ئۆلىما مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە سىلەرگە ئالدى بىلەن نام – شەرىپى بىزگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىسىمۇ، ئەسلىدە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بىرى، 18 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەدىبى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، شائىر، ئۆلىما مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى ھەققىدە تەييارلانغان مەخسۇس پروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاندىن «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىز بويىچە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.04.28
ئۆلىما مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر بۈگۈنكى سەھىپىمىزدە سىلەرگە ئالدى بىلەن نام - شەرىپى بىزگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىسىمۇ، ئەسلىدە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بىرى، 18 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەدىبى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، شائىر، ئۆلىما مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى ھەققىدە تەييارلانغان مەخسۇس پروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاندىن «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىز بويىچە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.
مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى

مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى: 1715 - يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئۇ قەشقەر مەدرىسىلىرىدە ئوقۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگەنگەندىن سىرت، قانۇن، پەلسەپە، ئەدەبىيات ۋە ئىسلامىيەت قاتارلىق پەنلەردە ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن بولۇپ يېتىشكەن.

مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى مۇسۇلمان شەرق ئەللىرى مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى نەمۇنىلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش جەريانىدا، 11 - ئەسىردە ئۆتكەن ئىران ئالىمى قابۇس ئىبنى ۋەشمىگىرنىڭ ئۆز ئوغلى كلانىشاھقا ۋەسىيەت ئورنىدا يېزىپ قالدۇرغان: قابۇسنامە» ئەسىرى بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆزىمۇ شۇ ماۋزۇدا بىر ئەسەر يېزىشنى پىلانلاپ، خەلق ئاممىسى ئىچىدە باي ماتېرىياللارنى توپلاش مەقسىتىدە قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارنى ئارىلاپ، يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ تىلى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە قىممەتلىك ئىلمىي ماتېرىياللارنى يىغقان. نەتىجىدە، شۇ چاغدىكى قەشقەر ھاكىمى مۇھەممەد ئىبراھىم بەگ كېپەك بەگ ئوغلىنىڭ تەۋسىيىسى ۋە ياردىمى بىلەن 1785 - يىلى كىشىلەر تەرىپىدىن «سىدىقنامە» دەپ ئاتالغان دىداكتىك ئەسىرىنى يېزىشقا كىرىشىپ، 1787 - يىلى تاماملىغان.

ئالىم ئەسەرنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق ئىككى مىسرا نەزم يازغان:

يېشىم يەتمىش بەشكە يەتكەندە كۆرەشتىم تاغ ئىلە،
قازدىم بەھرى يەتكەي دەپ تاغنى تىرناقىم ئىلە.

بۇ مىسرالاردىن مۇھەممەد سىدىق بەرشىدىنىڭ «سىدىقنامە» ئەسىرىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا - يەنى 75 ياشقا كىرگەندە يېزىشقا كىرىشكەنلىكىنى چۈشەنسەك، يەنە بىر تەرەپتىن خۇددى تىرناق بىلەن تاغ كولىغاندەك مۇشەققەتلىك ئەمگەك سىڭدۈرۈپ، جاپالىق ئىزدەنگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

«سىدىقنامە» 44 بابتىن تۈزۈلگەن پەند - نەسىھەت خاراكتېرىدىكى نەسرىي ئەسەردۇر. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى تولىمۇ كەڭ دائىرىدە بولۇپ، سىياسەت، پەلسەپە، قانۇن، ئەدەبىيات، دىن، ئەخلاق، تۇرمۇش، مىللىي ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق ئىلىم - پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە مەلۇم ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن. كىشىلىك ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىنى مۇكەممەل ۋە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادالەت، ھەققانىيەت، راستچىللىق، ۋاپادارلىق، قەھرىمانلىق، مەرىپەتپەرۋەرلىك كۆز قارىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«سىدىقنامە» ئەسىرىگە قىستۇرۇلغان بىر قىسىم شېئىرلار ئىنتايىن مۇكەممەل بەدىئىي تۈزۈلۈشكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالىمنىڭ سىياسىي، پەلسەپىۋى قاراشلىرى مەركەزلىك ھالدا ئىپادىلەنگەن.

ئى كۆڭۈل قاچقىل بىيابانلاردا ۋەھشىيلەر كەبى،
تۇتمىغىل ئۈلپەت يامانلار بىرلە ياخشىلار كەبى.
تۇتقىچە ئۈلپەت يامانلار بىرلە، تەنھالىقتا بول،
لەئلەكانى ئىچرە قاينالغان بەدەخشلەر كەبى.

ئاپتور بۇ مىسرالاردا بىزنى يامانلار بىلەن ئۈلپەت بولماسلىققا ئاگاھلاندۇرسا، يەنە:

كى يامانلىق ئەيلىسە تاپماس يامانلىقتىن ئامان،
ئۆل يامانلىق ئاپىتى يانغان ئۆزىگە بىگۇمان.

دەپ يېزىش ئارقىلىق يامانلىق، رەزىللىكنىڭ چوقۇم زاۋال تاپىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى تەكىتلەپ كۆرسىتىدۇ.

مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى مەشھۇر ئالىم، ئەرەب، پارس تىللىرىنىڭ نادىر ئۇستىلىرىدىن بولۇشىغا قارىماي، شۇ دەۋرلەردە ئومۇمىي يۈزلىنىشكە ئايلىنىپ قالغان ئەسەرنى ئەرەب ياكى پارس تىلىدا يېزىش قائىدىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «سىدىقنامە» ئەسىرىنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان. ئاپتور بۇ توغرىدا:

«پۈتۈن ئالەمى خاسقا بەھرى يەتكۈزمەك ئۈچۈن، بۇ دىيارنىڭ خەلقى ئەلپازى تۈرك بىلەن سۆزلەشكەچكە، مەن بۇ ئەسىرىمنى تۈرك لەۋزىدە يازدىم» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. بۇنىڭدىن ئالىمنىڭ نام - شۆھرەت قازىنىشنى، ئۆز تالانتىنى كۆز - كۆز قىلىشنى خالىماي، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇشتەك ئالىي پەزىلىتىنى كۆرۈۋالالايمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.