يىگىرمە ئىككىنچى قىسىم: جەنۇبتىكى قاچقۇنلۇق يىللىرىدا
1961-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى نىزامىدىن ھۈسەيىن شىگوبى، يەنى جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ئوتۇنكوزا تۈرمىسىدىن قېچىپ ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى 1962-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى داۋانچىڭ بازىرىدا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇ شۇ كۈنى كېچىسى يۈك ماشىنىسىنىڭ كوزۇپىغا سېلىنىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ مېڭىلغىنىدا يېرىم يولدا يەنە قېچىپ كېتىدۇ.
ئاشۇ يىللاردىكى قاچقۇنلۇق قىسمەتلىرى ۋە ھاياتىنى دوغا تىكىپ ئالغان تەۋەككۈلچىلىك قەدەملىرى ھەققىدە توختالغان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىدە مۇنۇ مىسرالارنى قەلەمگە ئالىدۇ:
قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل،
ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل.
جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن،
رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل.
ئۇن قىلار ئۆمرۈمنى يىللار تۈگمىنى،
خالىساڭ مەيلى چاچ، مەيلى تۈگ مېنى.
ۋە لېكىن بارىمنى سۆزلىگىن ئەينەن،
تۆگە دەپ كۆرسەتمە بىر تال تۈگمىنى.
1980-يىللاردىن 1990-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان دولقۇن ئەيسا ئەينى ۋاقىتتا نىزامىدىن ئەپەندىدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئاڭلارمەنلەرگە تەقدىم قىلدى. دولقۇن ئەيسانىڭ نىزامىدىن ئەپەندىدىن ئاڭلىشىچە، مەھبۇس نىزامىدىن ھۈسەيىن داۋانچىڭدىن قېچىپ قاراشەھەرگە كەلگەندە تۇتۇلۇپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق بىر جىددىي پەيتتە مىللىي ئىنقىلاب يىللىرىدا ھەربىي رازۋېدكا خىزمىتى ئىشلەپ مول تەجرىبىگە ئېرىشكەن نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۇستىلىق بىلەن قاراشەھەردىكى قوغلاپ تۇتۇشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
ھازىر گېرمانىيەدە پاناھلىنىۋاتقان، 1990-يىللاردا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ قېشىدا بولغان شاگىرتلىرىدىن ئىزچى ھەبىبۇللا خالىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىزامىدىن ئەپەندى شۇ قېتىملىق قېچىشتا ئاقسۇدا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئەمما شۇ ۋاقىتتا ئاقسۇنىڭ ۋالىيسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ تاشقورغان ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى سەپدىشى ئۆمەروف ئۇنىڭغا باشقا بىر نامدا يوشۇرۇنچە يول خېتى تەييارلاپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نىزامىدىن ئەپەندى ئاقسۇدىن قېچىپ قۇتۇلىدۇ.
نىزامىدىن ئەپەندى قولىدىكى يول خېتى بىلەن قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئېتىكىدىكى كاچوڭ، ئازغانسال قاتارلىق يېزا-كەنتلەردە بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ. ئاخىرى ئامالسىز قاغىلىق تەۋەسى بىلەن تىبەت چېگراسى تۇتۇشىدىغان ئادەمسىز تاغلىق رايوندا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ھەبىبۇللا خالىق ئىزچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ يىللاردا نىزامىدىن ئەپەندى بىر تەرەپتىن قېچىپ يۈرۈپ جان ساقلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۇرسەت بولغان ۋاقىتلاردا خەلق ئىچىدىن ئۇيغۇر تارىخىغا ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر قوليازمىلار، رىسالىلەر ھەمدە ئاغزاكى ئەسلىمىلەرنى توپلىغان ئىكەن.
ھەبىبۇللا خالىق ئىزچىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نىزامىدىن ئەپەندىدىن ئاڭلىشىچە، نىزامىدىن ھۈسەيىن قېچىپ قاغىلىق بىلەن تىبەت چېگراسى ئارىلىقىدىكى بىر مازارلىققا بارغىنىدا ئۇ يەردە يوشۇرۇنچە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان دەرۋىشلەرنىڭ قولىدىن بىر قىسىم قىممەتلىك تارىخىي ۋەسىقىلەرنى قولغا چۈشۈرگەن ئىكەن.
بىر مەزگىللىك قېچىشتىن كېيىن نىزامىدىن ھۈسەيىن ئاخىرى يەنە يەكەنگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە يەكەندىكى كونا دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ يوشۇرۇنۇپ جان ساقلايدۇ. قەھەتچىلىك يىللىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئازغانسالدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ يوشۇرۇنچە ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سوزىدۇ. جىددىي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاچقۇن مەھبۇس نىزامىدىن ھۈسەيىنگە شۇ يىللاردا يەكەن خەلقى ئۆز قوينىنى ئاچىدۇ.
كېيىنچە ۋەزىيەت سەل پەسكۇيغا چۈشكەندە نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۈرۈمچىدە قالغان خوتۇن-بالىلىرىنى دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن يەكەنگە كۆچۈرۈپ ئەكېلىۋالىدۇ. ئەمما ئۆزى داۋاملىق يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ. ئەنە ئاشۇ قىيىن كۈنلەردە ئۇنىڭ ئەمدىلا 5 ياشقا كىرگەن تۇنجى ئوغلى پەرھاتنىڭ ئۆپكىسىگە سوغۇق تېگىپ قاتتىق كېسەل بولىدۇ ۋە يەكەن دوختۇرخانىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00