قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (42)
2019.08.13
قىرىق ئىككىنچى قىسىم: «مەن مۇناپىقلارنى ئاقلاپ تارىخ يازمايمەن!»
1995-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا تارىخچى تۇرغۇن ئالماس تۇيۇقسىزلا مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېلىدۇ. ھەبىبۇللا خالىق قاتارلىق بىرقانچە ياش شاگىرتلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان نىزامىدىن ئەپەندى ئىشىكتىن ئالدىراپ كىرىپ كەلگەن مەسلەكدىشى تۇرغۇن ئالماسقا ھەيرانلىق بىلەن قارايدۇ. تۇرغۇن ئالماس ئادىتى بويىچە چاقچاق ئارىلاش: «ئەپەندىم، ھازىر ئۆيلىرىگە بىر مېھمان كېلىدۇ، مەن بۇ مېھماننى ئالاھىدە سىلىنىڭ ھۇزۇرلىرىغا يوللىدىم،» دەيدۇ.
تۇرغۇن ئالماسنىڭ نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ھۇزۇرىغا باشلىغان بۇ ئالاھىدە مېھمىنى-1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر تارىخىدا ئوينالغان سىياسىي تىياتىرلاردا ئەڭ رەزىل رول ئالغان ۋە لەنەتلىك ئوبرازى قالغان ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللىنىڭ قىزى ئىدى. بۇ چاقىرىلمىغان «مېھمان» نىڭ تۇيۇقسىزلا ئۈرۈمچىدە پەيدا بولۇپ تۇرغۇن ئالماس، نىزامىدىن ھۈسەيىن قاتارلىق تونۇلغان تارىخچىلارنى ئىزدەپ كېلىشى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرىدۇ.
شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ شاگىرتلىرىدىن ھەبىبۇللا خالىق بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: «بۇ ئايال ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللانىڭ قىزى ئىكەن. 1980-يىللاردا ئۆتكۈر ئەپەندى ‹ئويغانغان زېمىن› رومانىدا، يازغۇچى مەمتېلى زۇنۇن ‹مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى› ناملىق پوۋېست-درامىلىرىدا ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللانىڭ ئەپتى-بەشىرەسىنى ئېچىپ تاشلىغاندىن كېيىن قەشقەردىكى بالا-چاقىلىرى، بولۇپمۇ بۇ مۇئەللىمە قىزى ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي، دادىسىنى ئاقلاپ چىقىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە چاپقان ئىكەن. قەشقەردە مىرزاھىت كېرىمى، مۇھەممەد روزى قاتارلىق قەلەمكەشلەر بۇ ھەقتە بىر نەرسە يېزىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن قىزى مەخسۇس ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇرغۇن ئالماسنى ئىزدىگەن ئىكەن. تۇرغۇن ئالماس كومېدىيەلىك بىر ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بۇ ئايالنى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە يولغا سالغان ئىكەن. شۇ چاغدا بىز تاسادىپىي بۇ ۋەقەگە شاھىت بولۇپ قالدۇق.»
ھەبىبۇللا خالىق بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل ئىلگىرىكى بۇ ئۇنتۇلماس ۋەقەنى ئەسلەپ، مەرھۇم ئۇستازى نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەڭ جىددىي ئىشلاردىمۇ ئۆز-ئارا چاقچاقلىشىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى چاقچاقلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر دەرس بولۇپ تۇيۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
دېگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىشىك چېكىلىپ، قويۇق قەشقەر شېۋىسىدە سۆزلەيدىغان 50 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايال نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ ئايال كىرىپلا سالام-سائەتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ قەشقەردىن ئالاھىدە كەلگەنلىكى، تارىخچىلاردىن دادىسىنى ئاقلاپ كىتاب ياكى ماقالە يېزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ھەبىبۇللا خالىقنىڭ ئەسلىشىچە، بۇ ئايال دەسلەپتە قەشقەردىكى يەرلىك تارىخچىلار بىلەن يازغۇچىلارنى ئىزدەپ، دادىسى توغرىلىق ئىجابىي ئەسەر يېزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. قەشقەردىكى يازغۇچى ۋە تارىخچىلار بۇنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنى ئىزدەپتۇ. تۇرغۇن ئالماس ئۇنىڭغا «بۇ تېمىغا مېنىڭ كۈچۈم يەتمەيدۇ، سىز بېرىپ نىزامىدىن ھۈسەيىن دېگەن تارىخچىنى ئىزدەڭ، ئۇ كىشى مەندىن ياخشىراق يازىدۇ،» دەپ چاقچاق ئارىلاش جاۋاب بەرگەن ئىكەن.
تۇرغۇن ئالماس شۇ كۈنى بۇ ئايالدىن بۇرۇن نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بۇ ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ئايال نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر سومكا پۇل كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، قانچىلىك ئالىمەن دېسە شۇنچىلىك بېرىدىغانلىقىنى، ئەمما دادىسى ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللا ھەققىدە ئىجابىي ئەسەر يېزىپ، «ئاقلاپ بېرىشى» نى تەلەپ قىلىدۇ.
نىزامىدىن ئەپەندى بۇ ئايالنىڭ سۆزلىرىنى ئىپادىسىز بىر ھالەتتە ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە «ئۇيغۇر تىلى» دەرسى ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان نىزامىدىن ئەپەندى كىنايە بىلەن: «ئاللاغا شۈكۈر، ھېلىمۇ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئەمەسكەنسىز، بولمىسا تارىخنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدىكەنسىز،» دەيدۇ.
ھەبىبۇللا خالىقنىڭ بايان قىلىشىچە، نىزامىدىن ھۈسەيىن تەمكىنلىك بىلەن بۇ ئايالغا 1930-يىللار تارىخىدىن دەلىللەر كۆرسىتىپ، دادىسى ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللانىڭ مىللەتكە، ۋەتىنىگە ۋە دىنىي ئىسلامغا خىيانەت قىلغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى، «مۇناپىقلارنى ئاقلاپ ئۆزىنىڭ تارىخ يازالمايدىغانلىقى» نى ئوچۇق ئېيتىدۇ.
ئاخىرىدا جۈرئەت نىزامىدىنمۇ قوشۇمچە قىلىپ، دادىسى ھايات مەزگىللەردە ئۆيىگە تۈرلۈك-تۈمەن ئىنسانلارنىڭ، يەنى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى، ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللانىڭ قىزىدىن باشقا ھەتتا ئاپئاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى، يەركەندىكى سوپى-ئىشانلارنىڭ بالىلىرىمۇ پۇل كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنى قارىلاپ ئەسەر يازماسلىق ھەققىدە تەلەپ قويغانلىقى، بەزىدە تەھدىتمۇ سالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
(داۋامى بار)