چوگېر چوققىسى گۇۋاھ بولغان كەچۈرمىشلەر - 3

0:00 / 0:00

ھىندىستاندا ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى ئالالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئابدۇلئەزىز ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ ئەرەب ئەللىرىگە بېرىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھىندىستاندىكى ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا تەلەپ قىلىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن يەمەن تەرەپ ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلئەزىز ھىندىستاندىن ئايرىلىپ 1995 - يىلى قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئەرەب دۆلىتى - يەمەنگە كېلىدۇ.

ئىلگىرى ئىككى مۇستەقىل دۆلەت ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى (شىمالىي يەمەن) بىلەن يەمەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى (جەنۇبىي يەمەن) 1990 - يىلى بىرلىككە كېلىپ يەمەن جۇمھۇرىيىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئابدۇلئەزىز يەمەنگە يېتىپ بارغان يىللاردا بىرىنچى قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئېغىر كرىزىسىگە دۇچ كەلگەن يىللار ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ دۆلەتنىڭ ئىلگىرىدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئالىي مائارىپتىكى ھەقسىز ئوقۇتۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ئىسلام بىلىملىرى بويىچە 6 يىل جاپالىق ئوقۇپ باكالاۋرلىق دىپلومىنى ئالىدۇ. ئۇ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەن يىلى، يەنى 2001 - يىلى ئامېرىكىدا «11 - سېنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا ۋە پاسپورت ئىشلىرى قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. دەل مۇشۇ كۈنلەردە ئابدۇلئەزىزنىڭ باشقىلارنىڭ نامىغا ئىشلەنگەن پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كېتىدۇ. ئۇ سانادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا پاسپورتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن تالاي قېتىملار ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئابدۇلئەزىزنىڭ يەمەندە داۋاملىق تۇرۇپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى قىيىنغا چۈشىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن ئابدۇلئەزىز باشقا يول تېپىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆز ئالدىدىكى بىردىن - بىر تەۋەككۈل قىلغىلى بولىدىغان يول ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېتىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئىدى. كۆپ ئىزدىنىش ۋە ۋەتەنسۆيەر قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ ئاخىرى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق ھاۋادانلارنىڭ بىرى بولغان ئامىستېردامدىن ئۆتىدىغان ھاۋا لىنىيىسىنىڭ بېلىتىنى ئالىدۇ. ئۇ يەمەندىن ئايرىلىپ ئامىستېردامغا ھاۋادانىغا يېتىپ بېرىشى بىلەن ئۇ يەردە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسىنى تاپشۇرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى 3 - باسقۇچلۇق ھاياتى باشلىنىدۇ. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ گوللاندىيىدىكى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى 4 يىل ئۆتكەندە ئاران تەستىقلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ مۇھاجىرەتتىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان كۈتۈش، يات مەدەنىيەت مۇھىتىغا ئۆزلىشىش، نامەلۇم كېلەچەكنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاش، روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى تاۋلاشتەك بىر قاتار جاپالىق جەريانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ.

پاناھلىق ئىلتىماسى ئاخىرى قوبۇل قىلىنىپ گوللاندىيىنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ يېڭى ھاياتى باشلىنىدۇ. لېكىن ئۇ ۋەتەندىن ئايرىلىپ 20 يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يىراقتىكى ئاشۇ ئانا تۇپراقنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ۋەتەندە تۇرۇپ ۋەتەننىڭ قىممىتىنى يۈزە ھېس قىلغان بولسا، ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئۇزاق يىللار داۋامىدا ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ ۋەتەنگە بولغان تونۇشىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئابدۇلئەزىز شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ ۋەتەننىڭ مۇقەددەس تۇپرىقىدا مۇنقەرزلىكنىڭ تۆمۈر پەردىلىرى تارىخنىڭ مۇقەررەر ئېقىمى تەرىپىدىن يىمىرىلگەن دەقىقىدە ھۆر، ئەركىن ۋە مۇستەقىل ۋەتەننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ھەر ۋاقىت ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىدۇ!...