ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (10)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شى جوڭشۈن (ئوتتۇرىدا، شى جىنپىڭنىڭ دادىسى، ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي كومپارتىيەسى غەربىي-شىمال بيۇروسىنىڭ ئىككىنچى سېكرېتارى) سەيپىدىن ئەزىزى (سولدا) ۋە بۇرھان شەھىدى (ئوڭدا) بىلەن 1952-يىلىدىكى ئىلى سەپىرىدە.
شى جوڭشۈن (ئوتتۇرىدا، شى جىنپىڭنىڭ دادىسى، ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي كومپارتىيەسى غەربىي-شىمال بيۇروسىنىڭ ئىككىنچى سېكرېتارى) سەيپىدىن ئەزىزى (سولدا) ۋە بۇرھان شەھىدى (ئوڭدا) بىلەن 1952-يىلىدىكى ئىلى سەپىرىدە.
Public Domain

ئونىنچى قىسىم: ئىلى ۋالىيسى بولغان يىللاردا

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى يىل جەريانىدا ئاساسلىق دىققىتىنى قانداق قىلىپ سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنىۋى مىراسلىرىنى ئۆچۈرۈش، مىللىي ئارمىيەنى تارقىتىۋېتىش ۋە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى غوللۇق سىياسىي سەرخىللەرنى ھاكىمىيەت مەركىزىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە قاراتقان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئەنە ئاشۇ ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قارشىلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان ئابدۇرەھىم ئەيسانى ئۈرۈمچى ۋە ئىلىنىڭ مۇھىتىدىن ئايرىپ، بېيجىڭغا يۆتكەيدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا 1952-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىغا قەدەر خىتاي مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېگەن «نامى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق» مەنسەپ بىلەن بېيجىڭدا تۇرۇپ قالىدۇ. مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ بۇ مەزگىللەردە ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا بارغانلىقىنى ۋە بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا بېيجىڭدىكى ئىككى يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاپ، 1952-يىلى ئەتىيازدا غۇلجاغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئىلى ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئىلى ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىدە تەسىس قىلىنغان «ئومۇميۈزلۈك تۈزەش ۋە قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ئىشخانىسى» نىڭ ئارخىپ بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ يەردە ئالدىنقى ئىككى يىل جەريانىدا ئىلىدا ئېتىلغان، قاماققا ئېلىنغان ۋە باستۇرۇلغان يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ ئارخىپلىرىنى كۆرىدۇ.

1952-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈن قاتارلىق خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن رادىكال باستۇرۇش سىياسىتى رايوندا ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ «ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش»، «چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش» ھەرىكىتى ئىلىدا قارشىلىق كەيپىياتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ ۋەزىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىنى تەڭشىمىسە بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. شۇ يىلى 5-ئايدا ۋاڭ جېن، دېڭ لىچۈن قاتارلىق خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ھوقۇقلىرى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى غەربىي-شىمال بيۇروسىنىڭ ئىككىنچى سېكرىتارى شى جۇڭشۈن (شى جىنپىڭنىڭ دادىسى) ئۆمەك باشلاپ ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە، ئاندىن غۇلجاغا بارىدۇ. شى جوڭشۈن ئىلىدىكى داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەتنى تىنچىتىش ۋە ئىلى خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن قىزىل ئاكتىپ ئەنۋەر جاكۇلىننى ۋالىيلىقتىن بوشىتىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسا بېيجىڭدىن يۆتكەپ كېلىنىپ، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا 1950-يىلىدىن 1952-يىلىنىڭ ماي ئايلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىلىدا يۈزلىگەن ئۇيغۇر، قازاق سەرخىللىرىنى ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ ئوفىتسېر-كوماندىرلىرىنى «تەتۈر ئىنقىلابچى»، «پانتۈركىست» دېگەن قالپاقلار بىلەن ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا شۇ يىللاردا ئىلىدىكى باستۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق ھالدا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى، ھەتتا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھاكىمبەگ خوجانى رادىيودا سۆزلەشكە مەجبۇرلاپ، ئۇنىڭ غېنى باتۇر ۋە فاتىخ باتۇرلار بىلەن بىرلىشىپ «ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلات» قۇرغانلىقىنى ئىقرار قىلىشقا زورلىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.

ھاكىمبېگ خوجادىن كېيىن ئىلىدىكى باستۇرۇش نىشانى مەشھۇر دىنىي ئۆلىما مۇتائالى خەلىپەمگە كەلگەندە ئىلى خەلقى چىداپ تۇرالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىلىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كېتىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا يۇقىرىقى بىر قاتار ۋەقەلەرنى ئەسلىگىنىدە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ «سوتسىيالىزم يالتىراقلىرى» غا ئورىنىۋېلىپ شۇ يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا، بولۇپمۇ سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئىلىدا توختاۋسىز باستۇرۇش ۋە تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيەت ئىدىيەلىرىنى پاك-پاكىزە تازىلاپ تۈگىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ مانا مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە بېيجىڭدىن يۆتكەپ كېلىنىپ، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جوڭشۈننىڭ ئىلى زىيارىتىدىن كېيىن ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ رەھبەرلىكىدە ئىلى ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ قارمىقىدا «ئومۇميۈزلۈك تۈزەش ۋە قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ئىشخانىسى» قۇرۇلىدۇ ھەمدە قامالغانلارنى بوشىتىش، قانۇنسىز مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلۈكلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا شۇ يىللاردا ئىلىدىكى بىر قىسىم قول-ئىلكىدە بار بايلار بىلەن يۇرت چوڭلىرىنىڭ ھەتتا مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلۈكلىرى قايتۇرۇپ بېرىلگەندە قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە تۈپەيلى ئۇنى ئالغىلى ئۇنىمىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇرەھىم ئەيسا ئىلىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە مەمۇرىي ئىشلىرىنى تولۇق قولىغا ئېلىپ، ئىلگىرى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان كۆپلىگەن دېلولارغا قايتا قاراپ چىقىدۇ، قامالغان كىشىلەرنى بوشىتىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 1954-يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغاندا ئۇ ئىلى ئوبلاستنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت