مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (40): «ۋەتەن تۇپراقلىرى كۆزىمىزگە سۈرمە بولسۇن!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز قۇتلان تەييارلىدى
2024.01.16
muhemmed-emin-bughra-1945 1945-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئايلىرىدا 11 يىللىق ھىجرەت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەن تۇپراقلىرىغا قايتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا.
RFA/Qutlan

شەرقىي تۈركىستاننىڭ 20-ئەسىردىكى مىللىي مۇجادىلە تارىخىدا بىر ئىنقىلابچى، بىر قوماندان، بىر مۇدەررىس، بىر تارىخچى ۋە بىر سىياسىي كۈرەشچى سۈپىتىدە تونۇلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ باشقىلار ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەن يەنە بىر ئالاھىدە ئەدەبىي كىشىلىكى مەۋجۇتكى، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇنىڭ بارلىقىنى ۋەتىنىگە تەسەددۇق ئەيلىگەن شائىرلىق دۇنياسىدۇر!

دەرۋەقە، بۇغرا شېئىرىيىتىنىڭ ۋەتەن ۋە يۇرت سۆيگۈسى بىلەن تولغان بىرىنچى پەسلىنى ئۇنىڭ ئافغانىستاندىكى بىرىنچى ھىجرەت يىللىرى شەكىللەندۈرگەن بولسا؛ ۋەتەنگە قايتىشقا بولغان ئوتتەك ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە يالقۇنلۇق ئىستەكلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىككىنچى پەسلىنى ئۇنىڭ خىتاي مەركىزىدىكى سىياسىي مۇساپىرلىق يىللىرى ھاسىل قىلغان ئىدى.

بۇغرا مەدرىسە مائارىپى كۆرگەن، شۇنداقلا كلاسسىك تۈركىي شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي جەۋھەرلىرىگە تويۇنغان بىر شائىر بولۇشىغا قارىماي، دەسلەپ ئافغانىستاندا كېيىنچە خىتاينىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭدا يازغان شېئىرلىرىنى خېلى زور دەرىجىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاممىباب ئۇسلۇبىغا ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت، بۇغرا شېئىرىيىتىنىڭ كلاسسىك تۈركىي شېئىرىيىتىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرا تەرىپىدىن توپلىنىپ 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان بۇغرانىڭ «ۋەتەن قايغۇسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرا تەرىپىدىن توپلىنىپ 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان بۇغرانىڭ «ۋەتەن قايغۇسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Qutlan

1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى ھىجرەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئازابلىق يىللىرىنى ياشىغان بۇغرا مۇساپىرەتتىكى سىياسىي كۈرەش قايناملىرىدىمۇ، ئانا يۇرتىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىگە تۇتاشقان تارىخچىلىق ئىزدىنىشلىرىدىمۇ، شۇنداقلا غۇربەتتىكى شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئانا تېمىسىنىمۇ ۋەتەن تېمىسىغا مەھكەم باغلىغان ئىدى. شۇڭىمۇ پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ۋەتەن تېمىسىنىڭ بۇغرا شېئىرىيىتىنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي ئانا تېمىسى بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

بۇغرا ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان يىللىرىدا يازغان ۋەتەن ھەققىدىكى شېئىرلىرىدا ئۆزىنى ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىپ تۇرغان پامىر ۋە ھىمالايا تاغلىرىغا «چېكىل» دەپ خىتاب قىلغان بولسا؛ مىللەتچى خىتاينىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە يازغان شېئىرلىرىدا «ئارايۇلتۇز» (شىڭشىڭشيا) قورۇلىغا قاراپ: «قاچان بىزگە ئاچىلۇر ئۇشبۇ قارا چېگرا؟» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇغرا ۋەتەننى تەرك ئېتىپ يات ئەللەردە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئاشۇ يىللاردا ۋەتەنسىزلىك، غېرىبلىق، مۇساپىرچىلىق ھەم يۇرت سېغىنچىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭ شېئىرىيىتىنىڭ ئانا تېمىسى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇغرانىڭ چوڭچىڭدىكى مەزگىللىرىدە يازغان ۋەتەن تېمىسىدىكى شېئىرلىرى ئىچىدە «يۇرتۇم» ناملىق شېئىرى ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇدىكەن، شۇنداقلا بۇغرانىڭ ۋەتەن تۇپراقلىرىغا بولغان ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە ئوتلۇق ھېسسىياتىنى نامايان قىلغان ئىكەن.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان شېئىرلىرىنىڭ قوليازمىسى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان شېئىرلىرىنىڭ قوليازمىسى.
RFA/Qutlan

يۇرتۇم، يۇرتۇم تۇپراقلارىڭ،

كۆزىمىزگە سۈرمە بولسۇن.

قارا تاشىڭ ئالماس كەبى،

بوينىمىزغا سالما بولسۇن.

چۆلۈڭدەكى تاش ۋە كېسەك،

بىزگە قىزىل ئالما بولسۇن.

بۇدۇشقاقىڭ، تىكەنلەرىڭ،

بىزگە تاتلىق ئۈجمە بولسۇن!

شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى، بۇغرانىڭ 1944-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1945-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا چوڭچىڭدا يازغان شېئىرلىرىنىڭ ئاساسلىقى يۇرت ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىدىن ئىبارەت بىرلا تېمىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

1944-يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى نىلقا تاغلىرىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئوق ئاۋازى ياڭراپ، 12-نويابىردا غۇلجادا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، زۇلمەتتە قالغان ۋەتەننىڭ يىراق بۇرجەكلىرىدە ھۆرلۈك تېڭىنىڭ ئۇپۇق نۇرلىرىنى پارلىتىدۇ. بۇ شۇنداقلا يات تۇپراقلاردا ۋەتەننىڭ ھەسرىتىنى چېكىۋاتقان بۇغرا ئۈچۈنمۇ ئۈمىد قۇياشىنىڭ ئۇپۇق نۇرى بولۇپ قالىدۇ. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇغرانىڭ مۇشۇ مەزگىللەردىكى شېئىرلىرىدا ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەن ئاسمىنى يورۇتۇشقا باشلىغان ئازادلىق تېڭىنىڭ ئۇپۇق نۇرلىرى جىلۋە قىلىشقا باشلىغان.

دەرۋەقە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا گەرچە ئىلى ئىنقىلابىنىڭ ئارقىسىدا سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ كۆلەڭگىسى بارلىقىدىن ئەندىشىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىنقىلابنىڭ «مىللىي ئازادلىق» شوئارى بىلەن باشلانغانلىقىدىن چوڭقۇر ئۈمىدلەنگەنلىكىنى يازىدۇ. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇ مەزگىللەردە بۇغرا شېئىرىيىتىدە كۆرۈلگەن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنىڭ دەل ئىلى ئىنقىلابىدىن قايناقلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.