كۆكتاغدا قامالغان تۇنجى كۈن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.02.13
Qaraqashtiki-bir-yeza-baziri-2017-qish.jpeg قاراقاشتىكى بىر يېزا بازىرى. 2017-يىلى قىش.
RFA/Abduweli Ayup

2014-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. بېشىمغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ، قولۇمغا ئىشكەل، پۇتۇمغا كىشەن سېلىپ نەگە ئېلىپ ماڭغانلىقىنى بىلمەيتتىم. كۆزۈم ھېچ نېمىنى كۆرمەيتتى، قۇلىقىم ماشىنا ئىچىدىكى يۆتەل ۋە پۇشۇلداشلاردىن باشقا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايتتى. ئىنساننى قورقۇنچقا سالىدىغان بۇنداق ئېنىقسىز، ۋەھىمىلىك، سىرلىق سەپەر ھاياتىمدا مۇشۇنىڭ بىلەن تۆتىنجى قېتىم يۈز بېرىۋاتاتتى.

تۇنجى قېتىم 2013-يىلى 19-ئاۋغۇست سائەت ئۈچلەردە كەلگەن «مېھمان» لار بېشىمغا قارا خالتا كىيدۈرگەن ئىدى. 20-ئاۋغۇست تەڭرىتاغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستىغا جايلاشقان سوراقخانىسىدا يېرىم كۈن ھەرەج تارتقاندىن كېيىن مۇشۇنداق قارا خالتىلىق ئېلىپ مېڭىلغان ئىدىم. تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدىن يەنە مۇشۇنداق سۈر-ھەيۋىلەر بىلەن تىكقۇدۇق (لىيۇداۋان) قا يۆتكەلدىم. مانا ئەمدى قامالغانغا بىر يىلدىن ئېشىپ كېسىلىپمۇ بولغاندا يەنە قارا خالتا بىلەن ماشىنىغا چۈشتۈم. نېمە كۆرگۈلۈك بۇ!

كۆزۈمدىن قارا خالتىنى ئالغاندا قارىسام بىر زالنىڭ ئىچىدە تۇرۇپتىمەن. ھەر تەرەپتە قوراللىق ئەسكەر. بىرەر يۈزدەك مەھبۇس قاتارىدا دوستۇم مەمەتسىدىق تۇرىدۇ، دىليار يوق. قارىغاندا، بۇ يۆتكەش بىر يىل بۇرۇنقى تىكقۇدۇق تۈرمىسىگە پالاشتەك بىزگىلا قارىتىلغان بولمىسا كېرەك. بەلكىم تىكقۇدۇققا تولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار سەۋەبلىك تارقاقلاشتۇرۇلغان بولساق كېرەك. مەھبۇسلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئاز، سىياسىي مەھبۇسلارمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. زالدا تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدا بىر كامىرىدا ياتقان باي ناھىيىسىنىڭ ئونباش يېزىسىدىن تۇردى ۋە تىلسىز دىلمۇراتقا ئوخشايدىغان يەنە بىر كىشىمۇ بار ئىدى.

كامىرلارغا تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن قان ئالدى. ھەر قېتىم قان ئېلىنغاندا ئەيدىز ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللەرگە ئائىت سوئاللار سورىلاتتى. ئەيدىز بولغان مەھبۇسلار بىلەن بىر قاتارغا تىزىلاتتىم. خۇددى ئاشۇ يىڭنىلەرنىڭ ئۇچىدا ئەيدىز ۋىرۇسى قىمىرلاپ تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ بىئارام بولاتتىم. بۇنداق چاغلاردا سېسترالارنىڭ «زەھەر چېكەمسەن، پاھىشىلەر بىلەن ئارىلىشامسەن، ھەپتىدە قانچە قېتىم» دېگەن سوئاللىرى ئۇلارنىڭ نىجاسەتتىن سەسكەنگەندەك قاراشلىرى ۋە قوپال ۋارقىراشلىرىدىن بەكرەك ئېغىر كېلەتتى.

