غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (24): «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» دىكى پائالىيەتلىرىم
2017.10.17
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن 1960-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا پۈتۈن ئامېرىكادا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تۇرماق، ھەتتا تۈركىستان جۇغراپىيەسىدىن تۈرلۈك يوللار بىلەن ئامېرىكاغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى.
1950-يىلى كەشمىردىكى «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئامېرىكاغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ 3 نەپىرى ئۆز دەۋرىدە تۈركىيەگە قايتىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلاردىن پەقەت بىر نەپىرى، يەنى داۋۇت ئوسمان شۇ يىللاردا ئامېرىكادىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر ھېسابلىناتتى. غۇلامىدىن پاختا 1960-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئامېرىكاغا يەرلەشكەن ئىككىنچى ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزبېك مۇھاجىرلار تەرىپىدىن نيۇ-يوركتا قۇرۇلغان «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» نىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى ئىككى چوڭ لاگېر ئوتتۇرىسىدا «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ تۆمۈر پەردىسى ئېچىلىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ياۋروپادا ھايات قەپ قالغان تۈركىستانلىق سەرخىللەر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە توپلىنىپ، كوممۇنىزمغا قارشى ئاڭلىتىش بېرىدىغان «ئازادلىق رادىيوسى» غا جەلپ قىلىنىدۇ. يەنە بىر قىسىم تۈركىستانلىق سەرخىللەر ياۋروپادىن ئايرىلىپ، ئامېرىكاغا كۆچمەن بولۇپ كېلىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەرب دۇنياسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ئاستا-ئاستا كۆپىيىشكە باشلىغان تۈركىستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋەلى قەييۇمخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر مەھەل پەسكويغا يۈزلەنگەن مۇھاجىرەتتىكى تۈركىستان دەۋاسى ئۆزىنىڭ پائالىيەت مۇنبىرىنى ياۋروپادىن ئامېرىكاغا يۆتكەيدۇ. ئەنە ئاشۇ يىللاردا غۇلامىدىن پاختا باش شتابى نيۇ-يوركتىكى «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ.
غۇلامىدىن پاختانىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» نىڭ ئەزالىرى 250 كىشىدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار تۈركىستان جۇغراپىيەسىدىن كەلگەن ئۆزبېك، تۈركمەن، قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مۇھاجىرلاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. شۇ يىللاردا غۇلامىدىن پاختا مەسلەكداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكادىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش، مىللىي كىملىكنى ساقلاش شۇنداقلا جامائەتلىشىشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» نىڭ نىزامنامىسىنى قايتىدىن يېزىپ چىقىدۇ.
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، شۇ يىللاردا ئامېرىكادىكى تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ پۈتكۈل سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەن دەۋاسى «تۈركىستان» دېگەن ئومۇمىي كۈنلۈك ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. ئۇلار نيۇ-يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرسا غۇلامىدىن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى، قازاق مۇھاجىرلار قازاق خانلىقىنىڭ بايرىقىنى، ئۆزبېك مۇھاجىرلار بۇخارا ياكى قوقان خانلىقىنىڭ بايرىقىنى، قىرىم تاتارلىرى قىرىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىدىكەن. غۇلامىدىن ئەپەندى، 1970-يىلى 4-ئايدا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئامېرىكا زىيارىتى ئۈچۈن نيۇ-يوركقا كەلگىنىدە ئامېرىكادىكى تۈركىستانلىق يۈزلەرچە مۇھاجىرلارنىڭ كېننېدى خەلقئارا ئايرۇدرۇمىغا چىقىپ ئىنتايىن زور داغدۇغا بىلەن ئۇنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ھاياجان ئىلكىدە ئەسلەيدۇ.
ھالبۇكى، 1991-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى يىقىلغانغا قەدەر پائالىيەت ئېلىپ بارغان «ئامېرىكا تۈركىستانلىقلار بىرلىكى» ئوتتۇرا ئاسىيادا 5 مۇستەقىل دۆلەتنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن پائالىيەتلىرىنى توختىتىدۇ. شۇنچە يىل مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىللە كۈرەش قىلغان سەپداشلار نيۇ-يوركتىكى ب د ت بىناسىنىڭ بايراق سۇپىسىغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 جۇمھۇرىيەتنىڭ بايراقلىرى ئېسىلىشى بىلەن غۇلامىدىن پاختانى يېتىم قويىدۇ. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ ب د ت بىناسى ئالدىدا يالغۇز قالغان غۇلامىدىن پاختا شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئامېرىكادا ئۇيغۇر تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىدۇ.
(داۋامى بار)