«بوۋام غېنى باتۇردىن ئەۋلادلارغا ئازادلىق ئارمانى مىراس قالدى»
غېنى باتۇر ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىنى بىللە ئۆتكۈزگەن نەۋرىسى ئەختەربىبىنىڭ ئەسلىمىلىرى ئارقىلىق بىز ئۇيغۇر خەلقنىڭ مىللىي قەھرىمانىنىڭ ئائىلە ھاياتى ئۇنىڭ خاراكتېرى بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدۇق.
بوۋىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن موسكۋاغا كۆچۈپ بېرىپ ياشاپ، يېقىندا يەنە بوۋىسى غېنى باتۇر بىلەن بىرگە ياشىغان ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ كەلگەن ئەختەربىبى ئابدۇل خانىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر مىللىي قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ ئاخىرقى ھاياتىدىكى ئۆزى شاھىت بولغان ئاچچىق ئەسلىمىلىرىنىمۇ بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
غېنى باتۇرنىڭ قىز نەۋرىسى ئەختەربىبىنىڭ خاتىرىلىشىچە، غېنى باتۇر 1950-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ، ئىلگىرى كېيىن ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ تەمىناتى بىلەن ئۆزىنى قامداپ ياشىغان. بولۇپمۇ، غېنى باتۇر 1981-يىلى 79 يېشىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن بولسا، ئۇنىڭغا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان، پېنسىيە مائاشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەمىناتلار توختىتىلغان. بۇنىڭ بىلەن غېنى باتۇر بىلەن بىللە ياشىغان ئائىلە ئەزالىرى، يەنى ئايالى رەيھانبۇۋى ۋە ئۇنىڭدىن بولغان ئىككى ئوغلى شۇنداقلا، غېنى باتۇرنىڭ چوڭ ئايالىدىن بولغان قىزى ھەجەربىبى، نەۋرىسى ئەختەربىبىلەر تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدا قالغان.
غېنى باتۇرنىڭ مەيدىسى مېدال-ئوردېنلار بىلەن تولغان مەردانە سۈرىتى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق بولسا كېرەك. غۇربەتچىلىك كۈنلىرىدە، غېنى باتۇرنىڭ ئايالى ھەتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى غېنى باتۇرنىڭ كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى ئۈچۈن بەرگەن ئاشۇ قەھرىمانلىق ئالىي ئوردېنلىرىنىڭ بىرىدىكى برىليانتنى ئويۇپ ئېلىپ سېتىش ئارقىلىق، تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر قالغان كۈنلىرى بولغان ئىكەن.
ئەختەربىبىنىڭ كىچىك چاغلىرىدا قۇلىقىدا قالغان ئەسلىمىلىرىگە قارىغاندا، غېنى باتۇرنىڭ كىچىك ئايالى رەيھانبۈۋى خانىم، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەنە بىر سۆيۈملۈك قەھرىمانى سادىر پالۋاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىكەن.
غېنى باتۇرنىڭ نەۋرىسى ئەختەربىبى ئەجدادلار ئىزىنى ئىزدەش، غېنى باتۇرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئۇ قان كېچىپ جەڭ قىلغان تۇپراقلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، 1994-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان، ئەمما ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بارغان ھامان خىتاي ساقچىلىرى ئارقىغا چۈشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ ئىزدەپ سوراش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماي، ئاز كۈن تۇرۇپ قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
غېنى باتۇر سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئۆزبېكىستانغا ماكانلاشقان ۋە كېيىن يەنە قازاقىستاندىمۇ ياشىغان 30 يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قالغان ھېچبىر ئۇرۇق-تۇغقىنى بىلەن كۆرۈشەلمىگەن ئىكەن.
ئەختەربىبىنىڭ دەپ بېرىشىچە، بوۋىسى غېنى باتۇردىن ئەۋلادلىرىغا ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقىنى كۆرۈشتەك ئارمانىدىن باشقا ھېچبىر مىراس ياكى يالدامى» مۇ قالمىغان. غېنى باتۇر كېچە-كۈندۈز ئۆز ئانا ۋەتىنىنى سېغىنىش، ئۇنىڭ ھۆرلۈكىگە تەشنا بولۇش ھېسسىياتلىرى بىلەن ئۆتكەن ئىكەن.
1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ھەتتا ئۆزبېكىستاندا غېنى باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ياشىغان ئۆيمۇ ئېغىر غۇربەتچىلىك تارتقان كۈنلەردە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېتىلگەن ئىكەن.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرىشى تارىخىدىكى بۈيۈك شەخس، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان جەسۇر قوماندان، خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرنى ئۇيغۇر خەلقى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، سابىق مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى، ئاددىي ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى ھەر دائىم ئۇنى ئۆز ئىمكانىيەتلىرىنىڭ يېتىشىچە باتۇرنى يوقلاپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە تۈرلۈك ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىلغان ھەتتا ناخشىلار ئوقۇلغان ئىدى.
ھەتتا ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدى مەخسۇس «غېنى باتۇر» رومانىنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان، يەنە بىر يازغۇچى يۈسۈپبەك مۇخلىسىمۇ غېنى باتۇر ھەققىدە ئەسەر يازغان شۇنىڭدەك قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا جايلاشقان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئىنقىلابقا ئائىت ئەسلىمە ماقالىلىرىدە غېنى باتۇرنىڭ تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىشكەن ئىدى. غېنى باتۇر ئوبرازى ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىدا يەنە بىر قېتىم تىكلەنگەن ئىدى.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قازاقىستاننىڭ ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئالماتا-غۇلجا يولىغا غېنى باتۇرنىڭ ھەيكىلى ۋە مەقبەرىسىنى تىكلىگەن بولۇپ، ئۇ ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۇ بۈيۈك تارىخ ياراتقان يۇرتى ئىلى دىيارىغا، ئانا ۋەتىنىگە قاراپ ياتىدۇ. غېنى باتۇرنىڭ مەقبەرىسى يىللاردىن بۇيان مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ تاۋاپ ۋە زىيارەت قىلىدىغان جايىغا ئايلانغان.
ئەختەربىبىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بوۋىسى غېنى باتۇرنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى ھەققىدىكى خاتىرىلىرى، ئۇنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى توغرىسىدا كىتاب يېزىپ قالدۇرۇش ئارزۇسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستانغا قايتىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبمۇ ئائىلىسىدە ۋە باشقا جايلاردا بوۋىسى غېنى باتۇر ھەققىدە ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللار، سۈرەتلەر ۋە ئارخىپلارنى يىغىپ رەتلەش ئىكەن.
0:00 / 0:00