مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (50): «مىللەتچىلەر زادى كىمگە قارشى؟»
2024.08.20
1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە تارىخىدا زامانىۋى مەتبۇئات ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. شۇ مەزگىللەردە ئۈرۈمچىدە مىللەتچى سەرخىللار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان «ئەرك» گېزىتى يالغۇز تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم پىكىر مۇنبىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش ئوقۇرمەنلەر سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرچە گېزىتلەردىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تاكى 1949-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىغا قەدەر نەشىر قىلىنغان «ئەرك» گېزىتى، دەسلەپكى ھەپتىلىك گېزىتتىن بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم چىقىدىغان گېزىتكە، ئاندىن كۈن ئارىلاپ چىقىدىغان گېزىتكە، ئەڭ ئاخىرىدا، يەنى 1949-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە كۈندىلىك گېزىتكە تەرەققىي قىلغان ئىدى. بۇ گېزىت ئەتراپىغا توپلانغان ياش بىر ئەۋلاد مىللەتچى يازارلار، شۇ زاماندا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ھەر ساھەدىكى ئەڭ بىلىملىك زىيالىيلار ۋە سەرخىللاردىن ھېسابلىناتتى. ئۇلار گېزىت-ژۇرناللارنى ئاساس قىلغان نەشرىياتچىلىقنىڭ ئاۋام خەلقنى ئويغىتىش، مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۈچۈن ئىزدىنىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مىللىي ئىدېئولوگىيەسىنى يېتەكلەپ مېڭىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئىدى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋەكىللىكىدىكى مىللەتچى سەرخىللارنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان ياش زىيالىيلاردىن ئابدۇللا تىمەن «ئەرك» گېزىتىنىڭ 100-سانى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان «ئەركىمىز ياشناسۇن!» ناملىق ماقالىسىدە، «خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسىگە بۈيۈك بىر ئايدىنلىق، پارلاق بىر ئۇپۇق ياراتماق، شۇنداقلا ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن ھارماي چالىشماق-‹ئەرك› گېزىتىنىڭ مەقسىتى، مەسلىكى ۋە شوئارىدۇر» دەپ يازغان ئىدى. شۇ مەزگىللەردە مىللەتچى ياش سەرخىللار ئارىسىدا تونۇلغان ئۆلىما ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللاممۇ «ئەرك» گېزىتىدە ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە، «بىردىن بىر قورالىمىز-مەتبۇئاتتۇر» دەپ جاكارلىغان ئىدى.
دەرۋەقە، ئىلى ئىنقىلابى بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىققان مىللىي مۇستەقىللىق ۋە سىياسىي مۇختارىيات تەلەپلىرى، شۇنداقلا پىكىر-مەپكۇرە جەھەتتىكى دېموكراتىك ئاتموسفېرا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان سەرخىللىرى ئارىسىدا ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن «ئۈچ ئەپەندى» لەر ئەتراپىغا ئۇيۇشقان تۈرك مىللەتچىلىرىنى مەركەز قىلغان ئىككى چوڭ پىكىر ئېقىمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى مەركەز قىلغان سول ئېقىمدىكى سەرخىللار گۇرۇھى سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي كوممۇنىزمچىلار گۇرۇھى دېيىشكىمۇ بولاتتى. ئىلىدا چىقىدىغان «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى ئىلى گۇرۇھىنىڭ ئاۋازى ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۈرۈمچىدىكى «ئۈچ ئەپەندى» لەر ئەتراپىغا ئۇيۇشقان مىللەتچى سەرخىللار گۇرۇھى مەپكۇرە جەھەتتىن ئوڭغا ماھىل مىللەتچىلىكنى، بولۇپمۇ تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنى تەرغىب قىلاتتى. ئۇلار سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە رۇس كوممۇنىزمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىشىغا قارشى ئىدى. ئۇلار، شەرت-شارائىت پىشىپ يېتىلگۈچە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ)نىڭ كۈنلۈكى ئاستىدا ۋاقىتلىق ئالىي مۇختارىيات ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاندىن ئاخىرىدا مۇستەقىللىقنى قولغا ئېلىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. دەسلەپ لەنجۇدا نەشىر قىلىنغان، بىتىمدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن «ئەرك» گېزىتى مىللەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «ئەرك» گېزىتى نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى، «ئالتاي» نەشرىياتى قارمىقىدا تەسىس قىلىنغان «دەرنەك» ناملىق ئىلىم سۆھبىتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 1948-يىلى سۆزلىگەن خۇلاسە خاراكتېرلىك نۇتقىدا، مىللەتچىلەر گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن غوللۇق ياش سەرخىللاردىن پولات قادىرى، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئىبراھىم مۇتىئى، ھاجى ياقۇپ، ئابدۇللا تىمەن، خېۋىر تۆمۈر، ساتتار بۇلبۇل چوبانى، قۇربان قۇداي، ئۇيغۇر ئادىل، ئەسەدۇللا داموللام قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان ئىدى.
پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، يۇقىرىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا تىلغا ئالغان ياش مىللەتچى سەرخىللار، 1940-يىللاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھەر ساھەدە يېتىشىپ چىققان يېڭى ئەۋلاد بىلىم ئادەملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىل، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، تارىخ، ئىقتىساد، تېبابەت، دىنىي ئىلىم ۋە سىياسەت ساھەسىدىكى نادىر يازمىلىرى ھەم تەلقىنلىرى ئۆز دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 1940-يىللاردا «ئەرك» گېزىتى ئەتراپىغا ئۇيۇشقان ياش مىللەتچى سەرخىللاردا مۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك ئورتاقلىق مەۋجۇت ئىدى: بىرىنچىدىن، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي تەسىرى ۋە كوممۇنىزم مەپكۇرىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىسكەنجە ئاستىغا ئېلىۋېلىشىغا قارشى بولۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن جەدىدچىلىك ھەرىكىتىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان تۈرك مىللەتچىلىكىگە ماھىل ياشلار ئىدى؛ ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەنئەنىۋى مەدرىسە مائارىپى بىلەن 1930-يىللاردىن كېيىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسىدا يېتىلگەن؛ قازان، قىرىم ۋە تۈركىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيگەن تۈرك مىللەتچىلىكى پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا بىلىم قۇرۇلمىسى ئەتراپلىق بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد ياش زىيالىيلاردىن ئىدى.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئەرك» گېزىتى يورۇق كۆرگەن 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى بىرقانچە يىلدا، بۇ گېزىت ئۆز سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلغان كۈچلۈك ماقالە ۋە يازمىلىرى ئارقىلىق، ھەم مىللەتچى خىتاي، يەنى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى ئەشەددىي ئوڭ قانات خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ، ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ كەلگەن. ھەتتا كېيىنكى يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى يۇقىرى مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان تاشكەنتتىكى «شەرق ھەقىقىتى»، ئالمۇتادىكى «قازاق ئېلى» نەشرىياتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتچىلەر گۇرۇھىغا قارشى ئۇيۇشتۇرغان تەشۋىقات ئۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرالىغان.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1949-يىلىنىڭ باشلىرىدا «ئەرك» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «مىللەتچىلەر كىمگە قارشى؟» ناملىق ماقالىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلىرىنى «پانتۈركىزم» قالپىقى بىلەن ئەيىبلىشىگە قارىتا كۈچلۈك رەددىيە قايتۇرغان ئىدى. ئۇ يەنە «ئەرك» گېزىتى ئەتراپىغا توپلانغان تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىلى ئىنقىلابچىلىرى باشلىغان مۇقەددەس مىللىي ئىنقىلابقا قارشى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى كۆتۈرۈپ چىققان شەرقىي تۈركىستان دېگەن مۇقەددەس نام ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراق ئاستىدىكى بۈيۈك مىللىي غايىگە ئاشىنا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلىرىنىڭ تۈركچىلىكى يالغۇز شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ يەردىكى تۈركچىلىك پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، زور بىر تۈرك دۆلىتىنى قۇرۇش غايىسىنى كۈتكۈچى ‹پان-تۈركىستانلىق ھەرىكەت› ئەمەس. ئىلى ئىنقىلابچىلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان دېگەن نام ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراق بىلەن ئىختىلال قىلغان. مىللىي بايراق ۋە مىللىي ئىسىم بىلەن يۇرتنىڭ ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلغان ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا شۇ ئىستەك ئارقىسىدا يۈرگەن مىللەتچىلەر ھۆرمەت قىلماي تۇرالمايدۇ. مىللەتچىلەرنىڭ تۈركچىلىكى يۇرتتىكى ئۇزۇن يىللىق مەھكۇمىيەت ۋە غەپلەت ئىچىدە مىللىي نامىنى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ، دۇنيادىن ئاسان يوقىلىپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا قالغان خەلققە ئۆزىنى تونۇتۇش، ھايات يولى بىلەن مامات يولىنى ئايرىپ كۆرسىتىش، مىللىي ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.»
(داۋامى بار)