دىن ئۆگىنىش يولىدىكى سەرسانلىق – 4
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2014.05.10
2014.05.10
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىزدە، ھۈسەيىن تەجەللىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ئۇستازىغا ئەگىشىپ سوپىزم يوللىرىدىمۇ بەلگىلىك تەسىرلەرگە ئۇچرىغانلىقى، ئۇ يولدا مېڭىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى، ئالغان ئىجابىي - سەلبىي تەسىرى ھەققىدىلا ئەمەس بەلكى يەنە، كېيىنكى زامانلاردا باش كۆتۈرگەن تەۋھىدچىلىك ۋە سۈننەتكە قايتىش دولقۇنىدا ھىدايەت تېپىپ، توغرا ئەقىدىگە قايتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىمىدۇ مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.
كېيىنكى سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامى ئۇنىڭ ھىدايەت يوللىرىغا سەۋەب بولغان شەخس ۋە جەمئىيەت تەسىرى، ھىدايەت يولىدا، غۇلجا تەرەپلەردىن قېچىپ كەلگەن دەۋەتچىلەرنى مۇھاجىرلار سۈپىتىدە قوينىغا ئالغان شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى قاتارىدا باشلىرىغا كەلگەنلىرى ۋە قاچقۇن ھاياتىنىڭ قانداق باشلانغانلىقى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ...