غېنى باتۇر نەۋرىسى ئەختەربۈۋى: پەخىرلىك بوۋام غېنى باتۇرنى سېغىنىمەن (1)
2017.11.21
غېنى باتۇر 1944-يىلىدىكى نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى غېنى باتۇرنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭغا ئەڭ ئالىي «خەلق قەھرىمانى» نامىنى بەرگەن ئىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن بۇ مەشھۇر مىللىي قەھرىمانى غېنى باتۇر 1950-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ، ئىلگىرى كېيىن ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانلاردا ياشىغان ھەمدە ئاخىرقى ئۆمرىنى قازاقىستاننىڭ ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئالماتا-غۇلجا يولىغا يېقىن يېزىدا ئۆتكۈزگەن. ئۇ 1981-يىلى 79 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان پەرزەنتلىرىدىن ھازىر ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان قىز نەۋرىسى ئەختەربۈۋىنىڭ بوۋىسى غېنى باتۇر ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى بىزنى بۈگۈن، رىۋايەتلەردىكى كەبى بۇ خەلق قەھرىمانىنىڭ ئائىلە ھاياتى ئۇنىڭ خاراكتېرى بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.
غېنى باتۇرنىڭ نەۋرىسى ئەختەربۈۋى ئابدۇل خانىم، غېنى باتۇرنىڭ قىزى ھەجەربۈۋىنىڭ قىزى. ئەختەربۈۋىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، غېنى باتۇر 55 يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچكەن پەيتتە ئائىلىسى پارچىلىنىپ، ئۆزى كىچىك ئايالى ۋە ئۇنىڭدىن بولغان ئىككى ئوغلىنى بىرلىكتە ئېلىپ كېتەلىگەن بولسىمۇ، ئانىسى يەنى غېنى باتۇرنىڭ چوڭ ئايالىدىن بولغان بولغان ھەجەربۈۋى ئۈرۈمچىدە قالغان، كېيىن توي قىلىپ موڭغۇلىيەگە چىقىپ ياشىغان ئىكەن. ئەختەربۈۋىمۇ 1961-يىلى، موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتوردا تۇغۇلغان. 1975 يىلىغا كەلگەندە، غېنى باتۇر قىزى بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتى بولغان ۋە شۇ زاماندىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىدىن قىزى بىلەن ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى تاشكەنتكە ئېلىپ كەلگەن.
بوۋىسى غېنى باتۇر بىلەن تا ئۇ ئالەمدىن ئۆتكىچە بىر ئۆيدە ياشىغان ئەختەربۈۋىگە بوۋىسىنىڭ يېڭىلمەس كۈرەشچان روھى، غۇرۇرى، غەيرىتى، ئۇنىڭ ئادىللىقى، خۇشچاقچاق پەزىلەتلىرى ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. بولۇپمۇ غېنى باتۇرنىڭ ھەر كۈنى ھەر ۋاق تاماقتىمۇ يۇرتى غۇلجا، ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر خەلقى ھەققىدىكى تۈگىمەس پاراڭلىرى ئەسلىمىلىرى، ئۇنىڭ بالىلىق ئۆسمۈرلىكىگە ھەمراھ بولغان ئىكەن. پالۋان بوۋىسى ئەڭ كۆپ سۆزلەپ بېرىدىغان قەھرىمانلىق چۆچەكلىرى، بوۋىسى ئېيتقان سادىر پالۋان قوشاقلىرى، يەنى «خىتاي ئاتىدۇ تاشقا، سادىر ئاتىدۇ باشقا» دېگەن مىسرالار ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە ئىكەن.
«خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇر مەن ئۈچۈن ھەم مىللىي غۇرۇر، ھەم شەخسىي غۇرۇرۇمدۇر، قېنىم ۋە پەخرىمدۇر " دېگەن سۆزلەر بىلەن غېنى باتۇرنىڭ نەۋرە قىزى ئەختەربۈۋى، بوۋىسىنى سېغىنىش ۋە پەخىرلىنىش ئىچىدە ئەسلىدى.
ئەختەربۈۋى غېنى باتۇرنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان ئەڭ چوڭقۇر ئەسلىمىسى ھەققىدە توختىلىپ، : «بوۋام غېنى باتۇر ئاجايىپ قەيسەر، ۋىجدان غۇرۇرلۇق ئىنسان ئىدى، ئاجايىپ قەھرىمان باتۇر بولغىنىغا قارىغاي، ھېچ بىر زامان ئۆزىنى ماختىمايتتى، پەقەتلا ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ھەققىدە، تارىخ ھەققىدە گەپ قىلاتتى» دەيدۇ.
غېنى باتۇرنىڭ جەسۇر، سۈرلۈك سىياقى ۋە خاراكتېرىنى ئەسلەپ، بوۋىسىنىڭ ھەتتا ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ياستۇقىنىڭ تېگىگە مىلتىقىنى قويۇپ ئۇخلىغىنىنى ھېكايە قىلغان ئەختەربۈۋى: «بوۋام بىرەرى دەرۋازىنى چەكسە، ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ئاشۇ مىلتىقىنى كۆتۈرۈپ چىقاتتىدە : ‹قايسىڭ سەن؟ دوستمۇسەن دۈشمەنمۇسەن؟ كىم بولساڭ چىق! بولمىسا خىتاينى ئاتقاندەك ئېتىۋېتىمەن!› دەيدىغان، بۇلارنى ھېچ زامان ئۇنتۇيالمايمەن» دەيدۇ.
مۇساپىرلىق ھاياتىدا ئەل-يۇرتىنى چوڭقۇر سېغىنغان غېنى باتۇر، ئائىلىدە خوتۇن ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن ئۇزۇن-ئۇزۇن ۋەتەن ھەققىدە پاراڭلارنى سالىدىكەن، بىرە-بىرە ئاران ئاڭلىنىپ قالىدىغان ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاڭلىتىلىدىغان رادىئوغا قۇلىقىنى يېقىپ، يىغلىشىپ كېتىشىدىغان كۈنلىرى بولغان، ئەمما شۇنداق ۋاقىتلاردا غېنى باتۇر چوڭقۇر غەم-قايغۇغا پاتسىمۇ كۆز يېشىنى چىقارماس ئىكەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەختەربۈۋى خانىمنىڭ بوۋىسى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى ئاڭلىغۇچىلارنى خەلق قەھرىمانى غېنى باتۇرغا يەنىمۇ يېقىنلاشتۇرغان بولسا كېرەك. غېنى باتۇر يەنە نېمىلەرنى ياقتۇراتتى، مۇساپىرلىق ھاياتى ئۇنىڭغا يەنە قانداق قىسمەتلەرنى ئاتا قىلدى؟، ئۇ قانداق جەبىر-جاپالارنى باشتىن ئۆتكۈزدى ؟ ئەختەربۈۋىنىڭ بۇلارغا دائىر ئەسلىمىلىرىنى، كېيىنكى پروگراممىمىزدىن داۋاملىق ئاڭلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.