مەرھۇم ئەھمەد زىيائىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
مۇخبىرىمىز باتۇر
ئەھمەد زىيائى 1913 - يىلى 4 - ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيىسىنىڭ خانئېرىق يېزىسدا موللاخۇن ھاجىم ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
ئەھمەد زىيائى ناھايىتى كىچىك تۇرۇپلا شېئىر ئىجادىيتىگە كىرىشكەن. ئۇ شائىر دادىسىدىن شېئىرىيەتنىڭ نەزەرىيىۋى،ئەمەلىي مەسىلىلىرى بويىچە نۇرغۇن بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن،دادىسىمۇ ئوغلىنى قاتتىق تەلەپ بىلەن ئەتراپلىق تەربىيلىگەن. ئۇ 10 ياشلارغا كىرگەندە شېئىر يېزىشقا باشلىغان،1928 - يىلى «زىيائى» تەخەللۇسىنى قوللىنىپ،كىلاسسىك ئەدەبىيات ئىزىدىن مېڭىپ، «گۈل ۋە بۇلبۇل» ناملىق داستانىنى يازغان.
ئەھمەد زىيائىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەدەبىي ھاياتىدا 1935 - يىلى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.ئۇ شۇ يىلى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى،داڭلىق شائىر،ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى باش مۇھەررىرلىكىدە چىقىۋاتقان «يېڭى ھايات گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرلىكىگە ئورۇنلاشقان. 1937 - يىلى ئاپرېلدا قەشقەردە شېڭ شىسەي چوڭ تۇتقۇن ئېلىپ بارغاندا قۇتلۇق ھاجى شۇ دەۋرنىڭ نۇرغۇن زىيالىلىرى،بايلىرى، يۇرت چوڭلىرى قاتارىدا قولغا ئېلىنىپ،ئۇزۇن ئۆتمەي شېڭ شىسەي تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قۇربان قىلىنغان.شۇنىڭ بىلەن گېزىتنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئەھمەد زىيائىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن.
كېيىنچە گېزىتنىڭ نامى «قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن، گېزىت ئۈستىدىكى تەقىپ بارغانسېرى كۈچەيگەن،زىيانكەشلىكلەر ئاپ - ئاشكارە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇ گېزىتچىلىكنى ھەرگىز توختىتىپ قويمىغان. ئەھمەد زىيائى 1943 - يىلىغىچە مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇھەررىر ھەم باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.ئۇ مۇشۇ مەزگىللەردە ئۆزى يازغان ياكى تەرجىمە قىلغان جەڭگىۋار ماقالىلەر ۋە گېزىتنىڭ جانلىق سەھىپىلىرى ئارقىلىق خەلقنى نادانلىقتىن ئويغىنىشقا دەۋەت قىلغان.
ئەھمەد زىيائىنىڭ گېزىتچىلىك ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى، خەلق قەلبىدىكى ھۆرمىتى ھۆكۈمران دائىرىلەرنى ساراسىمگە سېلىپ قويغان. 1943 - يىلى شېڭ شىسەي ئۆز قولى بىلەن خەت يېزىپ، ئەھمەد زىيائىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇق قىلغان. بۇيرۇق بويىچە ئەھمەد زىيائى شۇ يىلى 4 - ئايدا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنگەن ھەمدە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، مۇھەررىرلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.ئەمما،ئۇ گېزىتخانىدا ئۇزۇن ئىشلىيەلمىگەن.1944 - يىلى 4 - ئايدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئەھمەد زىيائىمۇ نەچچە مىڭلىغان ھەر مىللەت زىيالىيلىرى قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغانچە، 1946 - يىلى 5 - ئايدا سىياسىي مەھبۇسلار ئوموميۈزلۈك قويۇپ بېرىلگەنگە قەدەر ئىككى يىلدىن كۆپرەك تۈرمىدە ياتقان.تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن،ئۈرۈمچىدىكى ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىغا قىزىقماي، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن.
