مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (22): كەشمىر ۋە ھىندىستاندىكى 6 ئايلىق سىياسىي مۇساپىرلىق

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2023.01.17
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (22): كەشمىر ۋە ھىندىستاندىكى 6 ئايلىق سىياسىي مۇساپىرلىق خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى يىقىلغاندىن كېيىن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ سەپداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى. خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە نازىرى ئابدۇلكېرىم ھاجىم (ئىككىنچى رەت ئوڭدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىرىنچى كىشى)، مۇھەممەت ياقۇپ بۇغرا (بىرىنچى رەت ئوڭدىن يەردە ئولتۇرغان بىرىنچى بالا)، مەھمەت رىزا بېكىن (ئارقا رەت سولدىن ئۆرە تۇرغان بىرىنچى كىشى)، 1937-يىل كەشمىر.
Muhemmed Emin Bughra arxipi

تارىخ كالىندارى 1934-يىلىنىڭ سەھىپىلىرىنى ئاچقاندا، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە كۈلۈپ قارىمىدى، شۇنداقلا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تارىخىي پۇرسەتلەرنىمۇ ئاتا قىلمىدى. 1931-يىلىدىن باشلانغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى 1934-يىلىغا كەلگەندە ئىچكىي-تاشقىي كۈچلەرنىڭ زەربىسى ئارقىسىدا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە يۈز تۇتتى. مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ ئۆلكە ئارمىيەسى بىلەن چېگرادىن ئۆتكەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىدا قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن ما جۇڭيىڭنىڭ تۇڭگان ئەسكەرلىرى، جاكارلانغىلى ئۇزۇن بولمىغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى يىقىتتى. قەشقەرنى بىر مەزگىل مالىمان قىلغان، شۇنداقلا قەشقەر تارىخىدىكى «فېۋرال پاجىئەسى» نى پەيدا قىلغان تۇڭگان ئەسكەرلىرى ما خۇسەننىڭ قوماندانلىقىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، 1934-يىلىنىڭ تومۇز ئايلىرىدا خوتەن ئىلچىنى ئىشغال قىلدى. بۇنىڭ بىلەن 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ھاكىمىيەت مېۋىسى بولغان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى يىقىلدى.

بىرقانچە يۈز ئادىمى بىلەن قاراڭغۇ تاغقا چېكىنگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، بىر مەزگىل پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ما خۇسەن تۇڭگانلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاخىرى ھىندىستانغا چىقىپ كېتىش مەجبۇرىيىتىدە قالىدۇ. تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان گېرمانىيەدىكى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شۇ زاماندا ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى، ئاخىرىدا پەقەت ئامال بولمىغاندا ۋەتەندىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كەشمىرنىڭ مەركىزى سىرىناگار شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان ياركەند سارىيى.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كەشمىرنىڭ مەركىزى سىرىناگار شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان ياركەند سارىيى.
Public Domain

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شۇ ۋاقىتلاردا قاراڭغۇتاغدىكى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا ھىندىستانغا ھىجرەت قىلماقتىن باشقا تاللىشى يوق ئىدى. خۇددى بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدا يازغىنىدەك، تاغ شارائىتىدىن پايدىللىنىپ ما خۇسەن تۇڭگانلىرى بىلەن مەلۇم مەزگىل تىركىشىپ تۇرغىلى بولسىمۇ، ئەمما مىلىتارىست شېڭ شىسەينى يۆلەۋاتقان سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مانا مۇشۇ ئەمەلىي سەۋەبلەرنى نەزەرگە ئالغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ھىندىستانغا ۋاقىتلىق چېكىنىپ تۇرۇپ پۇرسەت كۈتۈش، ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان ھامان ۋەتەنگە قايتا كىرىش پىلانى بىلەن چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ.

بىرىنچى قېتىملىق ھىجرەتنىڭ دەسلەپكى يېرىم يىلىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا كەشمىر ۋە ھىندىستاننىڭ سىرىناگار، ئامرىتسار، دېھلى، بومباي قاتارلىق مۇھىم شەھەرلىرىنى كېزىپ، سىياسىي ۋە دىنىي ساھەدىكى نۇرغۇنلىغان مۇھىم شەخسلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئەنگىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى ھىندىستاندا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى قوللايدىغان ياكى ئۇنىڭغا دەستەك بېرىدىغان بىر ئىمكانىيەتنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆزىتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ جەرياندا ئۇ ھىندىستان خەلقىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئەنگىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى قوللىمايدىغانلىقىنى، ھىندىستاندا تۇرۇپ ۋەتىنى ئۈچۈن بىرەر ئىش تەۋرىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتورانتى، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىمۇ، ھەزرىتىمنىڭ كەشمىر ۋە ھىندىستاندا پەقەتلا 6 ئاي تۇرغانلىقىنى، ئاندىن چىقىش يولى ئىزدەپ پامىر تاغلىرى ئارقىلىق ياكى ۋەتەنگە قايتا كىرىش ياكى ئافغانىستانغا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇنداقتا، ھىجرەتنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ھىندىستاندىن ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ۋە ئۇنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلغان ئامىل زادى نېمە؟ ئۇ نېمە سەۋەبتىن ئەنگىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى ھىندىستاننى تاشلاپ، بۈيۈك بىرىتانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «ئارىلىق رايون» (buffer zone) بولغان ئافغانىستانغا كېتىشنى قارار قىلىدۇ؟

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «ھىندىستاندا تۇرغان مەزگىلدە شۇ قانائەتكە كەلدىمكى، چەت ئەلدە ۋەتىنىم ئۈچۈن مۇھىم بىر ئىش قىلىش شۇ زامانننىڭ دۇنيا سىياسىتىگە ھېچ توغرا كەلمەيدىكەن». پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ يېرىم يىلدىن كېيىنلا ھىندىستاننى تاشلاپ پامىر يولى ئارقىلىق ئافغانىستانغا كېتىشىدە، مۇنداق ئىككى مۇھىم سەۋەبنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن: بىرى، ھىندىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئەنگىلىيەنىڭ قوشنا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىنى ئەسلا خالىمايدىغانلىقى؛ يەنە بىرى ھىندىستاندا گەندى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىلارنىڭ «ھەمكارلاشماسلىق» تىن ئىبارەت پاسسىپ قارشىلىق ئۇسۇلى بىلەن، جىنناھ رەھبەرلىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي قانۇن ھەرىكىتى ئارقىلىق كۈرەش ئېلىپ بېرىش يولى، قوراللىق ئىنقىلاب ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىنى تاللىغان بۇغرا ئۈچۈن ماس كەلمىگەنلىكى ئىدى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.