غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (33): مۇھاجىرەتتىكى شەخسىي كۇتۇپخانام قانداق بەرپا قىلىندى؟
2018.01.16

نيۇ-يوركنىڭ لوڭ ئايلاند، يەنى «ئۇزۇن ئارال» رايونىدىكى شەخسىي تۇرالغۇسىدا دۆۋە-دۆۋە كىتاب-ماتېرىياللار، سارغايغان قوليازمىلار، ئۇزۇن يىللىق ئەستىلىك ۋە يادنامىلەر شۇنداقلا يىراقتىكى ۋەتىنىنى ئەسلىتىپ تۇرغۇچى قىممەتلىك يىغما بۇيۇملار ئارىسىدا ئەسلىمىلەر قاينىمىغا چۆمۈلگەن 87 ياشلىق بىر بوۋاي مۈكچىيىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ تىترەپ تۇرغان قوللىرى ئارىسىدا مۇقاۋىسى ئۇپرىغان، خوتەن قەغىزىگە بېسىلغان كونا ئىملادىكى خەتلىرى سارغايغان بىر كىتاب بار ئىدى. شۇنچە يىللار مۇھاجىرەتتە ياشىغان، ھاياتنىڭ تۈرلۈك كېچىكلىرىنى كەچكەن، بىرقانچىلىغان تىللاردا سۆزلەپ كۆنگەن بۇ بوۋاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ 1940-يىللاردىكى ئەسلى تۈسى ۋە قەشقەر شېۋىسىنىڭ ئەۋرىشىم ئاھاڭى بىلەن سۆزىنى باشلىدى.
«مەن ئەخمەد پاختا ئوغلى غۇلامىدىن. تەقدىرنىڭ سوغۇق شاماللىرى نەۋقىران ياشلىق مەزگىللىرىمدە مېنى ۋەتىنىمدىن ئايرىپ يىراق ئەللەرگە ئۇچۇردى. 1949-يىلى كەچكۈزدە قەشقەردىن يولغا چىقىش ئالدىدا ئۆيىمىزدە ساقلانغان بىرمۇنچە كىتابلارنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان ئىدىم، ئەپسۇس، يېڭىسارغا كەلگەندە بۇ كىتابلىرىمدىن ئايرىلدىم. ئۇلاردىن پەقەت ئىككى پارچە كىتابنى قۇتقۇزۇپ قالالىدىم. بۇنىڭ بىرى ئەھمەد زىيائىينىڭ ‹توزۇماس چېچەكلەر› ناملىق شېئىرلار توپلىمى، يەنە بىرى نۇرمۇھەممەد ئەركى ناملىق ياش شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئىدى. مەن بۇ ئىككى كىتابنى پاختىلىق چاپىنىنىڭ ئەستىرى ئارىسىغا تىقىپ، قار-مۇز قاپلىغان ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆزۈم بىلەن بىللە ھىندىستانغا ئېلىپ چىقتىم. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئىككى دانە قىممەتلىك يالداما مېنىڭ بىلەن بىللە پۈتۈن دۇنيانى كېزىپ چىقتى، يېنىمدىن زادىلا ئايرىلمىدى. مېنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەخسىي كۇتۇپخانام ئەنە ئاشۇ ئىككى پارچە كىتابنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلدى.»
غۇلامىدىن ئەپەندىم 1949-يىلىنىڭ كەچكۈز ئايلىرىدىكى كۆچ سەپىرىدە قەشقەردىن ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان كىتابلىرىنىڭ يېڭىساردىكى بىر دەڭدە قانداق قىلىپ كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «كارۋان بىلەن بىللە يېڭىسارغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ يەردە سەپەر تەييارلىقى قىلىپ بىرقانچە كۈن تۇرۇپ قالدۇق. مەن كىتابلىرىمنى بىز چۈشكەن دەڭنىڭ ئۆزۈم ياتقان ھۇجرىسىدىكى مېھرابنىڭ تەكچىسىگە ۋاقىتلىق جايلاشتۇرۇپ قويغان ئىدىم. يولغا چىقىدىغان كۈنى كىتابلىرىمنى ئېلىش ئۈچۈن بازاردىن ئۇدۇل دەڭگە كەلدىم. ئەپسۇس، دەڭنى ئۈرۈمچىدىن قېچىپ كەلگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى چۈشكۈن قىلىۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوراللىق بولۇپ، پەيلى بۇزۇق ئىدى. ئۇلارمۇ باشلىقلىرى بىلەن بىللە ھىندىستانغا قېچىش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئىكەن. مەن دەڭدىكى ھۇجرىغا تىقىپ قويغان كىتابلىرىمنى ئالالمىدىم، چۈنكى ئىچىگە كىرسەم تىرىك قايتىپ چىقىشىمغا كۆزۈم يەتمىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ تەۋەررۈك كىتابلار شۇ دەڭدە قالدى. ھېلىمۇ ياخشى، سەپەر جەريانىدا ئوقۇش ئۈچۈن كىتابلىرىمدىن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئىككى پارچىسىنى قوينۇمغا سېلىۋالغان ئىكەنمەن. شۇ ئىككى پارچە كىتاب مەن بىلەن بىللە مۇھاجىرەتكە سەپەر قىلدى…»
«مەن نېمە ئۈچۈن بۇ كىتابلارغا شۇنچە ئاشىق بولۇپ، ئۆمۈر بويى كىتاب توپلىدىم، نېمە ئۈچۈن توپلىغان كىتابلىرىمنى خەلقىمگە تەقدىم قىلىشقا ئالدىرىدىم؟» - دەپ سوئال قويدى غۇلامىدىن ئەپەندىم. ئۇ بۇ سوئاللارغا تۆۋەندىكى ھېكايە بىلەن جاۋاب بەردى:
«قەشقەردە مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىم دەپنە قىلىنغان مۇرات باخشى ئاتام دېگەن بىر مازارلىق بولىدىغان. بۇ غايەت چوڭ، قەدىمىي بىر قەبرىستانلىق ئىدى. ئەينى يىللىرى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مازارلىققا كېلىپ، ئۇلۇغلارنىڭ مازارلىرىغا تاۋاپ قىلاتتى. بۇ مازارلىقنىڭ بىر شەيخى بولىدىغان، ئۇ كىشى تولىمۇ بىلىملىك ۋە تەقۋادار ئىنسان ئىدى. مېنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. ھەر قېتىم مېنى كۆرسىلا: ‹ئەي، غۇلامى، ئەھلى دىللەرنىڭ گەداسى بول، ئېزىلگەن مەزلۇملارنىڭ سەداسى بول!. . . › دەپ غەزەل ئوقۇپ ماڭا سالام بېرەتتى. بۇ غەزەل مېنىڭ قەشقەردىكى بالىلىقىمدا، لاداق يولىدىكى ئۇزاق سەپەرلىرىمدە، ھىندىستاندىكى كۈنلىرىمدە، تۈركىيەدىكى ئوقۇش ھاياتىمدا، گېرمانىيەدىكى ‹ئازادلىق رادىيوسى› دا سۆزلىگەن يىللىرىمدا شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئۆمۈر مەنزىلىمدە ھامان قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭراپ تۇردى. ھەر ۋاقىت مېنى مەزلۇم خەلقىمنىڭ ساداسى بولۇشقا، كىتابلار ئارىسىدىن ۋەتىنىمنىڭ ئىزلىرىنى تېپىشقا ئۈندەپ كەلدى…»
غۇلامىدىن پاختا ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتە بەرپا قىلغان شەخسىي كۇتۇپخانىسىنىڭ ماتېرىيال مەنبەلىرىنى تونۇشتۇرغىنىدا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان «كونگرېس كۇتۇپخانىسى» نى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەن يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋەتىنىگە دائىر غەربتە ساقلانغان كىتابلارنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ كۇتۇپخانىدىن كۆرگەنلىكىنى ۋە كېيىنچە ئاستا-ئاستا توپلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئۇ، شۇ يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىياغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا دائىر كىتابلارنى بىر پارچە، بىر پارچىدىن سېتىۋېلىپ توپلىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ قەيىرىدە ئۇيغۇرلارغا دائىر كىتاب نەشر قىلىنسا ئىمكانىيەت تېپىپ ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
غۇلامىدىن ئەپەندى 1967-يىلىدىن باشلاپلا ئامېرىكىدا «تۈركىستان مىللىي كۇتۇپخانىسى» قۇرۇش ئارزۇسىدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتىكى شەرت-شارائىت بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ. ئۇ شۇنىڭغا قارىماستىن داۋاملىق كىتاب-ماتېرىيال توپلايدۇ. 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە غۇلامىدىن ئەپەندى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور ئېدۋارد ئالۋورتنىڭ قوللىشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي تەتقىقات مەركىزى» ناملىق ئىلمىي جەمئىيەت قۇرىدۇ. كېيىنچە ئۆزىنىڭ ھاياتى بويى توپلىغان كىتاب-ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلىپ بىر تور كۇتۇپخانىسى قۇرۇش پىلانىنى تۈزىدۇ.
1980-يىللاردا خىتايدا خەلقئارا كىتاب سېتىش مۇلازىمىتى سىرتقا ئېچىلىدۇ. بۇ ھال غۇلامىدىن پاختانى ئايرىلغىلى 30 يىلدىن ئاشقان ۋەتىنىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ بېيجىڭدىكى خەلقئارا كىتاب مۇلازىمەت شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆز ئىقتىسادى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا نەشر قىلىنغان يۈزلەرچە كىتابلارنى، «تارىم»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «بۇلاق»، «مىراس»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «تەڭرىتاغ» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ژۇرناللارنىڭ پۈتۈن سانلىرىنى سېتىۋالىدۇ. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك جەرياندا توپلانغان مىڭلارچە كىتاب-ماتېرىياللار ئۇنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىنى مۇھاجىرەتتىكى بىر خەزىنىگە ئايلاندۇرىدۇ. 2015-يىلىغا كەلگەندە 80 ياشتىن ئاشقان بۇ بوۋاي ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۆمۈر بويى توپلىغان كىتاب-ماتېرىياللىرىنى ئېلېكترونلۇق نۇسخىلاپ، «ئالتۇن ئوق» تور كۇتۇپخانىسى دېگەن نام بىلەن ئۆز خەلقىگە تەقدىم قىلىدۇ.
(داۋامى بار)