قاماققا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئەيدىز بىمارىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىكەنمەن. قاماق ھاياتىمدا يۇقۇپ قالارمۇ دەپ قورققانچە قېرىشقاندەك يۇقۇملۇق كېسەللەردىن نېرى بولالمىدىم. ئەيدىز، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، تۇبېركۇليوز، سىفلىس دېگەندەكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ھەر كامىرىدا كەم بولمايتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار ئىدى. مەن يېتىپ باققان كامىرلارنىڭ ھەر بىرىدە ئۇلارنى ئۇچراتتىم. بەزىلىرى بىلەن پاراڭلاشتىم، ھەتتا دوستلىشىپمۇ قالدىم. ئەمما كۆڭلۈمدە مېنى پاراكەندە قىلىپ تۇرىدىغان بىر قورقۇنچ، بىر ئەنسىزلىكتىن قۇتۇلالمىدىم.

يېڭى كامىرىغا تەقسىم قىلىنىپلا دىققىتىمنى تارتقىنى يۈزىدە قاڭشاردىن باشقا ئەزالار غۇۋا كۆرۈنىدىغان بىر مەھبۇس بولدى. شالاڭ نۇرسىز چاچلار، گۆشلىرى قىرىۋېلىنغاندەك ئىنچىكە ئۇزۇن بارماقلار، كەڭ ئىشتاننىڭ ئىچىدە چوكىدەك ئويناپ قالغان پاچاقلار، ئىككى تال سۆڭەك بۇرتۇپ چىققان كاسا ئۇنى تاشقى پىلانېتتىن كەلگەن غەلىتە مەخلۇقتەك كۆرسىتەتتى. شۇ ھامان «خروئىنكەش، ئەيدىز» دېگەن ئۇچۇرلار مېڭەمگە يىغىلىپ ھەرىدەك غوڭۇلداشقا، نېرۋىلىرىمنى چېقىشقا باشلىدى. 

ئۈرۈمچىدە قامالغاندىن بېرى خروئىن چېكىپ پۈرلىشىپ كەتكەن كىشىلەرنى كۆرۈپ تۇرغان بولساممۇ، لېكىن تۇرقى بۇ قەدەر بەربات بىرسىنى ئۇچرىتىشىم تۇنجى قېتىم ئىدى. كۆڭلۈمدە «خروئىنكەشلىك ۋە ئەيدىز ئۇزۇنغا سوزۇلسا مۇشۇنداق بولامدۇ-نېمە؟ ۋىرۇسلار تەندىكى قۇۋۋەتنى ئاستا-ئاستا قۇرۇتۇپ كىشىنى مۇشۇنداق خاراب قىلسا كېرەك،» دەپ ئويلاپ سىقىلىشقا باشلىدىم.

ئۇنىڭ ئىسمى غېنى بولۇپ بۇ كامىرىنىڭ باشلىقى ئىكەن. ئۇ قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ، دولىسىنى چىقىرىپ مېڭىپ يۈرەتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قوللىرىنى تىزلىرىغا قويۇپ دىققەتتە تىك ئولتۇرۇشاتتى. كامىرلار بىر تۇتاش لايىھىلەنگەن بولسا كېرەك، بۇ كامېر مەن قەشقەردە ياتقان، ئۈرۈمچىدە كۆرگەن باشقا كامىرلاردىن پەرقسىز ئىدى. كىيىملەردە «مىچۈەن - كۆكتاغ قاماقخانىسى» دېگەن خىتايچە خەت تۇراتتى. دېمەك، مەن مەھبۇسلۇق ھاياتىمنى ئۈرۈمچىنىڭ بىر ئۇچىدىكى تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدىن باشلاپ يەنە بىر ئۇچىدىكى كۆكتاغدا داۋام قىلماقتا ئىدىم.

يېڭى كىرگەنلەر تامغا قارىتىپ تۇرغۇزۇپ قويۇلدۇق. جىنايىتىمىزنىڭ نېمىلىكى سورالغاندىن كېيىن گەپ ھېسابىمىزدىكى پۇلغا كەلگەندە يېنىمدىكى دورداي كالپۇك خىتاي «ئۈچ مىڭ سوم بار!» دەپ ۋارقىرىدى. مېنىڭكىدە بەش يۈز سومدەك پۇل بار ئىدى. يەنە بىر يېڭى مەھبۇسنىڭ ھېسابىدا پۇل يوق ئىكەن، بىچارە تۈزۈكرەك ئۈنمۇ چىقارمىدى. ياخشى يېرى كۆكتاغ قاماقخانىسىدا يېڭى كىرگەنلەر يالىڭاچلانمايدىكەن.

