غەيرەتجان روزى: كۈرەش كۈسەن ئاددىي بىر مۇزىكانت بولۇپ قالماستىن، بېلىم ئىگىسى ئىدى
2015.09.05

ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئۇنتۇلماس ئىزلار قالدۇرغانلار ۋە سەپداشلىرى ئارىسىدا ئىپتىخارلىق بىلەن ياد ئېتىلىپ تۇرغۇدەك ئەسلىمىلىرى بولغانلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئاز ئەمەس.
كۈرەش كۈسەن ئۇيغۇر تارىخىدا ئەنە شۇنداق ئۆزگىچە ياد ئېتىلىپ تۇرىدىغان، بەلگىلىك سەۋىيەدە ئىز قالدۇرغان، قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان ئاھاڭ - كۈيلىرى، پىكىرلەرنى بەيگىگە سالغۇدەك ئىدىيەلىرى ۋە پۈتۈن ھاياتىدا ۋاز كەچمىگەن كۈرەش يوللىرى بىلەن داۋاملىق كىشىلەرنى سېغىندۇرۇپ تۇرىدىغان قەدىردانلاردىندۇر.
مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى يىلچە بىرگە ياشاپ، ئوخشىمىغان سەپلەردە خىزمەت قىلغان، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان غەيرەتجان روزى ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىلىرى، رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل ئېكرانىغا كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ئوبرازىنى يەنە بىر قېتىم نەقىشلىسە ئەجەب ئەمەس.
تۆۋەندە، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پىدائىي غەيرەتجان روزى ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسى ئاساسىدا تەييارلىغان مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك پروگراممىدىن بەھرى ئالغايسىزلەر.