ئۇيغۇرلار راستىنىلا كىتاب ئوقۇمامدۇ؟(3-قىسمى) ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

ئالدىنقى ئىككى پروگراممىمىزدا تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ماگىستىر ئوقۇغۇچىلاردىن ھىلال يازغان: «ئۇيغۇرلار راستىنىلا كىتاب ئوقۇمامدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئاڭلاتقانىدۇق، بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئالدى بىلەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى ئاڭلىتىمىز. ئاخىرىدا، «چەكلەنگەن ئەسەرلەر سەھىپىسى» بويىچە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.06.23
kitab-oqush-bayrimi-305.png ئۇيغۇر ئىلىدىكى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى خاتىرىلەپ ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش
Public Domain


ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلىرى نېمىلەر؟ بۇ بىزگە تارىخىمىزدىن قالغان ئۇدۇممۇ ياكى يېقىنقى زامان تارىخىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي مەسىلىمۇ؟ بەزى زىيالىيلىرىمىزنى «ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ» دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ قېلىشىغا نېمە سەۋەبچى بولغان؟ مانا بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپالىساق، ئەسلى مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تاپقان بولىمىز. ئەمما مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تېپىپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنىمۇ تېپىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىشىمىز كېرەك. بولمىسا، مەسىلە جەمئىيىتىمىزدە يەنىلا مەسىلە پېتى قېلىۋېرىدۇ ۋە ئاخىرى بىر ئىجتىمائىي كېسەللىككە ئايلىنىپ، ئاخىرى مىللىتىمىزنى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ.

مانا مۇشۇ مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىلغان: «ئۇيغۇرلار راستىنىلا كىتاب ئوقۇمامدۇ» ناملىق ماقالىنىڭ ئاخىرقى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمىز، باتۇر تەييارلىغان بۇ پروگراممىدىن قېنى ھەممەيلەن بىرلىكتە بەھر ئالايلى.

ئۇيغۇرلار راستىنىلا كىتاب ئوقۇمامدۇ؟

3. بۆلۈم

باتۇر تەييارلىدى

ئەمدى كېلەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقىغا ياكى توغرىسىنى ئېيتقاندا، نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيالمايدىغانلىقىغا. چۈنكى بۇ يازمىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بېرى كىتابخۇمار، ئېلىمسۆيەر خەلق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ھېلىمۇھەم داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەنىدۇق. شۇنداق، ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەت ئەمەس، بەلكى ھازىر كىتاب ئوقۇمايۋاتىدۇ، بەلكى ئوقۇيالمايۋاتىدۇ. ئەمما بۇ، «ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ» دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىتاب ئوقۇيالمايۋاتىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. ئالدىنقى بۆلۈملەردە ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يېقىنقى 50 يىللىق تارىخىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ قېتىملىق يېزىق ئىسلاھاتى نۇرغۇن خەلقىمىزنى ساۋاتسىزلار قاتارىغا چىقىرىپ قويدى. شۇڭا ھازىر 40 ياش بىلەن 60 ياش ئارىسىدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ مەلۇم قىسمى كۈنىمىزدە نەشر قىلىنىۋاتقان كىتاب - ماتېرىياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمايۋاتىدۇ. مانا بۇلار، ئاتالمىش يېزىق ئىسلاھاتى ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر نەسىل كىشىلىرىمىز. شۇنداقتىمۇ، 1980 - يىلىدىن 1990 - يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئارىلىقتا سىياسەتتە ئازراق يۇمشاش دەۋرىدە نەشر قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ سانى ۋە تىراژى ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ، نەچچە ئون يىللاپ خاتىرجەم كىتاب ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان خەلقىمىز بۇ كىتابلارنى شۇنداق ھېرىسمەنلىك بىلەن ئوقۇپ، يېڭىچە پىكىر - ئىدىيىلەر شەكىللەنگەن ۋە جەمئىيىتىمىزدە دەۋر بۆلگۈچ داۋالغۇشلار مەيدانغا كەلگەنىدى. مەسىلەن، 1980 - يىللىرىنىڭ بېشىدا مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان «قۇرئان كىرىمى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى تېخى بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن، بەزى كىتابپۇرۇشلار نەشرىياتنىڭ ئامبارچىسىغا پارا بېرىپ، تەرجىمە نۇسخىسىدىن 30 مىڭ پارچىنى ئېلىپ كەتكەنىكەن. ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر نۇسخىسى ساقلانغان بۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ تىراژىنى كىم ھېسابلاپ بېرەلەيدۇ؟