ئەخمەت زىيائى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن مەزگىل ئۈچ ۋىلايەتتىن باشقا رايۇنلارنى،جۈملىدىن قەشقەرنى گومىنداڭ ئىدارە قىلىۋاتقان،گومىنداڭنىڭ خەلق ئۈستىدىكى زۇلىمى كۈچەيگەن،شۇنداقلا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى قەشقەر تەرەپلەرگىمۇ كېڭەيگەن، تاشقورغان، بۇلۇڭكۆللەرنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ئۆز قولىغا ئالغان مەزگىللەر ئىدى. شۇڭا، گومىنداڭ دائىرلىرى ئىلغار، تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرگە، نوپوزلۇق ئادەملەرگە بولغان تەقىپنى تېخىمۇ كۈچەتكەنىدى.مۇنداق بۇرۇقتۇملۇق مۇھىتتا ياشاشقا چىدىيالمىغان ئەھمەد زىيائى ئۆزىنى بىر مەزگىل چەتكە ئېلىش ئۈچۈن سودا كارۋانلىرىنى تەشكىللەپ، لاداخقا كىگىز ۋە باشقا تۇرمۇش بويۇملىرى ئېلىپ بېرىپ،ئۇ يەردىن ئالدىنقى سەپكە يەتكۈزىلىدىغان ئاپتوموبىل بالۇنلىرىنى قەشقەرگە توشۇپ كېلىش مەزمۇنىدىكى سەپەرگە ئاتلانغان.ئۇ لاداخ سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،يەنى 1947 - يىلىنىڭ بېشىدا قەشقەر ۋالىيسى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.ئەمما، بۇ گېزىت ئىنقىلابىي ئاڭ ۋە نەزەرىيىلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇزاققا بارماي گومىنداڭ تەرەپ بۇ گېزىتنى نەشىر قىلىشنى توختىتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئەھمەد زىيائىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «يېڭى ھايات گېزىتى» نەشىر قىلىنغان، بۇ گېزىت ئەھمەد زىيائىنىڭ مەسئۇللۇقىدا ئىنقىلابىي ئاڭ، نەزەرىيىلەرنى تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. شۇ يىللاردا ئەھمەد زىيائىنىڭ «توزىماس چېچەكلەر» ناملىق ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمى، «لاداخ يولىدا كارۋان» ناملىق ساياھەت خاتىرىسى ۋە «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» ناملىق پوبلىستىك ئەسىرى بىرلا ۋاقىتتا نەشىر قىلىنىپ،ئەدەبىيات ساھەسىدە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولسا،گېزىتچىلىك ساھەسىدىكى تۆھپىسى،ئىلغار،ئىنقىلابى ئىدىيسى ئاۋامنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشكەن ئىدى،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەھەتتىكى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمران دائىرىلەرنى خاتىرجەم قىلغان ئىدى.شۇ سەۋەپتىن قەشقەردە تەسىرى چوڭ بۇ ئەدىب 1948 - يىلى گومىنداڭ قانۇن تۈزەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە نەنجىڭگە بېرىپ، شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە گېزىتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇش ھارپىسىدا، ئەھمەد زىيائى ھەقىقەتنى ياقلاپ، تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇش ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
ئەھمەد زىيائى 1957 - يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاش ئىشى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان.1980 - يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنىستىتوتىدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلىنىپ، بۇ يەردە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان، «قۇتادغۇ بىلىك» ھەققىدىكى تەتقىقارلار بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە مۇشۇ يىللاردا «رابىيە - سەئدىن»، «ئىلمىي ئابىدىلىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى يۈسۈپ ۋە مەھمۇد» قاتارلىق نادىر داستانلارنى ئىجاد قىلغان.
بارلىقىنى ئىلىمگە ۋە ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان بۇ مەشھۇر ئالىم جەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك ئىلمىي، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرۇپ، 1989 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەھمەد زىيائى ئەدەبىي ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ئىككى ئالتۇن دەۋرى بولغان.بۇنىڭ بىرى 20 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى،يەنە بىرى 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى ئىدى.
ئەھمەد زىيائىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى گەرچە 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا باشلانغان بولسىمۇ،ئەمما ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئالدىنقى 20 يىلدا ئانچە چوڭ نەتىجە - مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلمەي،پەقەت 40 - يىللارغا كەلگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي گۈللىنىش ۋە پىشىپ يېتىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.40 - يىللار ئەھمەد زىيائىي ھاياتىنىڭ قىسمەت - سەرگۈزەشتلەرگە باي دەۋرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەھمەد زىيائى بۇ مەزگىللەردە ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمىدى. ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ، ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ،ئۆز ئىجادىيىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىمۇ موھىم ئورۇن تۇتىدىغان بىر مۇنچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. ئەھمەد زىيائىنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى ئىجادىيىتىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر بىر تەرىپى شۇكى، ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىر شەكلىدە دېگۈدەك ئەسەر يېزىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان. شۇنداقلا، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنى ژانىر - شەكىل جەھەتتىن بېيىتىشقىمۇ كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشتى.