قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (33)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىم. 1995-يىلى ئۈرۈمچى.
مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىم. 1995-يىلى ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan

ئوتتۇز ئۈچىنچى قىسىم: 20 يىللىق قاچقۇنلۇق ئاخىرلاشقان كۈنلەردە

1970-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە خىتايدا ماۋ زېدوڭ دەۋرى ئاخىرلىشىپ، يېڭى بىر دەۋرنىڭ پەردىسى ئېچىلىدۇ. 1958-يىلىدىن بۇيان «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن 20 يىللاپ تۈرمە ۋە قاچقۇنلۇق ھاياتىنى بېشىدىن كۆچۈرگەن نىزامىدىن ھۈسەيىن 1978-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئايلىرىدا سانجى تاغلىرىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن جايىدىن ئوچۇقچىلىققا چىقىدۇ ۋە بېشىدىكى “قالپاق” ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدە قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە شۇ كۈنلەر ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ.

شۇ يىللاردا ئاشىل يېزىسىدىكى قازاق مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز ئىسمى بىلەن ئوچۇقچىلىققا چىققانلىقىنى، ئۈرۈمچى ۋە سانجىدىن كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ ئاشىل يېزىسىدىكى بىر خاماندا يىغىن ئېچىپ، «نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ بېشىدىكى ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى دېگەن سىياسىي قالپاق ئېلىپ تاشلاندى» دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.

چاچلىرىغا ئاق ئارىلىغان، ئىسىق-سوغۇقتا ۋە ھايات رىيازەتلىرىدە پىشقان، ئەمما ئىلگىرىكى چاققانلىقى ۋە ياشلىق قامىتى سەل پۈكۈلگەن بۇ گەۋدە 20 يىلدىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭ «قالپىقى» نى ئالغان شۇ ھۆكۈمەت ئۇلارغا تۇرالغۇ ئۆي تېپىپ بېرەلمەيدۇ.

20 يىللىق تۈرمە ۋە قاچقۇنلۇق ھايات گويا بىر مەيدان قورقۇنچلۇق چۈشتەك ئاچچىق ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ. 1940-يىللاردا قولىغا قورال ئېلىپ جەڭگاھلاردا ئۇرۇش قىلغان، 1950-يىللاردا ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە خىتاي كومپارتىيەسىگە سوئال قويغان بۇ نەۋقىران يىگىت 20 يىللىق تەقىبدىن كېيىن بەللىرى مۈكچەيگەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ئۆز خاتىرىسىگە «مەن 20 يىل زەربە، خورلۇق ۋە رېجىم بىلەن ئېلىشتىم،» دەپ يازىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن بالا چاغلىرىدا بېشىدىن ئۆتكەن بىر ھېكايە ئارقىلىق دادىسىنىڭ «سىياسىي مەسىلىسى» نىڭ ئائىلىسىگە كەلتۈرگەن ئېغىر روھىي جاراھەتلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

دەرۋەقە، 1958-يىلى نىزامىدىن ئەپەندىگە كىيدۈرۈلگەن «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دېگەن سىياسىي قالپاق ئۇنىڭ 20 يىللىق ياشلىقىنى تۈرمە ۋە قاچقۇنلۇققا مەھكۇم قىلغان بولسا، بالىلىرىنى، بولۇپمۇ ئىككى قىزىنى ئوقۇش ۋە نورمال ياشاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن ئىككى ئاچىسىنىڭ دادىسىنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەن 1980-يىللاردىن سانجى تاغلىرىدا قەپ قېلىپ مۇشەققەتلىك ئۆمۈر ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

1979-يىلى 4-ئايدا نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى سانجى تاغلىرىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىدە ئۆيسىز ۋە ماكانسىز قالىدۇ. ئۇلار دەسلەپتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كونا كېسەك ئۆيلەرنىڭ بىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان بولسا، كېيىنچە ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى تاغ باغرىدا ئۆي سېلىپ ئولتۇرىدۇ.

شۇ مەزگىللەردىكى ھاياتى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن نىزامىدىن ئەپەندى مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: «مەن ‹شىنجاڭ گېزىتى› گە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1983-يىلى ئۆمۈر يولدىشىم ھۆرنىساخان 49 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 1987-يىلى پېنسىيەگە چىقتىم. ھاياتىمدا ئاجايىپ كەچۈرمىشلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ھاياتىم ئېلىشىش، مۇشەققەت چېكىش، زەربە ۋە خورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش ئىچىدە ئۆتتى. پەقەت بىرلا نەرسەم-قەلىمىم يېنىمدىن ئايرىلمىدى. پەقەت بىرلا غايەم-ۋەتىنىم ۋە مىللىتىمنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدىن قەتئىي يانمىدىم. پۇرسەت تۇغۇلغاندىمۇ چەتئەلگە چىقىپ كەتمىدىم، بەلكى خەلقىمنىڭ قوينىدا تۇرۇپ، يىغىسىنى تەڭ يىغلاشنى قەرزىم دەپ بىلدىم.»

(داۋامى بار)

تولۇق بەت