چاتاق يېرى بۇ قاماقخانىدا ھاۋا ئالماشمايدىكەن. تىكقۇدۇقتا ئىككى سائەتتە بىر ھاۋالانغىلى چىقاتتۇق. بۇ يەردە ھاۋالىنىدىغان بوشلۇق باركەنۇ بويۇنداپ قاراشقىمۇ بولمايدىكەن. غېنى بىزنى تامغا قارىتىپ بىر تۇرغۇزغانچە چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە مىدىرلاتقۇزمىدى. قارىسام، بۇ كامىرىدا ئىككى ئۇزۇن ساقاللىق بوۋاي ۋە ئىككى ياش يىگىتكە قىزىل جىلىتكە كىيدۈرۈپ قويۇپتۇ. يىگىرمە مەھبۇسنىڭ ئىچىدە يەتتە ئۇيغۇر بار ئىكەنمىز.

چۈشلۈك تاماق كەلگەندە ئازاد قىلىندۇق. تىكقۇدۇق قاماقخانىسىدا بىر مەھبۇس تاماق ئۇسۇپ بېرىدىغان ئاشپەز بولاتتى ۋە چىلەكنىڭ تېگىدە قالغان بەرەڭگە شۆپەكلىرى دائىم خالا تەرەپتە ئولتۇرغان يېڭى كەلدىئاخۇنلارغا ئېشىپ قالاتتى. بۇ يەردە ھەممىمىز قاچىمىزنى كۆتۈرۈپ تۆشۈككە بارىدىكەنمىز، كادىرنىڭ نازارىتىدە بىر مەھبۇس نۆۋەت بويىچە تاماق ئۇسۇپ بېرىدىكەن 

غېنى ماڭا سىزىلىپ كەتكەن سەت بىر قاچىنى تاشلاپ بەردى. قاچىنى ئېلىپ ئەمدى «يېسىۋىلەك شورپىسى» غا ئۆچىرەتكە تۇرۇشۇمغا بىر ئۇيغۇر مەھبۇس كېلىپ قولۇمدىن قاچىنى تارتىۋالدى-دە: -ئاكا، بۇ قاچىنى بىر كېسەل خىتاي ئىشلەتكەن، سەن ئىشلەتمە. بەسەي تاڭ ئىچمىگەنگە ئۆلمەيسەن، مومىنى قايناقسۇ بىلەن يېسەڭمۇ بولىدۇ! -دېدى. مەن قاچىنى قويۇپ تۇراتتىم، غېنى: -تۇراپ ھەي، خەق بىلەن نېمە ئىشىڭ سېنىڭ، بىكارلىق تاماق، سىلىق گەپ قورساقنى ئەستىمۇ! -دەپ ۋارقىرىدى.

ۋارقىراشلار باشلىنىپ كەتتى. ئېگىز ئورۇق كەلگەن غېنىنىڭ ئالدىدا جۇغى كىچىك تۇراپ تېخىمۇ كىچىكلەپ قۇشقاچتەك كۆرۈنەتتى-يۇ، بىر ئېغىز گەپتىن قالماي چۇرقىراپ تەڭ تۇراتتى. ئۇزاق ئۆتمەي گۇندىپاي كېلىپ تۇراپنى كامىرىدىن چىقىشقا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ كىيىم كېچەكلىرىنى يىغىشتۇرغان بولۇپ ماڭا قاراپ ئاستىرتىن «ئاكا، مېنىڭ قاچامنى ئىشلەت، مەن جېدەل قىلىپ كىرگەن، كېسەل يوق،» دېدى. ئۇنىڭ چىرايىدا بىر خاتىرجەملىك، غالىبلىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. 

يېڭى قاماقخانىغا كىرىپلا بىر جېدەلگە سەۋەب بولغانغا ئېزىلدىم. يېڭى كەلگەنلەرنىڭ ھاجەتخانا يېنىدا تاماقلىنىشى ھەر قانداق قاماقخانىدا خان يارلىقى بولسا كېرەك. ئۆزۈمگە تەقسىملەنگەن خالاغا يېقىن جايغا كېلىپ ئولتۇردۇم. قارىسام، ھېسابىمىزدىكى پۇل سورالغاندا «ئۈچ مىڭ سوم بار!» دەپ ۋارقىرىغان دورداي كالپۇك خىتاي غېنىنىڭ يېنىغا جايلىشىپتۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.