مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (47): «ئۆلۈشكە رازىمەنكى، خەلقنى رازى قىلماي تۇرۇپ خوتەندىن كەتمەيمەن!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز قۇتلان تەييارلىدى
2024.06.04
muhemmed-emin-bughra-1 1933-يىلى خوتەن ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى «ئەمىر ھەزرىتىم» – مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (سولدا سەللىلىك) ۋە 1946-يىلى ئىمزالانغان «ئون بىر بىتىم»دىن كېيىن «ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» تەرىپىدىن سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن خوتەنگە ئەۋەتىلگەن «تەمىرات نازىرى» مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (ئوڭدا شىلەپىلىك).
RFA/Qutlan

1946-يىلىنىڭ ئاخىرى دېموكراتىك سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتىگە ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئايرىلغىلى 12 يىل بولغان سۆيۈملۈك يۇرتىغا ئاياق باسقىنىدا، قەلبىدە ئاجايىپ مۇرەككەپ ھېس-تۇيغۇلار كۆۋەجىمەكتە ئىدى. . .

بىر زامانلار جاھاننى لەرزىگە سالغان مىللىي ئىنقىلاب دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئازادلىق تېڭىغا ئۇلاشقان، شۇنداقلا خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت مۇستەقىل مىللىي ھاكىمىيەتنىڭ تەسەررۇپىغا ئۆتكەن خوتەن رايونى ئەمدىلىكتە جەنۇبتىكى باشقا ۋىلايەتلەرگە ئوخشاشلا مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىڭرىماقتا ئىدى؛ بىر زامانلار خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ۋە ئەسكىرىي قۇۋۋەتلىرىنىڭ باش ئەمىرى بولغان «ھەزرىتىم»، ئەمدىلىكتە «ئون بىر بىتىم» نىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» نىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك تەمىرات (قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ نازىرى سالاھىيىتى بىلەن يۇرتى خوتەنگە بارغان ئىدى؛ بىر زامانلار بېشىغا سەللە ئوراپ، ئۇچىسىغا بەقەسەم تون كىيگەن «خوتەن ئەمىرى»، ئەمدىلىكتە بېشىدا شىلەپە، ئۇچىسىدا كاستيۇم-بۇرۇلكا، بوينىدا گلاستۇك، ئېغىزىدا غاڭزا چىشلىگەن ھالدا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن «شەھىدانە خوتەن» دە پەيدا بولغان ئىدى. . .

ئەخمەتجان قاسىمى 1947-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا ئاممىغا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ سۆز تېكىستى. بۇ نۇتۇقتا خوتەندىكى گومىنداڭ ھەربىي ۋە مۈلكىي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى قاتىلنى ياللاپ، سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتىگە ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى پاش قىلىنغان.
ئەخمەتجان قاسىمى 1947-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا ئاممىغا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ سۆز تېكىستى. بۇ نۇتۇقتا خوتەندىكى گومىنداڭ ھەربىي ۋە مۈلكىي دائىرىلىرىنىڭ ئىككى قاتىلنى ياللاپ، سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتىگە ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى پاش قىلىنغان.
RFA/Qutlan

پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تەكىتلىگىنىدەك، 12 يىل بۇرۇنقى «ھەزرىتىم» نىڭ ئوبرازى تېخىچە خوتەن خەلقىنىڭ كوللېكتىپ خاتىرىسىدىن ئۆچمىگەن ئىدى. شۇڭىمۇ 12 يىلدىن كېيىن سەللە ئورنىغا شىلەپە، بەقەسەم تون ئورنىغا كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ كەلگەن «ئەپەندى» سىياقىدىكى بۇغرانىڭ يېڭىچە قىياپىتىنىڭ خوتەن خەلقىنى ھەيران قالدۇرۇشى تەبىئىي ئىدى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ گەرچە ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما خوتەن خەلقىنىڭ بۇغرانى ھېلىھەم «ھەزرىتىم»، «ئەمىرى خوتەن»، «مۇدەررىس» ۋە دىنىي ئۆلىما سۈپىتىدە تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

دەرۋەقە، ئارىدىن يىللار ئۆتتى، دەۋر ئۆزگەردى، دۇنيا ئۆزگەردى، تارىخ ئېقىمىمۇ ئۆزگەردى. 12 يىللىق ئاچچىق سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنى ياشىغان بۇغرانىڭ زامان ئېقىمىدا ئاقماسلىقى، دۇنيا يېڭىلىقلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. خۇددى پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت تەكىتلىگەندەك، 12 يىللىق ھىجرەتتىن كېيىن باشقىچە قىياپەت بىلەن يۇرتىغا قايتقان بۇغرا، خوتەن خەلقىنىڭ ھەيران قالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆز يۇرتداشلىرىغا دەۋرنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىدىن، يېڭىلىقلارغا ماسلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىدىن سىگنال بەرمەكچى بولغان ئىدى.

