دىن ئۆگىنىش يىلىدىكى سەرسانلىق - 11
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2014.08.23
2014.08.23
ئۈرۈمچىدە تۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىدە قىسىلىپ ئېغىر كۈندە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، جېڭجۇ شەھىرىدىكى نۇرۇلمەھەد ئىسلام مەكتىپى تەرىپىدىن قۇرئان ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتتىن ئالەمچە خۇشال بولغان ھۈسەيىن تەجەللى شۇ كۈنىلا بېلەت ئېلىپ ئەتىسى سەھەر يولغا چىقىدۇ. 2 كۈندىن ئارتۇق پويىز سەپىرى بىلەن مەزكۇر مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، يېڭى بىر ھاياتى باشلىنىدۇ.