ئەمما 90 - يىللاردىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتنىڭ قايتىدىن چىڭىيىپ كېتىشى، بۇ سىياسەتنىڭ ئىقتىسادىي، دىنىي، مەدەنىي ۋە مائارىپ ساھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز فۇنكسىيىلىرى خەلقىمىزنى تېخىمۇ ئېغىر نادامەتكە ئىتتىرىپ قويدى. ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇۋەتكۈدەك دەرىجىدە يۇقىرى بولۇشى، تەبىئىي ھالدا كىتاب ئوقۇيالايدىغان ياكى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدىغان ياشلىرىمىزنىڭ پۇلسىزلىق تۈپەيلىدىن كىتاب ئوقۇشنى تاشلاپ، بىر كۈننى بولسىمۇ توق قورساق ئۆتكۈزۈش دەردىگە چۈشۈرۈپ قويدى. شۇڭا 80 - يىللاردا، قوي بېقىۋاتقان بالىلارنىڭمۇ قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىغان ئەھۋالدىن، بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنى تاشلاپ بازاردا ئۇششاق - چۈشەك نەرسىلەرنى سېتىپ يۈرىدىغان ئەھۋالغا ئۆزگىرىپ قالدى. ئۆيىگە بىر بۇردا نان، بالىلىرىغا بىر پارچە كىتاب سېتىۋالالمايۋاتقان ئاتا - ئانىنىڭ سانى جەمئىيىتىمىزدە كۈندىن كۈندە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. دېمەككى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئىقتىسادىي قامال خەلقىمىزنى مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشنىڭ ئورنىغا، قورسىقىنى تويغۇزۇش غېمىگە چۈشۈرۈپ قويدى.