1930-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ مەغلۇبىيەت ساۋاقلىرىدىن ئاچچىق دەرس ئالغان، غۇربەت ئەللەردىكى ئۇزۇن يىللىق سىياسىي مۇساپىرەت قايناملىرىدا پىشىپ يېتىلگەن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەن بۇغرا، ئۆز دەۋرىدىكى قورال كۆتۈرگەن بىر كەسكىن ئىنقىلابچىدىن ئەمدىلىكتە سىياسىي كۈرەش يولىغا ئۆتكەن بىر سىياسىيونغا ئايلانغان ئىدى. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، بىرىنچى ھىجرەتتىن كېيىنكى بۇغرانىڭ ئىچكىي پىكىر-ئىدىيە ۋە تاشقىي قىياپەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلىرىنى، 1940-يىللاردىكى تارىخنى ياشىغان بىر سىياسەتچىنىڭ ھاياتىدىكى تەبىئىي جەريان، دەپ قارايدۇ.

«ئۆلكىلىك تەمىرات (قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ نازىرى»لىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (ئوڭدىن 1-كىشى) 1947-يىلى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى تۆمۈر كان مەيدانىنى تەكشۈرمەكتە.
«ئۆلكىلىك تەمىرات (قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ نازىرى»لىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (ئوڭدىن 1-كىشى) 1947-يىلى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى تۆمۈر كان مەيدانىنى تەكشۈرمەكتە.
RFA/Qutlan

ھالبۇكى، گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ خوتەندىكى ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلىرى، بولۇپمۇ خوتەن ۋالىيسى نۇربەگ (خاۋ دېڭباڭ)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مىللىي ساتقىنلار، بۇغرانىڭ تاشقىي قىياپىتىدىكى بۇ يېڭىلىقلارنى ئۇنىڭغا قارشى ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىدۇ. يەنى ئۆز ۋاقتىدىكى دىنىي ئۆلىما قىياپىتىدىكى «ھەزرىتىم» نىڭ ئەمدىلىكتە «كالتە چاپان» كىيگەن ۋە «غاڭزا چىشلىگەن» بىر «دەھرى» گە ئايلانغانلىقى توغرىلىق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىدۇ.

شۇنىسى ئېنىقكى، گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ ھەقىقىي دەردى بۇغرانىڭ تاشقىي قىياپىتىدىكى بۇ يېڭىلىقلاردا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ خوتەن خەلقى ئارىسىدىكى چوڭقۇر تەسىرى ۋە كۈچلۈك چاقىرىق كۈچىدە ئىدى. بىر زامانلار خوتەن خەلقىنى قوزغاپ قوراللىق مىللىي ئىنقىلاب ئېلىپ بارغان «خوتەن ئەمىرى» نىڭ ئەمدىلىكتە «سايلام نازارەتچىسى» سۈپىتىدە خوتەنگە كېلىشى، گومىنداڭنىڭ خوتەندىكى يەرلىك دائىرىلىرىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرمەكتە ئىدى. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى تەكىتلىگەندەك، گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ خوتەندىكى ئەسكىرىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇغرانىڭ خوتەندىكى پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق ۋە مۇداخىلە قىلىدۇ، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ھەتتا ئوق چىقىرىپ تەھدىت سالىدۇ.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ تەكىتلىشىچە، 12 يىللىق سىياسىي مۇساپىرەتتىن كېيىن «سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش» ۋەزىپىسى بىلەن يۇرتىغا بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بۇغرا ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق خوتەن سەپىرى ھەقىقەتەنمۇ تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بولغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ۋە سىياسىي ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇنۇشى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ئىرادىسى ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىدى.

ھالبۇكى، گومىنداڭنىڭ خوتەندىكى ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خوتەنگە كېلىشىنى «بالا-قازانىڭ يېتىپ كېلىشى» دەپ بىلىدۇ، شۇنداقلا «ئۆز كۆزىگە قادالغان بۇ مىق» نى يوقىتىش ئۈچۈن، ھەتتا قاتىل ياللاپ بۇغراغا سۇيىقەست پىلانلايدۇ. تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى 1947-يىلى 17-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا ئاممىغا سۆزلىگەن نۇتقىدا، گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ خوتەندە سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن 8 سەر ئالتۇن، 40 تۈمەن ئۆلكە پۇلىغا ئىككى قاتىل ياللاپ ئىشقا سالغانلىقى، ئەمما بۇ سۇيىقەستنىڭ خەلق تەرىپىدىن پاش قىلىنغانلىقىنى ئاشكارا قىلغان.

بۇغراغا قىلىنغان بۇ سۇيىقەست پاش بولغاندىن كېيىن، خوتەندە ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى گېنېرال جاڭ جىجۇڭ خوتەنگە جىددىي تېلېگرامما يوللاپ، بۇغرانىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇغرا كەسكىنلىك بىلەن: «ئۆلۈشكە رازىمەنكى، خەلقىمنى رازى قىلماي تۇرۇپ خوتەندىن كەتمەيمەن!» دەپ جاۋاب تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ.

دەرۋەقە، بۇغرا خوتەندىكى ئاخىرقى كۈنلىرىدە دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىش، ھەرقايسى ناھىيەلەردە خەلق ئۆزى سايلىغان كىشىلەرنى ھاكىملىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن كۈچنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ۋاھالەنكى، بۇغرانىڭ ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي كۆرسەتكەن شۇنچە زور تىرىشچانلىقلىرى كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە بەرمەيدۇ. خەيرىيەت، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «ئون بىر ماددىلىق بىتىم» نىڭ روھى بويىچە ھەرقايسى ناھىيەلەردە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «دېموكراتىك سايلام» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشمايدىغان قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق شوئار ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ خوتەندىكى ئەڭ ئاخىرقى ئاچچىق تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ كۆرگەن بولدى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.