گۋەنتانامودىن قايتقاندا: ئابابەكرى قاسىمنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى - 4
2013.11.30

2001 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئافغانىستانغا كىرگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى پاكىستان ھەربىي تەرەپتىن 18 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر ياشنى «تېررورىستلار» دېگەن گۇمان بىلەن ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنى ھەربىي ئايروپىلانغا قاچىلاپ ئافغانىستاننىڭ قەندىھار شەھىرىگە يېقىن ھەربىي بازىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ 12 - ئايغا كىرىپ قالغان قەھرىتان قىش مەزگىلى بولۇپ، ئۇلارنى بوران ھۇشقىيتىپ تۇرغان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە قامايدۇ.
ئەركىنلىك ئىزدەپ ۋەتەندىن ئايرىلغان ئابابەكرى باشلىق بۇ 18 نەپەر ئۇيغۇر ياش شۇنداق قىلىپ بىردىنلا تۇتقۇنغا ئايلىنىدۇ. «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن «تېررورىزمغا قارشى دۇنياۋى كۈرەش» قاينىمىدا كۆزى باغلىنىپ قالغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۇلارنى «تېررورىست» دېگەن گۇمان بىلەن تەپسىلىي سۈرۈشتۈرمەيلا قاماققا ئالىدۇ. ئابابەكرى باشلىق بارلىق تۇتقۇنلار قەندىھاردىكى ئۈستى ئوچۇق ۋاقىتلىق تۈرمىدە ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. قورقۇنچ، ناچار تۈرمە ھاياتى، جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇق ۋە ئايلارچە يۇيۇنالماسلىقتەك بىر قاتار قىيىنچىلىقلار ئۇلارنىڭ كېلەچەككە بولغان ئىشەنچى ھەمدە تاتلىق خىياللىرىنى ئاللىقاياقلارغا توزۇتۇپ تاشلايدۇ.
ئۆزلىرىنىڭ راستىنىلا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن ئابابەكرى باشلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندىلا ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلايدۇ. ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئۇلارنىڭ خىتايدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىكەنلىكىنى، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن دەرھال قويۇپ بەرمەيدۇ. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا بولغان مۇئامىلىسىدە بىر قەدەر يۇمشاش كۆرۈلىدۇ. ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالغان ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ قەندىھاردىكى ۋاقىتلىق تۈرمىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا چولىسى تەگمەيدۇ.
تۇتقۇنلۇق داۋاملىشىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسى تالىبانلار كۈچلىرىنى سۈرۈپ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي چېگراسىغا يېقىنلىشىدۇ. جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇقتا تۆمۈر قەپەسكە سولىنىپ نامەلۇم كېلەچەكنى ساقلاپ ياتقان ئابابەكرى باشلىق ياشلار ھەر كۈنى ئامېرىكا ھەربىي تىكئۇچارلىرىنىڭ بازىدىن ئەنسىز كۆتۈرۈلۈپ كەچتە قايتىپ كېلىۋاتقانلىقنى كۆرىدۇ. «تېررورىست» قالپىقى كىيدۈرۈلگەن بۇ نەۋقىران ياشلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە «11 - سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تالىبانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى تېخىچە بىلمەيتتى.
قەھرىتان قىش ئاستا - ئاستا ئۇزاپ ھىندىقۇش تاغلىرىغا باھار كېلىدۇ. گۈمبۈرلىگەن بومبىلارنىڭ ئاۋازىمۇ ئازىيىدۇ. باھار چىللاپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلارنىڭ ئاۋازى قىشلىق ئۇيقۇدىكى جانلىقلارنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۆمۈر قەپەسلەرگە بەند قىلىنغان بىر توپ تۇتقۇنلار تۆمۈر رىشاتكىلاردىن تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىڭشايدۇ.
بىرقانچە ئايلاردىن بۇيان يۇيۇنمىغان، چاچ - ساقاللىرى ئۆسكەن، روھىي ئېنېرگىيىسى خورىغان بۇ كىشىلەر «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئالنىڭ باش - ئاخىرىغا جاۋاب تاپالماي قىينىلىدۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ ئادەملىرى پەيدا بولۇپ زەنجىرلەنگەن بۇ كىشىلەرگە تۇنجى قېتىم ئادەمگە گەپ قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار ئابابەكرى باشلىق تۇتقۇنلارغا ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ ئۇلارنى پات ئارىدا كۇبادىكى بىر تۈرمىگە يۆتكىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇ يەرنىڭ شارائىتىنىڭ كۆپ ياخشىلىقىنى، ئۇ ياقتا قىش بولمايدىغانلىقىنى، يۇيۇنۇش شارائىتىنىڭ بارلىقىنى ھەتتا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىمۇ ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ.
قەپەستىكى تۇتقۇنلار بۇ چىرايلىق سۆزلەرگە ئىشىنەلمەي ئىپادىسىز بىر رەۋىشتە قاراپ تۇرىدۇ. ناچار تۈرمە ھاياتى ياش ئابابەكرىنىڭ سالامەتلىكىنى كېرەكتىن چىقىرىپ، ئۇنى بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ. كۈندە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ بەزگەك كېسىلى تۇتۇپ لاغىلداپ تىترەپ بەدەنلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ.
2002 - يىلى 6 - ئايدا ئامېرىكا تەرەپ ئۇلارنى قەندىھاردىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن كۇبانىڭ گۋەنتانامو قولتۇقىدىكى ئامېرىكا تۈرمىسىگە يۆتكەيدۇ. بەزگەك كېسىلىنىڭ دەستىدىن زەئىپلىشىپ كەتكەن ئابابەكرى قاسىم ھەمراھلىرى بىلەن بىللە گۋەنتانامو تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئۇ يول بويى كېسەللىك ئازابى تارتىپ بىردە ھوشسىز، بىردە ھوشىغا كېلىپ دېگەندەك يەنە بىر ناتونۇش دۇنياغا كېلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئابابەكرى باشلىق تۇتقۇنلارنىڭ گۋەنتانامو تۈرمىسىدىكى ھاياتى باشلىنىدۇ. ئۇ بۇ يەردە نېمىلەرنى كۆردى، بېشىدىن قانداق كەچۈرمىشلەر ئۆتتى، ئۇنى كېيىنكى قىسمەتلىرى قانداق بولدى؟...
بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزگە قىزىقسىڭىز، پروگراممىمىزنىڭ كېلەر ھەپتىدە داۋاملىشىدىغان 5 - قىسمىغا قۇلاق سالغايسىز.