19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنى قوشنا ئەللەردە يېڭى دەۋرنىڭ ئۇپۇق نۇرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان يىللاردا، شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرى دۇنيا ئېقىمىدىن تولىمۇ ئۇزاقتا قالغان ئىدى. ھالبۇكى، بۇ يىللاردا مىللىي مۇنقەرزلىكنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئىڭراۋاتقان ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ھۆرلۈك ۋە مەرىپەت مەشئىلى ئىزدەۋاتقان كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بۇ ئويغىنىشتا ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىدىن ئەۋەتىلگەن «ياش تۈركچىلەر» ئىقىمىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن تاتار جەدىدچىلىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرى مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، 1913-1914-يىللاردا خوتەندە مەكتەپ ئاچقان تۈركىيەلىك ئىسمائىل ھەققى ئەپەندىنى ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى، دەپ قارايدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرامۇ ئۆزىنىڭ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق خاتىرىسىدە، 1913-يىلى تۈركىيەدىن كەلگەن بىر مۇئەللىمدىن خۇسۇسىي دەرس ئالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ: «ئوتتۇرا تەھسىل ئېلىۋاتقان چاغلىرىمدا، يەنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا، شەرقىي تۈركىستانغا چەت ئەلدىن بەزى گېزىت-ژۇرناللار ۋە ساۇاھەتچىلەر كەلگىلى باشلىدى. بۇ گېزىت-ژۇرناللارنى زوق بىلەن ئوقۇپ، تاغامنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ چەت ئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرىنى قىزىقىش بىلەن ئاڭلايتتىم. 1913-يىلى خوتەنگە كەلگەن تۈركىيەلىك بىر ساياھەتچى مۇئەللىمدىن خۇسۇسىي دەر ئېلىپ، ئاز-تولا زامانىۋىي مائارىپ ۋە سىياسىي تەتقىق تەربىيەسى تەھسىل قىلدىم.»
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خاتىراتىدىكى بىر باياننىڭ ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىدە ۋەتەن-مىللەت تۇيغۇسى ۋە تۈركچىلىك ئېڭىنىڭ قانداق ئويغانغانلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
تۈركىيەلىك ئادىل ھىكمەت بەي يازغان «ئاسىيادا بەش تۈرك» ناملىق كىتاب بىلەن تۈركىيەلىك ئەھمەد كامال ئىلقۇل يازغان «چىن-تۈركىستان يوللىرىدا ئۇنتۇلمىغان خاتىرىلەر» ناملىق كىتابتا، ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىدىن كەلگەن ئىسمائىل ھەققى ئەپەندىنىڭ 1914-يىللاردا خوتەندە مەكتەپ ئېچىپ بالا تەربىيەلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى يوقىرىقى ئىككى كىتابتىكى شۇ بايانلار بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خاتىرىسىدىكى تەپسىلاتلارنىڭ ئۆزئارا جىپسىلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تۈركىيەدىكى پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندىمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئائىلىسىنىڭ خوتەننىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان بىر جەمەتتىن كەلگەنلىكىنى، شۇ ۋەجىدىن ھەزرىتىمنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق يىللىرىدا چەت ئەللەردىن خوتەنگە كەلگەن مۇھىم كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
تۈركىيە چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور نۇرئەخمەت قۇربان ئەپەندىمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خاتىرەلىرى ۋە ئۆزى ھەققىدە قالدۇرغان بىئوگرافىك يازمىلىرىدىن، ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىدا ھەم تۈركىيەدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن تەھسىل كۆرگەنلىكى ھەم تاتار جەدىدچىلىرىنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىنى ئوقۇپ ئۆزىنى تولۇقلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ جىيەنى-مەرھۇم دوكتور ياقۇپ بۇغرانىڭ نەۋرىسىدۇر. نۆۋەتتە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنىستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىنىڭ مۇكەممەل تۈركچە نەشرىنى يورۇقلۇققا چىقارغانلىقى مەلۇم. ئۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك تەھسىلىگە دائىر تەپسىلىي مەلۇماتلار كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما ھەزرىتىمنىڭ خاتىراتىدىكى بەزى بايانلاردىن ئۇنىڭ بالىلىق يىللىرىدا تۈركىيەدىن كەلگەن بىر مۇئەللىمدىن خۇسۇسىي دەرس ئالغانلىقى ۋە تاتار جەدىدچىلىرىنىڭ گېزىت-ژۇرنالللىرىنى قىزىقىپ ئوقۇغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق خاتىرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئومۇمەن 15 يېشىمدىن ئېتىبارەن، خىتايلارغا قارشى نەپرەت ھېسسىياتى، مىللىتىم ۋە يۇرتۇمنىڭ ھالىغا بولغان قايغۇرۇش كەيپىياتى يۈرىكىمدە ئورۇنلاشقىلى باشلىدى. بۇ ھېسسىياتنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە مىللىتىمنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش، دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان ھاياتلىرىنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى كۈندىن-كۈنگە كۈچلەنمەكتە ئىدى. . .»
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ قەلبىدە بىر ئۆمۈر لاۋۇلدىغان ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە تۈركچىلىك ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك-ياشلىق يىللىرىدىكى تەھسىلىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بالىلىق ھاياتىدا ئۇنىڭ قەلبىگە ۋەتەن ئىشقىنى، كۈرەش يولىغا تۈركچىلىك مەپكۇرەسىنى ئورناتقان مۇنداق ئۈچ ئامىلنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. بىرى، 13 ياش ۋاقىتلىرىدا تۈركىيەلىك ئوقۇتقۇچى ئىسمائىل ھەققى ئەپەندىدىن خۇسۇسىي تەھسىل كۆرگەنلىكى؛ ئىككىنچىسى، تاتار جەدىدچىلىرىنىڭ قازان، قىرىمدا نەشىر قىلغان ئورتاق تۈركىي تىلىدىكى ‹تەرجۈمان›، ‹شۇرا›، ‹ۋاقىت› قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللىرىنى ئوقۇپ ئۆزىنى تولۇقلىغانلىقى؛ ئۈچىنچى، شۇ دەۋرلەردە تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىدىن تۈرلۈك يوللار بىلەن ۋەتەنگە كىرگەن كىتاب-ماتېرىياللارنى ئوقۇغانلىقى. ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن تۈرك ئوقۇتقۇچىلار تۈركچىلىك ئىدىيەسى بىلەن قۇراللانغان كىشىلەر ئىدى. جەدىدچىلەر نەشىر قىلغان ‹تەرجۈمان›، ‹شۇرا›، ‹ۋاقىت› قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارمۇ تۈركچىلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇغۇرۇلغان مەتبۇئاتلار ئىدى.»
(داۋامى بار)