مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (4): خوتەن مەدرىسەلىرىدە تۇغۇلغان خىياللار

0:00 / 0:00

مەدرىسە مائارىپى ئۇزاق ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مائارىپ شەكلى ئىدى. بولۇپمۇ قازاندىن كەشمىرگىچە، ئىستانبۇلدىن قەشقەرگىچە بولغان بىيپايان تۇپراقلاردا ياشايدىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىلىم ۋە مەرىپەت ھاياتىدا مەدرىسەلەر ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئىدى. تاتار ئالىمى نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر شەھەر ئىچىدە 14 مەدرىسە، يەركەندە 36 مەدرىسە، خوتەندە ئونلىغان مەدرىسەلەر بار بولۇپ، بۇ مەدرىسەلەردىكى يۈزلىگەن مۇدەررىسلەرنىڭ قولىدا نەچچە ئون مىڭلىغان تالىپلارنىڭ ئوقۇيدىغانلىقى مەلۇم. ئەنە ئاشۇ يىللاردا خوتەندە تۇغۇلۇپ بۈيۈگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىللىرىنى خوتەن مەدرىسەلىرىدە تەھسىل بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كىچىكىدە ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قالغانلىقىنى، كېيىنچە تاغىسى مۇھەممەدنىياز ھاجىمنىڭ ھىمايىسىدە باشلانغۇچ تەھسىلىنى تاماملىغاندىن كېيىن قاراقاشتىكى ئويباغ مەدرىسەسىدە يوقىرى تەھسىل ئالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ۋە «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق كىتابلىرىدا ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق ھاياتىدىكى خىياللىرى ھەم ئىلمىي تەھسىلى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: «ئومۇمەن 15 يېشىمدىن ئېتىبارەن، چىنلىقلارغا قارشى نەپرەت ھېسسى، مىللىتىم ۋە يۇرتۇمنىڭ ھالىغا قايغۇرۇش تۇيغۇسى يۈرىكىمدە ئورۇنلاشقىلى باشلىدى. شۇ ھېسسىياتنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان ھاياتلىرىنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى كۈندىن كۈنگە كۈچەيمەكتە ئىدى. 22 يېشىمدا تەھسىلىمنى تۈگىتىپ، مۇدەررىسلىكنى باشلىدىم. مەدرىسەدىكى دەرس ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدا يېڭىلىقلار كەلتۈرۈشكە تىرىشتىم. بۇ سەۋەپتىن كونا مۇتىئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ھەر خىل دۈشمەنلىكلىرىگە ئۇچرىدىم.»

ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ تاكى 22 ياشقىچە بولغان جەرياندىكى مەدرىسە ھاياتىنىڭ ئۇنىڭ كېيىنكى بىلىم جۇغلانمىسى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغان بولسا، 22 يېشىدىن باشلاپ تاكى خوتەن ئنقىلابى پارتلىغۇچە بولغان جەرياندىكى مۇدەررىسلىك ھاياتىنىڭ 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئۈچۈن شۇنچىلىك زۆرۈر بىر جەريان بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

تۈركىيە چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور نۇرئەخمەت قۇربان ئۆزىنىڭ «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەرىكىتىنىڭ دىنىي دىنامىكلىرى» ناملىق ماقالىسىدە، ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ھەققىدە چوڭقۇر ئانالىز يۈرگۈزىدۇ. ئۇ شۇ يىللاردا خوتەن مەدرىسە مائارىپىدا كۆرۈرلۈشكە باشلىغان يېڭىلىقلار ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر تەرەپتىن دەۋرنىڭ ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خوتەننىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى، يەنى خوتەن رايونىنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ تەسىرىدىن بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

22 يېشىغىچە مەدرىسە تەھسىلىنى تاماملاپ، دىنىي ۋە ئىلمىي جەھەتلەردە بەلگىلىك بىلىم ئاساسىغا ئىگە بولغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1923-يىلىدىن باشلاپ، قاراقاشتىكى ئويباغ مەدرىسەسىدە رەسمىي مۇدەررىس بولىدۇ ۋە ياش تالىپلارنى تەربىيەلەيدۇ. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مەيلى تالىپلىق ھاياتىدا بولسۇن ياكى مۇدەررىس بولغان يىللاردا بولسۇن، مەدرىسەلەرنىڭ مەۋجۇت ئەنئەنىۋىي دەرسلىكلىرى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى پۇختا ئىگىلىگەندىن سىرت، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىچە مەزمۇن ۋە مېتۇدلار بىلەن بېيىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ ياش مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ شۇ يىللاردا بىر تەرەپتىن ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىستانبۇل-قازان مەركەزلىك تۈركچىلىك ۋە ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

دوكتور نۇرئەخمەت قۇربان ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خاتىراتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇنىڭ جەدىدچىلىك پىكىر ئېقىمى بىلەن بالدۇر ئۇچراشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىدە ۋە «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق خاتىرەسىدە، «ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئىستىقبالى» ھەققىدە «مۇھىتىمدا ماڭا يول كۆرسىتىدىغان ياكى تەربىيە بېرىدىغان كىشىلەر يوق ئىدى» دەپ يازىدۇ. بۇ بايانلاردىن بۇغرانىڭ سىياسىي نۇقتىئىينەزەرى ھەم مىللىي دۆلەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىدە جەدىدچىلىك، تۈركچىلىك ۋە ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قوزغاتقۇچ رول ئوينىغانلىقىنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ياشلىق يىللىرىدا، بولۇپمۇ مەدرىسە ھاياتى داۋامىدا ئىككى چوڭ پىكىر ئېقىمىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭ بىرى تاتار جەدىدچىلىرىنىڭ قازان-قىرىمنى مەركەز قىلغان تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسى ئاساسىدىكى جەدىدچىلىك ھەرىكىتى بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە پۈتكۈل تۈركىستان تۇپراقلىرىدا چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. يەنە بىرى جامالىددىن ئافغانى ۋە مۇھەممەد ئابدۇ باشچىلىقىدىكى ئىسلامىي جەدىدىزم، يەنى ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كەڭ جۇغراپىيەلەرگە يېيىلغان ئىدى. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ يوقىرىقى ئىككى خىل ئىدېئولوگىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، بولۇپمۇ ياشلىق يىللىرىدا ئىسلامىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

(داۋامى بار)