلەن ئاتلارنى ئېلىپ قېچىش تەييارلىقىنى ئېلىپ بارىدۇ. قىسقىسى، پارتىزانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تەييارلىقلىرى ئوبدان ئىشلىنىدۇ.»
1945-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا «باھار» تەشكىلاتى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان كۈنلەردە گومىنداڭ دائىرىلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتىنى بايقاپ قالىدۇ. مەرۇپ ئەيسا ئەسلىمىسىدە گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ ئابدۇللا (خىتايچە ئىسمى ئا خۇشۇ) ئىسىملىك بىر جاساسنى مەركۇز تەشكىلاتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنچە كىرگۈزگەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ بۇنىڭدىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتارلىق تەشكىلات مەسئۇللىرىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى، ئەمما جاسۇسنى ئۇجۇقتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي، تەشكىلات ئەزالىرىدىن 70 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
سەيپىدىن ئەزىزىمۇ «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 2-تومىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ تەشكىلات 1945-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا گومىنداڭ ساقچى ئورۇنلىرىغا پاش بولۇپ قالىدۇ ۋە كۆپلىگەن ئاساسلىق ئەزالىرى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنىدۇ. بىرمۇنچىسى دەھشەتلىك قىيىن-قىستاققا ئۇچراپ ئۆلتۈرىۋېتىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ پاش بولۇپ قېلىش جەريانى مۇنداق بولغان: تەشكىلاتنىڭ ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئەزاسىنىڭ خائىن ئىكەنلىكى سېزىلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىش قارار قىلىنغان. بۇ ۋەزىپە تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن كەنجى، قاسىم زۇلياروۋ، ئىسمائىل دېگەن كىشىلەرگە تاپشۇرۇلغان. ئۇلار ئابدۇللانى شەھەر سىرتىغا باشلاپ چىقىپ تاپانچا بىلەن ئاتقان. بىراق شۇ چاغدا غەيرىي ئادەم كېلىپ قالغانلىقتىن ئاتقۇچىلار قاچقان. ئىسمائىل قورقۇپ كېتىپ ئۆزىنى ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇم قىلغان ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنى پاش قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كەنجى، قاسىم زۇلياروپ قاتارلىق بىرمۇنچە تەشكىلات ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان.»
مەرۇپ ئەيسا ئەسلىمىسىدە «باھار» تەشكىلاتى پاش بولۇپ قالغاندىن كېيىن تەشكىلات ئەزالىرى دۇچ كەلگەن پاجىئەلەر ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تەشكىلاتتا ئابدۇللا ئىسىملىك بىر جاسۇسنىڭ بارلىقىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى ئۆزىنىڭ مەخپىي تورى ئارقىلىق خەۋەر تاپىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ كېچىسى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىغا چاقىرتىلىپ، خائىن ئابدۇللانى دەرھال ئۇجۇقتۇرىۋېتىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلىدۇ. شۇ كېچىسى خائىن ئابدۇللانى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قاسىمجان زۇلياروپ، كەنجى ۋە ئىسمائىل ئۈچەيلەنگە تاپشۇرۇلىدۇ. ئەمما شۇ كېچىسى كەنجىنىڭ تاپانچا بىلەن ئاتقان ئوقى ئابدۇللانىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگمەي قالىدۇ. يارىلانغان ئابدۇللا دات-پەريات توۋلاپ گومىنداڭ ساقچى تەرەپكە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. زۇلياروپ بىلەن كەنجى شۇ كېچىسى قېچىپ، ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونسۇلخانىسىغا كىرىۋالىدۇ. ئەمما سوۋېت كونسۇلخانىسى بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قالسا ئۆزلىرىگە پايدىسىزلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ ئىككەيلەننى كونسۇلخانىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. تاڭ سەھەردە بۇ ئىككەيلەن گومىنداڭ مەخپىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا باشلىق تەشكىلاتنىڭ باشقا ئاساسلىق ئەزالىرىمۇ شۇ كۈنى ئارقا-ئارقىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. سوۋېت كونسۇلىنىڭ يۈزسىزلىك قىلىشى بىلەن كونسۇلخانىدىن چىقىرىۋېتىلگەن قاسىمجان زۇلياروپ بىلەن كەنجى ئىككەيلەن گومىنداڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە قىيناپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسىتى كېيىنچە ليۇداۋاندىكى كۆمۈر كان قۇدۇقىغا تاشلىۋېتىلىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا باشلىق ‹باھار› تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزالىرى تاكى 1946-يىلى 6-ئايغىچە گومىنداڭ تۈرمىسىدە ياتىدۇ.»
مەرۇپ ئەيسا «باھار» تەشكىلاتىنىڭ ئىلىدىن قوزغالغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ماسلىشىش ۋە ئۈرۈمچىنىڭ تېزراق ئازاد بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان «باھار» تەشكىلاتىنىڭ 70 تىن كۆپرەك ئەزاسىنىڭ گومىنداڭ تۈرمىسىدە ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، 1946-يىلى 6-ئايدا «ئون بىر بىتىم» ئىمزالىنىپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ئاندىن ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. مەرۇپ ئەيسا ئەسلىمىسىدە شۇ قېتىم گومىنداڭ تەرەپنىڭ ئابدۇرەھىم ئەيسانى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشتە شىخو ئۇرۇشىدا مىللىي ئارمىيەگە ئەسىرگە چۈشكەن گومىنداڭ گېنېرالى لى گاۋچىڭ بىلەن تېگىشىشنى شەرت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، سەيپىدىن ئەزىزى «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 2-تومىدا گەرچە «باھار» تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى ھەمدە تەشكىلات پاش بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئىسمىنى پەقەتلا تىلغا ئالمايدۇ. مەرۇپ ئەيسامۇ ئۆز ئەسلىمىسىدە ۋە رادىيومىزغا بەرگەن ئاۋازلىق باياناتىدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «باھار» تەشكىلاتى توغرىلىق سۆز بولغاندا تەشكىلات رەئىسى بولغان ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
(داۋامى بار)