گۋەنتانامودىن قايتقاندا: ئابابەكرى قاسىمنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى - 3
2013.11.23

شىددەتلىك بومباردىماندا ھايات قالغان 18 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر ئافغان تاغلىرى ئىچىدە كېچىسى يول يۈرۈپ، كۈندۈزى تاغ غارلاردا يوشۇرۇنۇپ پاكىستان تەرەپكە سۈرۈلىدۇ. بىرقانچە كۈنلۈك ھايات - ماماتلىق سەپەردىن كېيىن ئۇلار ئاخىرى پاكىستان چېگراسى ئىچىدىكى كۇيتا شەھىرىگە يېقىن شىئەلەر رايونىغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇلارنى ئافغانىستاندىن كەلگەن «مۇجاھىدلار» دەپ ئويلاپ قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
يېزا ئاقساقىلى مەخسۇس ئۆزى كۈتۈۋېلىپ مېھمان قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى شۇ يەردە تۇرۇشلۇق يەرلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە تەقسىم قىلىدۇ. ئۇلار شۇ چاغدىلا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستانغا كىرگەنلىكىنى، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقىدۇ. بىرقانچە ھەپتىلىك ھېرىپ - چارچاش ۋە شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمىدا ھالىدىن كەتكەن ئابابەكرى باشلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۆزلىرى تەقسىم قىلىنغان يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە دەم ئالىدۇ.
بۇ يەردىكى خاتىرجەملىك ئۇزاققا بارمايدۇ. ئابابەكرى باشلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار شىئەلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ رايوندا قانداقتۇر بىر غەلىتە كەيپىياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ يەردىكى قەبىلە ئاقساقاللىرى گەرچە ئۇلارغا كۆرۈنۈشتە قىزغىنلىق كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىم يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا گۇمانلىق قاراۋاتقانلىقىنى يۈرىكى سېزىشكە باشلايدۇ. بۇ يەرگە پاناھلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىر ياشلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ھەتتا بۇ يەردىكى يەرلىكلەرنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سۈنئىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيىتى بارلىقىنى ئەسلا ئاڭلاپ باقمىغانلار ئىدى.
بىرقانچە كۈندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ كېتىدىغان «كۆز - قۇلاق» لار كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئابابەكرى باشلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلارمۇ ئەھۋالنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، قانداقتۇر بىلىپ بولمايدىغان بىر خىل بىئاراملىقنىڭ ۋۇجۇدىنى قىسىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. دەل شۇ مەزگىلدە قەبىلە ئاقساقالى ئۇلارنى يىغىپ، پات يېقىندا پاكىستان چېگرا ساقچىلىرىنىڭ بۇ يەرنى ئاختۇرۇشقا كېلىدىغانلىقىنى، كېلىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشقا بىر بىخەتەر جايغا يۆتكەپ تۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىچكى ئەھۋالنى ئۇقمىغانلىقتىن ئابابەكرى باشلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار بۇنىڭغا ماقۇل دېمەكتىن باشقا تاللىشى بولمايدۇ. قەبىلە ئاقساقالى ئۇلارنى بىر كونا ماشىنىغا قاچىلاپ رايون مەركىزىدىكى بىر تۈرمىگە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن گۇمان قىلغان ئابابەكرى باشلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تۈرمىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. قەبىلە ئاقساقالى ئۇلارغا بۇ يەرنىڭ ۋاقىتلىق پاناھ جاي ئىكەنلىكىنى، ئاختۇرۇش ئاخىرلاشقان ھامان ئۇلارنى ئامان - ئېسەن يولغا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئابابەكرى باشلىق 18 نەپەر ئۇيغۇر ياش ھېچنېمىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپلا تۈرمىگە قامىلىدۇ. ئۇلارغا كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق بېرىپ تۈرمە مەسچىتىدە ناماز ئوقۇشقا يول قويىدۇ، لېكىن سىرتقا چىقالمايدۇ. بۇ تۈرمىگە قامىلىۋاتقانلارنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئافغانىستانغا كېلىپ قالغان چەتئەللىك مۇسۇلمانلار بولۇپ، ھاۋا ھۇجۇمىدىن قېچىپ پاكىستان چېگراسىغا كىرگەندە يەرلىك ئاھالىلەر ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئۇدۇللۇق بۇ تۈرمىگە يوللانغانلار ئىكەن. ئابابەكرى باشلىق ئۇيغۇر ياشلىرى قەبىلە ئاقساقىلىدىن تارتىپ ئادەتتىكى تۈرمە مۇلازىمەتچىلىرىگىچە ھەر كۈنى دېگۈدەك كامىرمۇ - كامىر كىرىپ تۇتقۇنلارنى ساناۋاتقانلىقىنى، خۇددى قوي - كالىلارنىڭ سانىنى ئېلىۋاتقاندەك بۇ ساناقنىڭ توختىماي داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ گۇمانى ئاخىرى راستقا ئايلىنىدۇ. بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا تۈرمىدىكى تۈرلۈك تىللاردا سۆزلەيدىغان مۇساپىرلارنى ماشىنىغا قاچىلاپ سىرتقا ئېلىپ ماڭىدۇ. ئۇلار تۈرمىنىڭ سىرتىغا چىقىشى بىلەنلا ئەتراپنى تانكا ۋە بىرونىۋىكلارنىڭ ھىمايىسىدە قورشاپ تۇرغان مىڭلىغان پاكىستان ئەسكەرلىرىنى كۆرىدۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە تۇتقۇنلارنىڭ ھەممىسى پاكىستان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن يەرگە ياتقۇزۇلۇپ پۇت - قوللىرى باغلىنىدۇ. بېشىغا خالتا كىيدۈرۈلۈپ، ئۈستى برېزېنت بىلەن يېپىلغان ھەربىي ماشىنىلارغا قاچىلىنىپ نامەلۇم تەرەپكە ئېلىپ مېڭىلىدۇ.
ئۇلار قاتمۇ - قات ئەسكەرلەرنىڭ قورشاۋى ئىچىدىكى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ ھەمدە بۇ يەردە دەسلەپكى قېتىم سوراق قىلىنىپ كىملىكى تەكشۈرۈلىدۇ. ئۇلارنى ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى بىلەن ئەل - قائىدە تەرەپتە تۇرۇپ ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان «تېررورىستلار» دەپ ئەيىبلەيدۇ. بۇنىڭدىن ھاڭ - تاڭ قالغان ئابابەكرى باشلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار شۇ چاغدىلا ئۆزلىرىنىڭ پاكىستان چېگراسىدىكى يەرلىكلەر ۋە شىئە قەبىلە ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن قۇربانلىق سۈپىتىدە سېتىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىشىدۇ. كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان گويا قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ۋەھىمىلىك ھايات ئۇلارنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «تېررورىست» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ، پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاي تەرەپكە قايتۇرۇلۇشىدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن 18 نەپەر ئۇيغۇر ياش مەسلىھەتلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارا قىلماسلىققا، ھەممىسى بىر ئېغىزدىن ئۆزلىرىنى «ئافغانىستانلىق ئۆزبەكلەر» دەپ تۇرۇۋېلىشنى كېلىشىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا پاكىستان دائىرىلىرى ئۇلارنى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. شۇ ئارىدا ئۇلار پاكىستانلىق بىرقانچە تەقۋادار كىشىلەردىن ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپ پاكىستان چېگراسىدىكى شىئە قەبىلە ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن پاكىستان ھۆكۈمىتىگە سېتىپ بېرىلگەنلىكىنى، ئاندىن پاكىستان تەرەپنىڭ «ئامېرىكا ئارمىيىسى چىقارغان بىر تېررورچىنى تۇتۇپ بەرسە 5000 دوللار مۇكاپات بېرىلىدۇ» دېگەن ئېلانغا ئاساسەن ئۇلارنى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە سېتىۋەتكەنلىكىنى ئۇقىدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پاكىستانلىق دىنىي قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېتىلگەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ناھەق ھالدا «تېررورىست» قالپىقى كىيدۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقۇپ چوڭقۇر ئازابلىنىدۇ. ئالاھىدە مەغپىرەت ۋە ئاسانلىق تىلەيدۇ.