بۇنىڭ بىلەنلا ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتىمۇ؟ ياق. بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش، بىلىم ئېلىشقا بولغان ئىشتىياقى سۇسلاپ قالغىنى يوق، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە، يۈزەكى بىلىملىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈزلەندى. ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دېگەندەك، تېخىمۇ مول بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. بۇنىڭمۇ يېتىپ ئاشقۇچە سەۋەبلىرى بار بولۇپ، ھەممىدىن مۇھىمى «ئۇيغۇرچە كىتابلارغا قويۇلغان چەكلىمە» ئىدى.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېڭى پەن - تېخنىكا ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە ماسلىشالمايدىغانلىقىنى بىلجىرلاپ، خەلقىمىزنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرغاندىن سىرت، يېڭى پىكىر - ئېقىم ۋە پەن - تېخنىكا، تارىخ، دىن، سىياسەتكە ئائىت كىتابلارغا ئېغىر چەكلىمە قويۇپ، بۇ ساھەدىكى كىتابلارغا ئېھتىياجى بولغانلارنى كىتاب ئوقۇشتىن مەھرۇم قويماقتا ياكى خىتاي تىلىغا يۈزلىنىشكە زورلىماقتا. شۇنىڭ بىلەن، بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا: «ئۇيغۇر تىلى ھەقىقەتەن زامانىمىزغا ماسلىشالمىغۇدەك» دېگەن ئويلار پەيدا بولۇپ قېلىۋاتماقتا. دېمىسىمۇ، ھازىر قوللىنىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ پۇچەكلىكى، يېزىق ۋە ئىملادىكى خاتالىقنىڭ ئېغىرلىقى قوشۇلۇپ، بەزى ياشلىرىمىزنى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى قوللىنىشتىن بەزدۈرۈشكە تۈرتكە بولماقتا. ئەسلىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى ئۇنداق پۇچەك ياكى زامانغا نالايىق تىل - يېزىق ئەمەس، بەلكى ئىپادىلەش، تەسۋىرلەش، بايان قىلىش ئۇسلۇبلىرى نۇرغۇن تىللاردىن ئىلغار ۋە مۇكەممەل تىل ھېسابلىنىدۇ. لېكىن تارىخىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىزنىڭ ئۈزۈكلۈكى، كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزدا ئەكس ئەتتۈرەلمەسلىكىمىز سەۋەبىدىن تىلىمىزنى شالغۇتلاشتۇرۇپ، يېزىقىمىزنى پۇچەكلەشتۈرۈپ قويۇۋاتىمىز. كىتابنى كۆپ ئوقۇماسلىقىمىز ۋە دىققەت بىلەن ئوقۇماسلىقىمىز، ئېغىز تىلىمىز بىلەن يېزىق تىلىمىز ئارىسىدىكى پەرقنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولۇشىنى بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىغا بولغان ئېغىر بېسىم، قاتمۇقات كونترول، قەدەممۇ قەدەم سۈزگۈچلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن مىللىتىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالىغۇدەك كىتابلار يىل - يىللاپ نەشرىياتلاردا رۇخسەت ئالالماي بېسىلىپ ياتقان بىلەن، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بەزى خادىملارنىڭ نە خەلقىمىز، نە ھازىر، نە كەلگۈسىمىز ئۈچۈن بىر تىيىنلىق پايدىسى يوق كىتابلىرى ھېچقانداق توسالغۇسىز، ھەتتا ئاتالمىش رەھبەرلەرنىڭ بېغىشلىمىلىرى بىلەن دەبدەبىلىك نەشر قىلىنىپ، كىتابخانىلاردا كۆز بوياپ تۇرۇۋاتماقتا.

خەلقىمىز مانا مۇشۇنداق تايىنى يوق كىتابلارنى ئوقۇشتىن زېرىكىپ، ئاخىرى كىتاب ئوقۇمايدىغان ھالەتكە يۈزلىنىشكە باشلىدى. بۇرۇن كىشىلەر يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلە چىقىمىغا ئىشلىتىپ، ئاز بىر قىسمىنى بولسىمۇ، كىتاب - ژۇرنال سېتىۋېلىشقا ئىشلىتەتتى. لېكىن ھازىرچۇ؟ بۈگۈن تاپقان پۇلنىڭ يېرىمىنى ئائىلىسىگە خىراجەت قىلىپ، قالغان يېرىمىنى ئەتىسى ئۈچۈن ئېلىپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. تېخى نۇرغۇنلىرى ئەتىسىگە ئەمەس، بۈگۈنگىمۇ يەتكۈزەلمەي سەرسان بولۇپ يۈرىدۇ.

كىتاب ئوقۇغان «گۇمانلىق ئۇنسۇر»، كىتاب ئوقۇغان «بىلىملىك تېررورىست»، كىتاب ئوقۇغان «ئۈچ خىل كۈچنىڭ غوللۇق ئەزاسى» دەپ قارىلىنىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋال ئاستىدا كىم كىتاب ئوقۇسۇن ياكى ئوقۇيالىسۇن؟

ئەمما ئۇيغۇر يەنىلا كىتاب ئوقۇيدۇ، كىتابنى سۆيىدۇ، ئىلىمنى سۆيىدۇ. بۇنىڭغا ھېچكىم كۆز يۇمالمايدۇ، تىل تەگكۈزەلمەيدۇ. خۇلاسە كالام: «ئۇيغۇر كىتاب ئوقۇمايدۇ» دېگەننىڭ ئۆزى كىتاب ئوقۇمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.