گۋەنتانامودىن قايتقاندا: ئابابەكرى قاسىمنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى - 2
2013.11.16

«5 - فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن ناھەق ھالدا تۈرمىگە قامالغان ئابابەكرى قاسىم ئېغىر مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. 7 ئايغا سوزۇلغان قىيىن - قىستاق ۋە سوراقلاردىن كېيىن ھېچقانداق ئىسپات تاپالمىغان خىتاي دائىرىلىرى ئاخىرى ئابابەكرى قاسىمنى تۈرمىدىن بوشىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن تىرىكچىلىك غېمى ئۇنى ھەر كويلارغا سالىدۇ. سىياسىي ئاتموسفېراسى بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقان غۇلجىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سودا - تىجارەتنىڭ يوللىرىمۇ ئېتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەخپىي ساقچىلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ كەينىگە چۈشۈپ نازارەت قىلىشى ئۇنى تېخىمۇ تەشۋىشكە سالىدۇ. ئاخىرى ۋاقىتلىق بولسىمۇ چەتئەللەرگە چىقىپ چىقىش يولى تېپىش خىيالى ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋالىدۇ. ئۇ 4 ئاي يول مېڭىپ، بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ ئاخىرى پاسپورت ئالىدۇ ۋە 2000 - يىلىنىڭ قىش كۈنلىرىدە تەۋەككۈل قىلىپ قىرغىزىستانغا ئاتلىنىدۇ.
مۇشۇ قېتىملىق تەۋەككۈل سەپىرىنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى تامامەن ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقى ئۇ خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمايدۇ. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئورتا ئاسىيا، جۈملىدىن قىرغىزىستان ئەينى يىللاردا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرگىزمۇ خاتىرجەم جاي ئەمەس ئىدى. ئۇ قىرغىزىستانغا بارغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ھەر يەردە قازاننىڭ قۇلىقىنىڭ تۆت ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يېتىدۇ.
خىتاينىڭ ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدە كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىرى ۋە ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدىكى قالايمىقانچىلىق ياش ئابابەكرىنىڭ ئۇ يەردە چىقىش يولى تېپىشىغا ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ. ئاخىرى ئۇ دوستى ئادىل ھېكىمجان بىلەن بىللە تۈركىيەگە كېتىش ئۈچۈن يول ئىزدەيدۇ. لېكىن ۋىزا ئالالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن پاكىستانغا بېرىپ بىر مەزگىل ئوقۇش، ئۇ يەردىن يول تېپىپ تۈركىيەگە كېتىش پىلانىنى تۈزىدۇ. شۇنداق قىلىپ 2001 - يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا ئۇلار پاكىستانغا بارىدۇ. ۋەھالەنكى، پاكىستاندىكى ھاياتمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىلا قىيىن ئىدى. ئۇ يەردىن تۈركىيەگە كېتىدىغان ۋىزا ئالالمىغاچقا، ئىرانغا ئۆتۈپ قۇرۇقلۇق يولى بىلەن كەتمەكچى بولىدۇ، ئەمما ئىران تەرەپمۇ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىدۇ.
ھېچقانداق ئامالى قالمىغان ئابابەكرى مۇساپىر دوستلىرى بىلەن بىللە ۋاقىتلىق كۈن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش ئۈچۈن پاكىستاندىن ئافغانىستانغا بارىدۇ. ئۇلار شۇ يىلى 7 - ئايدا ئافغانىستاننىڭ جالالئابات ۋىلايىتىگە بېرىپ ئۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن شۇ يىلى 11 - سېنتەبىردە ئامېرىكا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئافغانىستاننى كونترول قىلىپ تۇرغان تالىبانلار ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلايدۇ. بۇ ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان ئابابەكرى باشلىق مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستانغا يۈرگۈزگەن ھاۋا ھۇجۇمى باشلىنىشى بىلەنلا نېمە قىلىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ. ئۇلار تۇرغان جاي ئېغىر بومباردىمانغا ئۇچراپ، نەق مەيداندا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئابابەكرى باشلىق 18 نەپەر ئۇيغۇر ياش تاغ غارىغا قېچىپ كىرىپ ھاياتى ساق قالىدۇ. ئۇلار ئەمدى نەگە بېرىشى كېرەك؟ ئۇلارغا كىم ياردەم قولىنى سۇنىدۇ؟
بۇ تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز پروگراممىمىزنىڭ 3 - قىسمىغا قۇلاق سالغايسىز.