ئابابەكرى باشلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلار نېمىلا بولمىسۇن ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ يېنىك ئۇھ تارتىدۇ. چۈنكى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئۇلارنى غەم - ئەندىشىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلار «ئامېرىكا دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلغۇچى چوڭ دۆلەت بولغاندىكىن، ھامان بىزنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ ۋە ئەركىن ياشاش ھوقۇقى بېرىدۇ. خىتايغا قايتۇرۇلۇپ ھاياتى خەۋپكە دۇچ كېلىشتەك قىيىن تەقدىرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ تۇتقۇنى بولۇش كۆپ ئەۋزەل» دەپ ئويلايدۇ.
دېگەندەك، دېكابىرنىڭ بىر سوغۇق كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى بۇ يەردە پەيدا بولىدۇ. ئابابەكرى باشلىق 18 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر ۋە باشقا نەچچە يۈزلىگەن چەتئەللىك مۇسۇلمان ياشلار پاكىستان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پۇت - قوللىرى چەمبەرچاس باغلىنىپ، بېشىغا قارا خاتا كىيدۈرۈلۈپ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانىغا ئېلىپ چىقىلىدۇ. ئايروپىلان بىرقانچە سائەت ئۇچقاندىن كېيىن سوغۇق شامال ھۇشقىيتىپ تۇرغان بىر ھەربىرى بازىغا قونىدۇ. تولۇق قوراللانغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۇلارنى قوپاللىق بىلەن ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈپ سوغۇق يەرگە دۈم ياتقۇزۇپ قويىدۇ. بېشىدا قارا خالتا بولغاچقا، ئۇلار نەگە كېلىپ قالغانلىقىنى، ئەمدى ئۆزلىرىنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.
نەچچە سائەتتىن بۇيان پۇت - قوللىرى باغلاقلىق تۇرغاچقا قان ئۆتۈشمەي قوللىرى كۆيۈشۈپ ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق ۋە ئاچلىق ئۇلارنى تىنىمسىز قىينايدۇ. ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىسى ئۇلارنى تېخىمۇ ۋەھىمىگە سالىدۇ. ئاخىرى ئۇلار بىرمۇ - بىر ئورنىدىن تۇرغۇزۇلۇپ، رەسىمگە تارتىلغاندىن كېيىن، مەھبۇس كىيىمى كىيدۈرۈلىدۇ. ئاندىن دېكابىرنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇقىدا ئۈستى ئوچۇق دالاغا سىمتاناپ تارتىلىپ ياسالغان ۋاقىتلىق تۈرمىلەرگە سولىنىدۇ. بىر ئايغىچە ئۇلارنى ھېچكىم سوراق قىلمايدۇ. تاماقنى ئامېرىكا ۋاقتىنى ئۆلچەم قىلىپ تارقاتقاچقا، بەزىدە كېچىدە يېيىشكە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ زىمىستان قىشنىڭ سوغۇقى ئاي دالاغا قامالغان بۇ مۇساپىرلارنىڭ جان - جېنىدىن ئۆتۈپ، ئۆلۈم ۋەھىمىسى كۆز ئالدىدىن ھەر ۋاقىت ئەگىپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا يېتەرلىك كىيىم - كېچەك ۋە ئىسسىنىش پۇرسىتى بېرىلمىگەچكە سوغۇقتا كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئىككى ئايغىچە يۇيۇندۇرۇلمايدۇ، چاچ - ساقاللىرى ئۆسۈپ ئادەم رەڭگى قالمايدۇ. ئۇلار كۆز ئالدىدا ئۆزلىرىنى كونترول قىلىپ تۇرغان سوغۇق تەلەت ئەسكەرلەرنىڭ راستىنىلا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەي قالىدۇ.
كۈنلەر ئايلارنى قوغلاپ، ئۇزۇن تۈنلەر كۈندۈزنى ئىستەپ تىنىمسىز ئۆتۈپ تۇرىدۇ. ئافغانىستاننىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى قەھرىتان قىشقا ئەسىر بولغان قۇندۇز رايونى بارغانسېرى سوۋۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق يۆلەنچۈكى يوقلۇقىنى ھېس قىلىدۇ…
(داۋامى بار)