غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (27): سوغۇق ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە شاھىت بولغانلىرىم

0:00 / 0:00

1970-يىللاردا ئىككى چوڭ لاگېر ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىۋاتقان «سوغۇق ئۇرۇش» يېڭى بىر تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ. ئۇزۇن يىللارغىچە بېكىنىپ ياتقان خىتاي 1970-يىللارغا كەلگەندە «تىك-تاك توپ دىپلوماتىيەسى» ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رىقابىتىگە يېڭى مەزمۇن قوشىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى «ئۇيغۇر كارتىسى» نى يەنە بىر قېتىم ئويناشقا ھازىرلىنىۋاتقان، نىكسون ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ. ھايات شاھىتلاردىن غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىملىق ئامېرىكا زىيارىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى قوزغايدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشى شۇنىڭدەك ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بەرگەن بايانلىرى سوۋېتلار ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بولۇپمۇ ئەيسا ئەپەندىنىنىڭ ئامېرىكا ئاخباراتلىرىدا ئاشكارا بېسىلغان «ئىككى تۈركىستان دەۋاسى» ھەققىدىكى بايانلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نېرۋىسىغا تېگىدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئەسناسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل «تۈركىستان دەۋاسى» غا ۋاكالىتەن سۆز قىلىشى تۈركىستان مىللىي بىرلىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەھبىرى ۋەلى قەييۇمخاننىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.

غۇلامىدىن پاختا ئەينى ۋاقىتتا مەيلى تۈركىيەنى بازا قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەيسا ئەپەندى بولسۇن، ياكى مۇھاجىرەتتىكى باشقا پائالىيەتچىلەر بولسۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ تۈركىي خەلقلەرنى پارچىلاپ ئۇششاق ئېتنىك تۈركۈملەرگە ئايرىشى ۋە بۆلۈپ باشقۇرۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا بىر تۈرك مىللەتچىسى بولغانلىقىنى يوشۇرمايدۇ.

غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1970-يىللاردىكى پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگىنىدە شۇ مەزگىللەردە ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان چوڭ بۇش بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا دوكلات سۇنغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.

1970-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، ئاندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان چوڭ بۇش غۇلامىدىن پاختا بىلەن كۆرۈشكىنىدە ئەينى ۋاقىتتىكى دەۋر شارائىتىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

(داۋامى بار)